UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىجېلىلى

جېلىلى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر جېلىلىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇجېلىل تۇرسۇن. ئۇ، 1940 - يىل 7 - ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ، خوتەن دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1955 - يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1958 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا كىرىپ، بىلىم ئاشۇرغان. جېلىلى 1959 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە قەشقەردە ئوقۇتقۇچى بولغان، 1975 - يىلدىن 1996 - يىلغىچە <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسى ۋە قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. جېلىلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <كۈلمەكتىمىز قاقاقلاپ> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. جېلىلى يەنە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قەھرىمان>، <ھايات شاماللىرى>، <توققۇز ئىمىزگە> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزپ ئېلان قىلدۇرغان. جېلىلىنىڭ <يۈرەك ئۇچقۇنلىرى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1983 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، بەزى ھېكايىلىرى <دادامغا يېزىلغان خەتلەر> دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. جېلىلى ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى