مۇھەممەتجان مەخسۇم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەتجان مەخسۇم 1902 - يىلى ياركەنتتە تۇغۇلىدۇ. 1916 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ئىلىدا بولغان مەزگىلدە نوقۇل ھالدا سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن <ئىلى ئازادلىق تەشكىلاتى> غا قاتنىشىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت ئەزاسى، ئالىي سوت باشلىقى بولىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1962 - يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.