ئەلقەم ئەختەم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئەلقەم ئەختەم 1922 - يىل 8 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ خۇداياريۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1937 - يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان. ئەلقەم ئەختەم 1939 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن ئۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان گېزىتىدە مۇخبىر ھەم مۇھەررىر بولغان، 1947 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمىلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مۇخبىر سۈپىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەن، 1949 - يىلدىن كېيىن ئىلى رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئەلقەم ئەختەم 1956 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 - يىلى دەم ئىلىشقا چىققان، 1990 - يىلى 6 - ئايدا ۋاپات بولغان.
ئەلقەم ئەختەمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى 1940 - يىللاردىن تارتىپ رەسمىي باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ، ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن كۆچلۈك بولغان ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى <قەشقەر قىزى>، <ئۆچمەس تىلەكلەر>، <تاڭ ئاتقاندا>، <بېيجىڭ>، <بەردىم جاۋاب>، <دەۋرىم> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <سائادەتخان>، <ئالۋاستى> قاتارلىق داستانلارنى يازغان. ئەلقەم ئەختەم يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىقتا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھاياتىغا بېغىشلانغان <يىراقتىكى ئۇچقۇنلار> ناملىق كىنو سىنارىيىسىنى يېزىشقا قاتناشقان، ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۈمىد دولقۇنلىرى> (1951 - يىل، ئالمۇتا <يېڭى ھايات> نەشرىياتى)، <كۈرەش دولقۇنلىرى> (1957 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <يېڭىش دولقۇنلىرى> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بار.
ئەلقەم ئەختەم ھايات ۋاقتىدا 1 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.