UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن

ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ژۇرنالىست ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن 1942 - يىل 9 - ئايدا قەشقەر شەھەرىگە تەۋە شامالۋاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان؛ 1957 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دەسلەپ ئاقسۇنىڭ قىزىل رايونىدا، كېيىنچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن باشلاپ <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تۈندە يانغان چىراغلار> ناملىق شېئىرى بىلەن رەسمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مول ئىدىيۋى مەزمۇنغا، خېلى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيىگە ئىگە <كۈلۈپ ياشايلى قىسمىتىمىزدىن>، <نۇزۇگۇم خاتىرىسىگە>، <چۈش>، <ئۇلۇغلايلى ئىنساننى>، <ئېتىقاد>، <ئۆزۈمگە سوئال>، <شېئىر ۋە شائىر> قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى شېئىرلارنى؛ <كىتاب ھەققىدە باللادا>، <نۇزۇگۇم> قاتارلىق باللادىلەرنى، <بۈركۈت ناخشىسى> قاتارلىق داستانلارنى ۋە نۇرغۇن رۇبائىيلارنى يازغان. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن ئۆز نۆۋىتىدە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <كەچكى تاماق>، <گۈلجامال>، <قارىغۇجا>، <سەلەي چاققان>، <نۇزۇگۇم> قاتارلىق ھېكايە، پوۋېست، نەسىر ۋە درامىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپلا ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <زوھوردىن ھېكىمبەگ دەۋرىدىكى مەدەنىي ھايات ۋە ئەدەبىيات>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ژانىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجى>، <ماقال - تەمسىللەر ۋە ئۇنىڭ يازما ئەدەبىياتتىكى رولى>، <ئىلھام توغرىسىدا>، <دېڭىز ئۈنچىلىرى> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە رەتلەش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇن ئاچقۇچ> (ھاجى مىرزاھىد كىرىمى بىلەن بىللە، 1982 - يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا> (1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، <ئۆچمەس يۇلتۇزلار> (1982 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <دېڭىز ئۈنچىلىرى> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، <نۇرلۇق چولپان> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى، <قىيان> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر، نەسىرلەر، دراما توپلىمى، <كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت> (مۇھەممەترېھىم ھاجى تۇرسۇن بىلەن بىللە، 1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ماقالىلەر توپلىمى، <سېھىرلىك ئالتۇن> (1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار ئوقۇشلۇقى، <شەپەق جۇلاسى> (1994 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى) نامالىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى