UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئوبۇلقاسىم ياقۇپ

ئوبۇلقاسىم ياقۇپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئوبۇلقاسىم ياقۇپ قەشقەر شەھەر بەشئېرىق مەھەللىسىدە 1902 - يىلى تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1910 - يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ 1911 - يىلىدىن 1917 - يىلىغىچە قەشقەردە دىنىي مەكتەپ ئوقۇيدۇ. 1918 - يىلىدىن 1923 - يىلىغىچە دادىسىغا ئەگىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكە (ئاساسەن لەنجۇ، شىئەن) لەردە ۋە كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە جۇمھۇرىيەتلىرىدە تىجارەت قىلىدۇ. شۇ يىللاردا بىر مەزگىل قازان دارىلفۇنۇنىنىڭ سودا بوغالتىرلىق سىنىپىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن 1924 - يىلىدىن 1927 - يىلىغىچە پىتىرۇرگتا بىر ئالىي مەكتەپتە رۇس تىلى، رۇس ئەدەبىياتى ئۆگىنىدۇ. شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى ئىلغار ئىدىيىسنى قوبۇل قىلىدۇ. كېيىن ئۇ لەنجۇغا بېرىپ، 1928 - ۋە 1929 - يىلىدىن 1931 - يىلىغىچە قەشقەردىكى چەت ئەل پېرېۋوت ئىدارىسىغا بوغالتىر بولىدۇ. 1934 - يىلى قەشقەردە ئۇيغۇر مەدەنىي ئارقارتىش ئيۇشمىسى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەپ، قەشقەر ئۇيغۇر سانايىنەپسە (تىياتىر ئۆمىكى) قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىدۇ، سەھنە ئويۇنلىرىدا باشلامچى بولۇپ يېڭىلىقنى تەرغىب قىلىدۇ. 1935 - يىلىدىن 1936 - يىلىغىچە قەشقەر ۋالىيسى شۈي لەنگە(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەزاسى) تەرجىمان بولىدۇ. شۈي لەننىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىخىدىن بەرگەن ئالاھىدە دەرسىنى تەرجىمە قىلىدۇ ۋە ۋدالىينىڭ شەخسىي كاتىپى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1937 - يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا مەسئۇل بولىدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي ساقچى ئىدارىسى 2 - رازۋېدكا بۆلۈمىگە بۆلۈم باشلىقى بولىدۇ. 1937 - يىلىدىن بولىدۇ. 1939 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى