UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپەرھات ئىلياس

پەرھات ئىلياس

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە مۇھەررىر پەرھات ئىلياس 1964 - يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چاغىتاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1972 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1982 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ مىللەتلەر تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، 1987 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۇقۇتقۇچى بولغان، 1990 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى <دۇنيا ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. پەرھات ئىلياسنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 80 - يىللاردا شېئىر يېزىش بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ يېڭى ئۇسلۇبتىكى نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. پەرھات ئىلياس يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئارمانلار يېلىنجايدۇ>، <قومۇشلۇقتىن باشلانغان يوللار> قاتارلىق پوۋېستلارنى يازغان، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ بىر قىسىم داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. پەرھات ئىلياسنىڭ <چوغ سورىغان بالا> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1993 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. پەرھات ئىلياس ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
پەرھات ئىلياس | UyghurWiki | UyghurWiki