UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتوختى ئېلى لۈيجاڭ

توختى ئېلى لۈيجاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى توختى ئېلى 1888 - يىللىرى توقسۇندا دېھقان ئەمەت ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، ئىپىتىدائىي دىنىي بىلىم ئالىدۇ. كېيىن ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1920 - يىلدىن كېيىن ئاكىسى تۆمۈر ئېلى (سىجاڭ) بىلەن ھارىۋىكەشلىك قىلىدۇ. ۋە توقسۇندا دەپ ئېچىپ، ھارىۋىكەشلەر ئاقساقىلى بولىدۇ. 1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا توقسۇندا «تۇرپان خەلقى قوزغىلىپتۇ» دېگەن يالغان خەۋەر تارقلىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان توقسۇندىكى دېھقان، چارۋىچى، ھۈنەرۋەن ۋە بىر قىسىم ھارۋا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توپلىشپ، 1933 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قولىغا تاياق، توقماق ئېلىپ، توقسۇن بازىرىغا توپلىنىدۇ. قوزغىلاڭغا ھارىۋىكەشلەردىن، توختى ئېلى، ھەيتى، مىللىك ھاجىلار باشچىلىق قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار توقسۇنغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ. توقسۇننى ئالغاندىن كېيىن توختى ئېلىنىڭ دېنىدە قوماندانلىق شتابى تەشكىل قىلىپ، توختى ئېلىنى باشلىق قىلىپ سايلايدۇ. بۇ كۈنلەردە تۇرپاندا، مەخسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا توپلانغان پارتىزانلار شتابى توختى ئېلىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا تۇەنجاڭلىق ئۇنۋانى بېرىدۇ. دەل شۇ چاغدا ماشمىن ماچەنلۇ دېگەن خۇيزۇنى توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىغا مۇشاۋىر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ماچەنلۇ توقسۇنغا كېلىپ، خۇيزۇلاردىن 80 كىشىنى تەشكىللەپ، كۇيۇنفۇ دېگەن كىشىنى تۇەنجاڭ قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن توقسۇندا توختى ئېلىنىڭ ئۇيغۇر تۇەنى، كۇيۇنفۇنىڭ خۇيزۇ تۇەنى بارلىققا كېلىدۇ ۋە ئۇلار بىرلىكتە قارا شەھەرگە يۈرۈش قىلىدۇ. قارا شەھەردىن ھاپىز زۇڭجاڭ قاتارلىق كىشىلەر توختى ئېلى تۇەنجاڭغا قوشۇلىدۇ. توختى ئېلى ھاپىز زۇڭجاڭغا يىڭجاڭلىق ئەمەل بېرىدۇ. قوزغىلاڭچىلار كورلىنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇ چاغدا توختى ئېلى تۇەنجاڭلىقتىن لۈيجاڭلىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. توختى لۈيجاڭ بىر قانچە قېتىملىق ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشىدىن باشقا، شېڭ شىسەي قوشۇنىنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قوماندانلىقق قىلىدۇ. كېيىنكى بىر جەڭدە، شېڭ شىسەيگە ياردەمگە كەلگەن قىسمنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا قالىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوقى ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ 50 دەك ئەسكىرىنى مەيدانغا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئۇرۇش مەيدانىدىن چىقىپ ئىككى ساندۇق ئوقنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئۆز قىسمىنى تاپالمايدۇ. ئۇ چاغدا توختى ئېلى يېنىدىكى ئەمەت دېگەن كىشىگە «سەن ھارۋىدىكى ئاتنى مىنىپ جېنىڭنى ئال»، دەپ ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. شۇ چاغدا ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى باستۇرۇپ كېلىدۇ. توختى ئېلى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، بىر تاشلاندۇق كارىزغا يوشۇرۇنىدۇ. كېيىن ھەۋزۇل دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنىدۇ. شۇ كۈنلەردە يەرلىك كىشىلەر مەسلىھەت قىلىپ، «فۇچۇەن قومانداننىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن بولغان ھىداي باي، ھەمدۇل شويىلار تۆمۈر ئېلى بىلەن قۇدا - باجا، بىز بۇ ئىككى كىشىگە توختى ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى دېسەك ئۇلار فۇچۇەن قوماندانلىق دەپ توختى ئېلىنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن مەسلىھەت كېلىپ، توختى ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى ھىداي باي بىلەن ھەمدۇل؛ شويىغا جەۋەر قىلىدۇ. ئۇلار ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا توختى ئېلىنى تۇتۇپ، شېڭ شىسەينىڭ توقسۇندىكى قوماندانى فۇچوەنگە تاپشۇرىدۇ. فۇچوەن توختى ئېلىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى