UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇراخمان قاھار

ئابدۇراخمان قاھار

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھار 1936 - يىلى 1 ـ ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ بينىكسىك مەھەللىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسىنى غۇلجا شەھىرىدە ئالغان. 1953 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1989 - يىل 7 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئابدۇراخمان قاھار ئەدەبىيات ساھەسىگە 50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن ۋە شۇ يىللاردا بىر قېتىم شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. كېينچە، ئۇ مەخسۇس پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئانا ۋەسىيىتى>، <ئەمەت ھاجى>، <دېھقان سازەندە> قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بىر تۈركۈم يىرىك ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پروزىچىلىق ساھەسىدە خېلى چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىككى توملۇق <ئېلى دولقۇنلىرى>، <ھايات سىرى> رومانلىرى؛ <كەچۈر، مېنى نازاكەت>، <بەخت>، <ئاھ، ياشلىقىم> پوۋېستلىرى ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇراخمان قاھارنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئىلى دولقۇنلىرى> (ئىككى قىسىم، 1985 -، 1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ھايات سىرى> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <كەچۈر، مېنى نازاكەت> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ئاھ، ياشلىقىم> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى، <ۋاپا> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <كۆڭۈل> (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. ئابدۇراخمان قاھار ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇراخمان قاھار | UyghurWiki | UyghurWiki