UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەھمەد يۈكنەكى

ئەھمەد يۈكنەكى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى، مەشھۇر ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىغا دائىر مەلۇماتلارنى بىز پەقەت ئۇنىڭ دىداكتىك مەزمۇندا ياراتقان داستانى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تىن ۋە بۇ ئەسەرنىڭ قول يازمىلىرىغا باشقا شەخسلەر تەرىپدىن يېزىپ قويۇلغان ئىزاھ، چۈشەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى يازمىلاردىن ئالىمىز. ئاپتور داستاننىڭ ئاخىرىدا ئۆزى توغۇرلۇق: ئەدىب ئەھمەد ئاتىم، ئەدەب - پەند سۆزۈم سۆزۈم مۇندا قالۇر، بارۇر بۇ ئۆزۈم (ئېتىم ئەدىب ئەھمەد، سۆزۈم پەند - نەسىھەت، جىسمىم كېتەر، سۆزۈم مۇندا قالۇر.) دەپ يازغان مىسرالاردىن ۋە 15 - ئەسىردىكى تۆمۈرىيىلەر خاندانلىقىنىڭ ئەمرى ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن يېزىلىپ، داستاننىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان: ئەدىبنىڭ بەرى ئاتى يۈكنەك ئەرۈر، سافالىغ ئەجەپ يەر كۆڭۈللەر يارۇ. (ئەدىبنىڭ يۇرتىنىڭ ئىسمى يۈكنەكتۇر، ئۇ كۆڭۈل يايرايدىغان ساپ ھاۋالىق ياخشى يەردۇر.) ئاتاسى ئاتى مەھمۇدى يۈكنەكى، ئەدىب ئەھمەد ئوغلى يوق ئول ھېچ شەكى. (ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇد يۈكنەكىدۇر، ئەدىب ئەھمەد ئۇنىڭ ئوغلى، بۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر.) تامامى ئەرۇر كاشغەرى تىل بىلە، ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلە. (ئەسەر پۈتۈنلەي قەشقەر تىلى بىلەن يېزىلغان، ئەدىب بۇنى چىن دىلىدىن چىقىرىپ ئېيتقان.) دېگەن مىسرالاردىن بىز ئەدىبنىڭ ئىسمى، يۇرتى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە ئەسەرنىڭ تىلى ھەققىدىكى مالۇماتلارغا ئىگە بولىمىز. تارىخىي مەنبەلەر ۋە تەتقىقاتچىلاردىن يۈكنەك شەھىرىنىڭ سەمەرقەند ئەتراپىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ ئەدەبىي ئەنئەنىسى ۋە تىلى ئۇنىڭ غەربىي قاراخانىلار خانلىقى ئەمىر (ئىلىكخان) لىرىدىن مۇھەممەد داد ئىسپەھسالار بەگكە تەقدىم قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت تەرەپلەرگە قاراپ، ئۇنى 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن كېيىنرەك ۋە 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تىكى نامەلۇم بىر كاتىپ تەرىپىدىن يېزىلغان 1 - ئىلاۋىدا: «تۇغا كۆرمەز ئەردى ئەدىبنىڭ كۆزى تۈكەدى بۇ ئون تۆرت باب ئىچرە سۆزى» (ئەدىبنىڭ كۆزى تۇغما كۆرمەس ئىدى، سۆزى بۇ تۆت باب ئىچىدە تاماملاندى.) دەپ يېزىلىپ، ئەدىبنىڭ تۇغما ئەمالىقتىن ئىبارەت جىسمانىي ئاجىزلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىمۇ ئۆزىنىڭ «نەسائىمۇل مۇھەببەت» («مۇھەببەت شاماللىرى») ناملىق ئەسىرىدە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ كۆزى ئەما ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ دىل كۆزىنىڭ ئوچۇق، ساق كىشىلەرگە قارىغاندىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شەيخلەر قاتارىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ يۇقىرى باھا بېرىدۇ. شۇنداقلا ئەدىبنىڭ داستانىدىكى: «تىلىڭ بەكتە تۇتغىل تىشىڭ سىنماسۇن قالى چىقسا بەكتىن تېشىڭنى سىيۇر» (تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن چىشىڭ سۇنمىسۇن، ئەگەر ئۇ قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ) دېگەن مىسرالىرىنى ئۆز ئەسىرىدە كەلتۈرىدۇ. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتىغا قاراپ، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنى 12 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن شائىرلاردىن بىرى، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرى ئىلىم دۇنياسىغا مۇشۇ ئەسىرىمىزنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ مەلۇم بولدى. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ بەش خىل قول يازما نۇسخىسى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ، مىلادى 1444 - يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ھازىر ئىستانبولدىكى ئاياسوفيا كۇتۇپخانىسىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادى 1480 - يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىمۇ ئوخشاشلا ئاياسوفيا كۇتۇپخانىسىدا، كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق بولمىغان نۇسخا ئىستانبولدىكى توپقاپى - سارايى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تولۇق بولمىغان يەنە ئىككى نۇسخىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەنقەرە كۇتۇپخانىسى بىلەن بېرلىندىكى پروسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارىمىقىدىكى تۈرك - ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرى بۆلۈمىدە ساقلىنىدۇ. داستان ئۆزىنىڭ ، « نۇسخىلىرىدا ئېيتىلغان نامىغا ئاساسلىنىپ، دەسلەپ «ھببەتۇلھەقايىق» («ھەقىقەت سوۋغىسى») دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھەممىدىن قەدىمكى ۋە بىر قەدەر تولۇق بولغان نۇسخىنىڭ تېپىلىشى ۋە بۇ نۇسخىدا داستان نامىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» («ھەقىقەت بوسۇغىسى») دەپ ئاتالغانلىقى، شۇنداقلا، بۇ نامنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ھازىر ئۇ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» دەپ ئاتالماقتا. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» نى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە دەسلەپكى نەشرىنى مەيدانغا چىقىرىش ئىشى تۇنجى قېتىم تۈرك ئالىمى نەجىپ ئاسىم تەرىپىدىن ئورۇندالدى. ر . ئارات 1951 - يىلى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھازىر بار بولغان نۇسخىلىرى ئاساسىدا دەسلەپكى مۇكەممەل تېكىستنى ئوقۇپ تۇرغۇزۇپ چىقتى. دىداكتىكا مەزمۇنىدىكى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانى 14 باب، 484 مىسرادىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە تەرىقىسىدە قوشۇپ قويۇلغان ئۈچ پارچە شېئىرنىمۇ بىللە ھېسابلىغاندا، داستان 514 مىسرا بولىدۇ. داستاننىڭ ھەمدۇ سانا، نەئىت ۋە كرىش قىسمىنى تەشكىل قىلغان، غەزەل شەكلىدە يېزىلغان. بەش بابىدىن كېيىن، ئالتىنچى بابتىن باشلاپ ئاپتور تۆتلۈك شېئىرىي شەكىل بىلەن بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى؛ تىلنى تىزگىنلەش؛ دۇنيانى توغرا تونۇش؛ مەردلىك ۋە بېخىللىق؛ كەمتەرلىك ۋە تەكەببۇرلۇق، ئاچكۆزلۈك، كەڭ قورساقلىق ۋە سەۋرچانلىقتىن ئىبارەت 11 مەسىلە توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىجتىمائىي - ئەخلاقىي مەسىلىلەر، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراش نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەلىم - تەربىيە، پەند - نەسىھەت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئەنئەنىلىرى ئىزىدىن ماڭغان. داستاندىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر (مەسىلەن، بىلىم، تىل، كىشىلىك ۋە كىشىلىك ئەخلاقى مەسىلىلىرى) دە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ مەسىلىسىنى قويۇشى ۋە قاراشلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. «ئەتەبەتۇلھەقايىق» داستانى «قۇتادغۇبىلىك» تىكى تۆتلۈكلەر ئۇسلۇبى بويىچە، ئوخشاشلا مۇقارىپ بەھرىنىڭ مۇتەقارىپ مۇسەممەنى مەھزۇپ ياكى مۇ تەقارىپ مۇسەممەنى ۋەزىنىدە يېزىلغان. يۇقىرىقى تەرەپلەر، شۇنداقلا، ئاپتورنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشى، ئەدىب ئەھمەد يۈكتەكىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەنە شۇ دەۋرلەردە ئاساسىي ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ داۋام ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئەتەتۇلھەقايىق» تىلىنىڭ فونېتىك، گراماتىك ۋە لېكسىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىر تەرەپتىن «قۇتادغۇبىلىك»كە يېقىنلاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قىسسەئى رەبغۇزى»غا يېقىندۇر. ئەسەردە قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرى ئەدەبىي تىلى _ «خاقانىيە تىلى» (ئەسەردە بۇ تىل «قەشقەر تىلى» دەپ ئاتالغان) ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا، «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنىڭ ئامىللىرىمۇ روشەن كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ، تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرنى تىل جەھەتتىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلى دەۋرىگە ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇھىم «كۆۋرۈك» لۈك رول ئوينىغان، دەپ قارايدۇ. قىسقىسى: «ئەتەتۇلھەقايىق» داستانى ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ..
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەھمەد يۈكنەكى | UyghurWiki | UyghurWiki