UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەھمەد زىيائىي

ئەھمەد زىيائىي

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئەھمەد زىيائىي 1913 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ، كىچىك چاغلىرىدا دادىسىدا ئوقۇپ، ئەرەب - پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن، 1935 - يىلدىن 1943 - يىلغىچە قەشقەردە چىقىدىغان <يېڭى ھايات گېزىتى> (كېيىن نامى <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن) ئىدارىسىدا تەرجىمان، مۇھەررىر ۋە مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئەھمەد زىيائىي كېيىنچە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ <شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ ئەدەبىيات بېتىنى ئىشلەش ۋازىپىسىگە قويۇلۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن قىسقا ۋاقىت بىرگە ئىشلىگەن. ئەھمەد زىيائىي ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قولغا ئېلىنىپ، 1946 - يىل 6 - ئايغا قەدەر تۈرمىدە ياتقان. ئۇ، تۈرمىدە رۇس تىلى ئۆگەنگەن ھەم لۇغەت ئىشلىگەن. ئەھمەد زىيائىي 1946 - يىل 7 - ئايلاردا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، سودا كارۋانلىرى بىلەن پاكىستان - ھىندىستان تەرەپلەرگە بارغان، 1947 - يىلى <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> دە ئىشلىگەن. كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ بېرىپ، 1960 - يىلغىچە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەھمەد زىيائىي 1980 - يىلدىن كېيىن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 - يىلى پېنسىيگە چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 1989 - يىل 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەھمەد زىيائىينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ئائىلىسىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان. 30 - يىللاردا <يېڭى ھايات گېزىتى> دە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ، شۇ چاغلاردىن تارتىپلا <مۇھەببەت ۋە ھايات>، <يۇرت - ئەل ئۈچۈن>، <نەي ساداسى>، <شائىر خىيالى>، <ئىچكىنىڭ كىمنىڭ قېنى>، <كۈرەشچان بولمىغۇچە> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان. گەرچە ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن شېئىرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، بەدىئىي سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى، ئەھمەد زىيائىينىڭ ئىجادىيىتىدە <رابىئە - سەئىدىن> ناملىق چوڭ ھەجىملىك داستان ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئەسىرىدە رابىئە - سەئىدىندىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى تېمىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كلاسسىك شېئىر شەكىللىرىدىن غەزەل شەكلى ئارقىلىق ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەھمەد رىيائىي 40 - يىللاردا <لاداخ يولىدا كارۋان> ناملىق پوۋېستىنى، <ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە> ناملىق ماقالىسىنى؛ <ۋاڭ جىڭۋى>، <قارا كۈنلەر، نۇرلۇق ھايات> قاتارلىق دراما ۋە ئوبزۇرلارنى يېزىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ئەھمەد زىيائىي 1950 - يىلدىن تارتىپلا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ، <رابىئە - سەئىدىن>، <زەپەرنامە>، <مۇھەببەتنامە - مېھنەتكامە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشتۈرگەن ھەمدە <تۈركىي تىللار دىۋانى> نى ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، 80 - يىللاردىن كېيىن نۇقتىلىق قىلىپ، مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەر - <قۇتادغۇبىلىك> نىڭ نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە كۆرۈنەرلىك كۈچ چىقارغان ھەم بۇ ھەقتە بىر نەچچە ماقالە يازغان. ئەھمەد زىيائىي مۇشۇ ئەمگىكى ئۈچۈن مۇناسىپ شۆھرەتكە ئېرىشكەن ھەم ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولغان. ئەھمەد زىيائىي كېيىنكى يىللاردا <قۇتادغۇبىلىك> تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <تارىخىي ئابىدىلىرىمىزنىڭ ئىجادچىلىرى - يۈسۈپ ۋە مەھمۇد> ناملىق تارىخي داستاننى، <تۆت ئۆلۈپ، تۆت تىرىلىش> ناملىق بىئولوگرافىك روماننى يازغان. ئەھمەد زىيائىينىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <توزۇماس چېچەكلەر> (1948 - يىل، <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسى باستۇرغان) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <لاداخ يولىدا كارۋان> (1948 - يىل، <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسى باستۇرغان) ناملىق پوۋېستى، <ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە> (1949 - يىل، <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسى باستۇراغان) ناملىق مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ئەسىرى ۋە <رابىئە - سەئىدىن> (1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق چوڭ ھەجىملىك داستانى، <ئەھمەد زىيائىي ئەسەرلىرى> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئەھمەد زىيائىي ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەھمەد زىيائىي | UyghurWiki | UyghurWiki