مۇھەممەد رەسۇل شەۋقى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يېقىندا، يولداش ھەبىبۇللا مۇھدىننىڭ ئىزدىنىشى بىلەن يەكەندىن تېپىلغان «دىۋان شەۋقى» ناملىق قول يازما توپلام ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇھەممەد رەسۇل شەۋقى ئىسىملىك ئەدىبنى ئېلىپ كىردى. (ئاپتور ۋە ئەسەر ھەققىدىكى مەلۇمات «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1987 - يىلى نەشىر قىلىنغان ئومۇمىي 20 - سانىدا بېرىلگەن. مەزكۇر ماۋزۇ ئەنە شۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلاندى.)
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى قايتا كۆچۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بۇ قول يازما دىۋاندىن مەلۇم بولۇشىچە، دىۋاندىكى شېئىرلا مۇئەللىپنىڭ ئىسمى مۇھەممەد رەسۇل بولۇپ، ھىجىرىيە 1270 - (مىلادى 1853 -) يىلى تۇغۇلغان. دىۋان مۇقاۋىسىغا كاتىپ تەرىپىدىن قىستۇرۇلغان بىر پارچە قەغەزگە يېزىلغان: «بۇ شەۋمى كىتابىنىڭ مۇسەننىفى گۇما قوشتاغىلىق موللا مۇھەممەد رەسۇل بىننى موللا نەزەر ئەفىيەللاھۇ ئەنھۇ. ئول كىشىنىڭ قەلەم رىشھەسىدىن يېزىلغان ئىكەنلەر» دېگەن سۆزلەر بىزنى ئاپتورنىڭ يۇرتى ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دىۋان شەۋقى» دىكى بىر قىسىم غەزەللەرنى تاللاپ نەشىرگە تەييارلىغۇچىلارنىڭ («بۇلاق» مەجمۇئەسىدە 58 پارچە غەزەل، بىر مۇسەببەئ ئېلان قىلىندى) ئېيتىشىچە، دېيىتىشىچە، دىۋاندا غەزەللەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يەنە بىر قىسىم رۇبائى، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەببەئلەرمۇ بار ئىكەن. شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي تېمىدىكى شېئىرلار بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم قائىدە - يوسۇنلىرىنى شەرھلەشنى مەقسەت قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلارمۇ، مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلىگەن. نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قول يازما شائىرنىڭ ھەممە ئىجادىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق توپلام بولماستىن، بەلكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا كۆچۈرگۈچى تەرىپىدىن دىنىي مەزمۇندىكى شېئىرلىرىلا تاللىنىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن. شائىرنىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى، دىۋاننىڭ باشقا نۇسخلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.»
ئومۇمەن «دىۋان شەۋقى» دىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسىنىڭ تېپىلىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا يەنە بىر يېڭى مەزمۇن قوشقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىكتۇر.