بارات كېچىسى ئويۇنى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
بۇ دىنىي مۇراسىم ئويۇنى بولۇپ، ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئۇ، <بارات كېچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈنى كىشىلەر ئۆي - ئۆيدىن ياغلىقاپاق، توغاچلاردىن يېقىلغان مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىقلارغا توپلىنىپ، ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇقام ۋە ھۆكمەتلەرنى ئوقۇپ ساما سالقىدۇ. ھېكايە - چۆچەك ۋە قىسسە ئېيتىشىدۇ. شۇنداقلا، مەھەللىدىكى ياشلار - بالىلار جەم بولۇپ، ياغلىقاپاقنى ئۇزۇن بادىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ، مەسچىتنىڭ ئۆگزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئېگىزلىككە چىقىپ مەشئەل يېقىپ:
بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ،
قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ.
دەپ باشلىنىدىغان <بارات قوشىقى> نى يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بىلەن توۋلاپ ھەممە كىىنى <بارات كېچىسى> نىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇنى <ۋەششەمسى توۋلاش> دەپ ئاتايدۇ. <ۋەششەمسى> توۋلىغانلارغا كىشىلەر ئۆيلىرىدە پىشۇرغان پاشكال - قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلىشىدۇ، <بارات كېچىسى> ئەرۋاھلارنى يوقلاش مۇراسىمى بولۇپ، كونا بارات، يېڭى بارات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ روھىغا سېغىنىش كونا بارات، شۇ يىلى ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى يوقلاش يېڭى بارات دېيىلىدۇ.
<بارات كېچىسى> گەرچە ئىسلام دىنى مۇراسىمى ئويۇنى دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىغا <ئەجدادلار روھىغا سېغىنىش> تىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ روھى سىڭگەن.