UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىداۋۇت

داۋۇت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەينى يىللاردا، ئۈرۈمچىدىكى <نىڭشاۋەن> بۇتخانىسىدا دائىم جىڭجۈي تىياتىرى قويۇلاتتى. بۇ ئويۇندا داۋۇت ئىسىملىك بىر كىشى ئاساسلىق رول ئالاتتى. كىشىلەر ئويۇن كۆرۈشكە بېرىشتىن بۇرۇن جىڭجۈي چامباشچىسى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئارتىسى داۋۇتنىڭ شۇ ئويۇندا بار - يوقلۇقى ۋە قايسى رولنى ئالىدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېلەت ئالاتتى. داۋۇت ئەسلىدە تۇرپانلىق بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىلا ئۈرۈمچىگە چىقىپ مەدىكارلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇ زاماندا ئۈرۈمچىدە <گۇاڭمىڭ> قاتارلىق بىر - ئىككى خەنزۇ چاڭچىلخانىسىدىن باشقا تىياتىرخانىلار يوق ئىدى. پەقەت چايخانا، ئاشپۇزۇل، بەزمە - مەشرەپ سورۇنلىرىدىلا ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشاتتى. داۋۇت ئاشۇنداق سورۇنلاردا نەغمە قىلىدىغان ئۇستا سازەندە بولۇپ قالماستىن، ھەتتە خەنزۇلار باشقۇرغان چاڭچىلىخانىلارغىمۇ بېرىپ ئويۇن كۆرۈش جەريانىدا خەنزۇچە چاڭچىلە ناخشىلىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. <گۇاڭمىڭ> تىياتىرخانىسىنىڭ باشلىقى خې جىنشا داۋۇتنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ <گۇاڭمىڭ> تىياتىرخانىسىغا ئۇنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ مۇشۇ جەرياندا خەنزۇ كلاسىك تىياتىرلىرىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ ھەمدە رول ئالىدۇ. داۋۇت بىر قېتىم <گۇچىڭخۇي> ناملىق تىياتىردا چامباشچىلىق ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، <ئاقسۇ ساھىلى> دېگەن كلاسىك تىياتىردا قەھرىمان چىڭ مىيەنخۇينىڭ رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداپ تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت <گۇاڭمىڭ> تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئارتىسى بولۇپ قالىدۇ. داۋۇت <لوياڭنى ئېلىش>، <سېرىق تۇرنا بىناسى>، <سەككىز ئەۋلىيا بۇتخانىسى>، <زەنجىرسىمان سەپ> قاتارلىق ئون نەچچە تىياتىردا روللارنى ئېلىشتىن تاشقىرى، <قاتىللىق يۈز بەرگەن بىنا> دېگەن تىياتىردا، مالاي قىزنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىدۇ. بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كونا جۇڭگودىكى بىر ياش خەنزۇ ئايالنىڭ يەلپۈگۈچ تۇتۇپ، يېنىك دەسسەپ، مۈرە ئوينىتىپ، تەبەسسۇم چىراي بىلەن نەپىس ئۇسسۇل ئويناپ، كىشىلەرنى شۇنچىلىك جەلىپ قىلىشىغا زور قابىلىيەت تەلەپ قىلاتتى، ئەلۋەتتە. داۋۇت 18 يېشىدىن تارتىپ 40 نەچچە يىلغىچە خەنزۇ تىياتىرلىرىدا ئاساسلىق رول ئېلىش بىلەنلا قالماي، يەنە نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. شىنجاڭدا گومىنداڭنىڭ پىرقىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن <گۇاڭمىڭ> تىياتىر ئۆمىكى تاقىلىدۇ. داۋۇت تىياتىر ئۆمىكىدىكى باشقا خەنزۇلار بىلەن بىللە، ئالتاي، ئىلى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ ئويۇن قويىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن داۋۇت قۇتۇبىدىكى خەنزۇ تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ، 1963 - يىلى پىنسىيىگە چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى