UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپراتيايا شىرى

پراتيايا شىرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى پراتياي شىرى _ بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىسىم بولۇپ، تەخەللۇس ئورنىدا قوبۇل قىلىنغان. ھالبۇكى، «پراتيايا شىرى» تەخەللۇسلۇق بۇ شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىماننىڭ ئەسلى ئىسمى ۋە تەرجىمھالى بىزگە نامەلۇم. پراتيايا شىرىنىڭ ئىجادىدىن بىزگە «ئون تۈرلۈك نەزىر ئۇسۇلى»، «جانلىقلارغا پايدا يەتكۈزمەك»، «ئېتراپ»، «توغرا يول»، «ياخشى تىلەك»، «ئىشەنچ»، «ياخشى نىيەت» قاتارلىق شېئىرلىرى، يەتتە قىسىمدىن ئىبارەت بولغان 50 كۇپلېت تۆتلىكى (ماۋزۇسىز) ھەمدە سانسكىرىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان «ھېكمەت پەزىلەتلىرى» ناملىق 23 كۇپلېت تۆتلىك شەكلىدىكى شېئىرىدىن ئىبارەت بىر قەدەر كۆپ ئەدەبىي مىراسى يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋە تەرجىمە ئەسىرى پۈتۈنلەي بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى مەزمۇنىدا بولۇپ، ئۇ ئۆز تەخەللۇسىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئېنىق قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان. پراتيايا شىرى بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوبرازلىق تىل، بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆز شېئىرلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى، ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېتىلگەن شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. تۆۋەندە، ئۇنىڭ «جانلىقلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ناملىق شېئىرىدىن بىر كۇپلىت مىسال كەلتۈرىمىز: كۆل سۇۋىنىڭ لىنخۇا ئاسى تەگ يۇقلۇنچىسۇز ئارىيۇ، كۆك ئايازنىڭ كۈن ئايى تەگ ئالىنچىسىز يورىيۇ، كۆپ قىلىنچتىن نىشۋانتىن شىمنۇنۇڭ سىمىنتىن، كۆچەر بارىر يىرتىنچۇنۇڭ يولىندىن ئوشالىم. مەنىسى: كۆل سۈيىدە ئۆسكەن لەنخۇا گۈلىدەك غۇبارسىز ئايلىنىپ، كۆك ئاسماندىكى قۇياش ۋە ئايدەك توسقۇنسىز ئايلىنىپ، تۈرلۈك ھاۋايى - ھەۋەس، ئىپلاسلىقتىن، شەيتانلار زېمىنىدىن، ئۆتكۈنچى بۇ دۇنيانىڭ بارلىق يولىدىن ۋاز كېچەي. تەتقىقاتچىلار تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپى مەزمۇنىدىكى يازمىلارنى كۆپرەك 9 - ئەسىرگە قويۇشماقتا. مۇشۇ بويىچە قارىغاندا پراتيايا شىرى تەخەللۇسلۇق بۇ شائىرنى 9 - ئەسىردە ياشىغان دەپ قىياس قىلىش مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى