نىياز دېھقان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نىياز دېھقان قۇمۇل قالغايتىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي ئۆلىما ھېيتاخۇن ئائىلىسىدە 1882 - يىلى دۇنياغا كېلىدۇ. نىياز دېھقان كىچىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر بالا بولۇپ، ساۋاتىنى چىقىرىپلا ھېسابات ياردەملىشىدۇ. كېيىن ئائىلىنىڭ سودا ئىشلىرىنى مۇستەقىل باشقۇرىدۇ. ئۇ سودا بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلگەن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇمەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەڭسىزلىككە نىسبەتەن يېڭى بىر قاراشقا ئىگە بولغان.
1912 - يىلى 1 - ئايدا تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. نىياز دېھقان قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن تاراتىدىكى يېقىن دوستى خوجىنىياز پالۋان بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئىككىسى قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىلىچ، مىلتىقىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، ئاقچۇق سېيىغا كەلگەندە، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچراپ قالىدۇ - دە، ئىككىيلەن چېرىكلەرگە ئات سالىدۇ، بىر مەيدان جەڭدىن كېيىن چېرىكلەر تىرىپىرەن بولۇپ قېچىشىدۇ. ئۆزىنى چوڭ قوشۇن زەربىسىگە يولۇقۇپ قالدۇق، دەپ ھۈركىگەن چېرىكلەر ئېسىنى يىغقىچە ئىككلىيلەن كۆزدىن غايىب بولىدۇ. نىياز دېھقان قوزغىلاڭغا قاتناشقاندىن كېيىن ھەر قايسى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرستىپ، قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ. كېيىنچە ئۇ توپ بېشى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەل ئارىسىدا«نىياز پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ. 1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭشىنغا ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى بولغاندا، نىياز دېھقان «تۆمۈر خەلىپىگە ياڭ زىڭشىنىڭ ۋەدىسى يالغان، بۇ بىزگە قويۇلغان بىر قىلتاق. سىز ئۈرۈمچىگە بارماڭ، بارىسىڭىز يامان ئاقىۋەتكە قالىسز» دەيدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن يانمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نىياز دېھقان ئەمدى مەن كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلاشمايمەن، دەپ تاغ ئىچىگە كىرىپ يوشۇرۇنىدۇ. نىياز دېھقان يوشۇرۇتۇپ يۇرۇپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامان قالىدۇ. ئۇ ئاخىر ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا شامەخسۇت ۋاڭ نىياز دېھقاننىڭ يۇتتىكى يۇقىرى تەسىرى، ئابرۇيىغا قاراپ، ئۇنى قالغايتىدىكى ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيدۇ. شۇڭا بىلەن ئۇ نىياز دېھقان دەپ ئاتىلىدۇ. نىياز دېھقان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېتىلگەن ئەل نەغمىچى ئىدى، ئۇ قۇمۇل 12 مۇقامىنى ئوبدان بىلەتتى، غېجەك بىلەن 12 مۇقامنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالاتتى.
1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىڭى شوپۇل يېزىسىدىن باشلىنىدۇ. نىياز دېھقان قوزغىلاڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئادەم تەشكىللەپ، قۇشۇننىڭ زورىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ. 1931 - يىلى 5 - ئايدا نىياز دېھقاننىڭ ئۇكىسى قاسىم پالۋان 400 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى تەشكىللەپ، قارامۇقچا جېڭىغا ئاتلىنىدۇ. نىياز دېھقان پۇقرالارنى بىخەتەر جايغا كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ چاغدا شەھەردىن نۇرغۇن چېرىكلەرنىڭ شەرق تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ - دە، بىر نەچچە ئادىمىنى باشلاپ، تاشيول بويىدىكى سەيخۇميۇ مەھەللىسىگە پىستىرما قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېرىكلەرنىڭ كېلىشنى كۈتىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە چېرىكلەر بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن چېرىكلەر بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن چېرىكلەرنى ئوققا تۇتىدۇ. بىردەملىك ئېتىشىشتىن كېيىن چېرىكلەر 10 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلاپ شەھەر تەرەپكە قاچىدۇ. 2 - كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇكىسى قاسىم پالۋان جەڭ قىلىۋاتقان قارامۇقچىغا بارىدۇ. ئۇ چەڭ مەيدانىدا چېرىكلەرنىڭ ئۆلۈكنى كۆرىدۇ ۋە ئۇكىسى قاسىم پالۋاننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، چېرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ جەڭدە ئېلى پالۋان ئىسىملىك كىشى قۇمۇلدىن ياردەمگە كەلگەن چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىپ، ئۆزىنى قۇمۇل كونا شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، دەرەخگە باغلاپ قويۇپ، تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى سويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى تامغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. غەزەپكە كەلگەن نىياز دېھقان ھەمرالىرى بىلەن قالغايتىغان قايتىپ، ئاكىسى تاھىر ھاجى، ئابدۇللا ئاخۇن، ئابدۇگۈلى ئاخۇن (مەشھۇر سۇنۇقچى)، ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن، كىچىك ئاخۇنلار بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇننى زورايتىش ۋە قالغايتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن چېرىكلەرنى توسۇپ زەربە بېرىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق جەڭدە نىياز دېھقان ئازلا ئادەم بىلەن تەدبىرلىك جەڭ قىلىپ، 300 دەك دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە يولۇقتۇرىدۇ. 100 تالدىن ئارتۇق قورال - ياراغ، ئوق - دورا غەنىيمەت ئالىدۇ.
1932 - يىلى كۈزدە نىياز پالۋان خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە تاغ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىپ، كۈشىتە ئېغىزىغا كەلگەندە، چېرىكلەرنىڭ ئىككى نەپەر ئوفىتىسېرىغا يولۇقىدۇ(بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى شېڭ شىسەي، بىرى ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىدى). نىياز دېھقان ئۇلارنىڭ بىرىنى قارغا ئېلىپ كېيىن ئۇ ئەل ئارىسىدا «نىياز پالۋان» دەپ ئاتىلىدۇ. 1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭىشىنغا ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە ماڭماقچى بولغاندا، نىياز دېھقان «تۆمۈر خەلىپىگە ياڭ زېڭشىنىڭ ۋەدىسى يالغان، بۇ بىزگە قويۇلغان بىرقىلتاق. سىز ئۈرۈمچىگە بارماڭ، بارىسىڭىز يامان ئاقىۋەتكە قالىسز» دەيدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن يانمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نىياز دېھقان ئەمدى مەن كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلاشمايمەن، دەپ تاغ ئىچىگە كىرىپ يوشۇرۇنىدۇ. نىياز دېھقان يوشۇرۇنۇپ يۇرۇپ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئامان قالىدۇ. ئۇ ئاخىر ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا شامەخسۇت ۋاڭ نىياز دېھقاننىڭ يۇرتتىكى يۇقىرى تەسىرى، ئابرۇيىغا قاراپ، ئۇنى قالغايتىدىكى ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇشقا تەينىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نىياز دېھقان ئۇستا مەرگەن بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يېتىلگەن ئەل نەغمىچى ئىدى، ئۇ قۇمۇل 12 مۇقامىنى ئوبدان بىلەتتى، غېجەك بىلەن 12 مۇقامنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالاتتى.
1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىڭى شوپۇر يېزىسىدىن باشلىنىدۇ. نىياز دېھقان قوزغىلاڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئادەم تەشكىللەپ، قوشۇننىڭ زورىيىشقا ياردەم بېرىدۇ. 1931 - يىلى 5 - ئايدا نىياز دېھقاننىڭ ئۇكىسى قاسىم پالۋان 400 دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى تەشكىللەپ، قارامۇقچا جېڭىغا ئاتلىنىدۇ. نىياز دېھقان پۇقرالارنى بىخەتەر جايغا كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ چاغدا پۇقرالارنى بىخەتەر جايغا كۆچۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ چاغدا شەھەردىن نۇرغۇن چېرىكلەرنىڭ شەرق تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ - دە، بىر نەچچە ئادىمىنى باشلاپ، تاشيول بويىدىكى سەيخۇميۇ مەھەللىسىگە پىستىرما قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېرىكلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە چېرىكلەر بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن چېرىكلەرنى ئوققا تۇتىدۇ. بىردەملىك ئېتىشىشتىن كېيىن چېرىكلەر 10 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلاپ شەھەر تەرەپكە قاچىدۇ. 2 - كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن ئۇكىسى قاسىم پالۋان جەڭ قىلىۋاتقان قارامۇقچىغا بارىدۇ. ئۇ جەڭ مەيدانىدا چېرىكلەرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇكىسى قاسىم پالۋاننىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، چېرىكلەر قاسىم پالۋاننىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە شۇ جەڭدە ئېلى پالۋان ئىسىملىك كىشى قۇمۇلدىن ياردەمگە كەلگەن چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىپ، ئۆزىنى قۇمۇل كونا شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، دەرەخگە باغلاپ قويۇپ، تىرىك تۇرغۇزۇپ تېرىسىنى سويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى تامغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. غەزەپكە كەلگەن نىياز دېھقان ھەمرالىرى بىلەن قالغايتىغا قايتىپ، ئاكىسى تاھىر ھاجى، ئابدۇللا ئاخۇن، كىچىك ئاخۇنلار بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇننى زورايىتىش ۋە قالغايتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا كەلگەن چېرىكلەرنى توسۇپ زەربە بېرىدۇ. شۇ قېتىملىق جەڭدە نىياز دېھقان ئازلا ئادەم بىلەن تەدبىرلىك جەڭ قىلىپ، 300 دەك دۈشمەننى ئېغىر تالاپكە يولۇقتۇرىدۇ. 100 تالدىن ئارتۇق قورال - ياراغ، ئوق - دورا غەنىيمەت ئالىدۇ.
1932 - يىلى كۈزدە نىياز پالۋان خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە تاغ ئىچىدە قوغلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىپ، كۈشىتە ئېغىزىغا كەلگەندە، چېرىكلەرنىڭ ئىككى نەپەر ئوفىتسېرىغا يولۇقىدۇ (بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى شېڭ شىسەي، بىرى ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىدى). نىياز دېھقان ئۇلارنىڭ بىرىنى قارغا ئېلىپ مىلتىقىنىڭ تەپكىسىنى باسقاندا، مىلتىقنىڭ چاقمىقى چېقىلمايدۇ. نىياز دېھقان مىلتىقىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ. كېيىن نىياز دېھقان قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالغاندا، نىياز دېھقاننى شېڭ شىسەي ئۆزى سوراق قىلىپ، «سەن ئەينى ۋاقىتتا مېنى نېمىشقا ئاتمىدىڭ؟» دەپ سورايدۇ. نىياز دېھقان: «سېنىڭ ئەجىلىڭ توشمىغانىكەن، شۇڭا مىلتىقنىڭ چاقمىقى چىقىلماي قالدى. ئۇنداق بولمىسا سېنى ئاتماي قوياتتىممۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
1933 - يىلى 3 - ئايدا خوجىنىياز ھاجى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قوشۇننى باشلاپ تۇرپانغا چىقىدۇ. نىياز دېھقانمۇ ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە چىقىدۇ. قوشۇن لۈكچۈندە قورشاۋدا قالغاندا، قوشۇننىڭ قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىشىنى نىياز دېھقان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، 12 نەپەر مەرگەن بىلەن سېپلنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئىككى قولىدىكى ئىككى تاپانچىدىن ئوق ئاتىدۇ، باشقا مەرگەنلەرمۇ نىياز دېھقان بىلەن تەڭلا مىلتىقىدىن ئوق ياغدۇرۇپ، چېرىكلەرنى ئوققا تۇتىدۇ. ئۇ باشلاپ ماڭغان ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن، كىچىك ئاخۇن ۋە توختى، جەرۇللا، بەكرى، تاھىر قاتارلىق 12 نەپەر مەرگەن ساق - سالامەت قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىدۇ. دەرۋازىدىن ئاساسىي قوشۇن چىقىۋاتقاندا، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتىغا ئوق تېگىپ شېھىت بولىدۇ.
تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلەن قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىرلەشكەندىن كېيىن نىياز دېھقان شتاب باشلىقى بولىدۇ. ئۇ جىمىسار ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېڭ شىسەي بىتىم ئىمزالىغاندا، خوجىنىياز ھاجىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بىتىم ئىمزالىشىغا نىياز دېھقان قوشۇلمايدۇ. نىياز دېھقان: «بىز تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، ئىنقىلاپ قىلغانىكەنىمىز، ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. شېڭ شىسەي بىلەن ياڭ زېڭشىن ئوخشاشلا بىر ئادەم. بىز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك، ئاقىۋىتىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلپ بولالمايمىز» دەيدۇ. بىراق، كېلىشىم ئىمزالىنىۋېرىدۇ. نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىغا «مەن ئەمدى سىلەر بىلەن بىرگە بولالمايمەن. سىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىڭىز، سىزنىڭ ماڭغان يولىڭىز خەتەرلىك» دەپ ئۈرۈمچىگە بارماي، قۇمۇلغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،20 - 30 دەك يىگىتنى باشلاپ قۇمۇلغا كېتىدۇ.
1937 - يىلى شېڭ شىسەي ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇمۇلدىن دېھقانلار ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە قاتناشلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇلدىكى گۇماشتىلىرى ھاشىمھاجى قاتارلىقلار (ھاشىمھاجى قۇمۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان) نىڭ باشچىلىقىدا 20 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ماڭغۇزىدۇ. نىياز دېھقان ئالدىنئالا يوشۇرۇنغاچقا ئۇنى ئۇزاققىچە تۇتالمايدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نىياز دېھقاننى تاشقى موڭغۇلىيىگە چىقىپ كەتتى، دەپ پەرەز قىلىپ ئىزدىمەيدۇ. نىياز دېھقان تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە نەچچە ئايلارنى ئۆتكۈزىدۇ. بالىلىرى يېمەكلىكلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى نىياز دېھقاننىڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن يېمەكلىك ئارتىلغان ئاتنى مىنىپ، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى تاغقا چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر يامان نىيەتلىك ئايال كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئۇنى شېڭ شىسەينىڭ ئىشپىيونلىرىغا خەۋەر قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇلدىكى گۇماشتىلىرى نىياز دېھقاننىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئالدىغا سېلىپ تاغ ئىچىگە كىرىپ، نىياز دېھقاننى تۇتماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ بار يېرىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. ھاشىمھاجى ھەر قانچە ھىيلە ئىشلىتىپمۇ نىياز دېھقاننى تۇتالمىغاندىن كېيىن، نىياز دېھقاننىڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ئاخۇننىڭ ئوغلى مامۇت بىلەن ئىككىنچى ئاكىسى تاھىر ھاجىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم (بازار) نى تۇتۇپ تۇرۇشقا قۇمۇلغا ئېلىپ كېتىدۇ. نىياز دېھقان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بالىلىرىم رىيازەت چەكمىسۇن، بۇ ئىش بولسا ماڭا» دەپ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ توسۇشىغا قارىماي تۈرمىگە بارىدۇ. نىياز دېھقان تۈرمىگە بارغاندىن كېيىن بالىلارنى قويۇپ بېرىدۇ. نىياز دېھقان تۈرمىگە بارغاندىن كېيىن بالىلارنى قويۇپ بېرىدۇ. كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىدۇ. نىياز دېھقان 1938 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.