UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقەييۇم تۇردى

قەييۇم تۇردى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى قەييۇم تۇردى 1937 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1946 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1951 - يىلى سابىق شىجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1954 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، <شىنجاڭ گېزىتى> دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1961 - يىلى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، <يەكەن گېزىتى> دە ئىشلىگەن. قەييۇم تۇردى 1979 - يىلىدىن 1981 - يىلغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1989 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولغان، 1989 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر بىرلەشمىنىڭ پەخرىي رەئىسى. قەييۇم تۇردى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1955 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئوراز بوۋا> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <بەخت يولى>، <زەرەپشان بويىدا>، <گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر> قاتارلىق ئونلىغان ھېكايىلارنى؛ <بوغدا ئاتا>، <ئىنژېنېر ئەلىنىڭ ھېكايىسى>، <يول> قاتارلىق پوۋېستلارنى؛ <قىزىلتاغ چىراغلىرى>، <سۈزۈك ئاسمان> قاتارلىق رومانلارنى؛ <كۈرەشچان يىللار>، <جىمجىت جۇڭغارىيە> قاتارلىق ترولۇگىيلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن بەلگىلىك ھەسسە قوشقان. قەييۇم تۇردى ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قىزىل تاغ چىراغلىرى> (<قىزىل تاغ باتولىرى>، <قىزىل تاغ ئېتىكىدە> دېگەن ناملار بىلەنمۇ نەشر قىلىنغان، 1974 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <كۈرەشچان يىللار> (ئۈچ توم، 1978 -، 1985 - يىللار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ترولوگىيىسى، <زەرەپشان دەرياسى بويىدا> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <سۈزۈك ئاسمان> (1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <بوغدا ئاتا> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <رەڭگارەڭ دۇنيا> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <جىمجىت جۇڭغارىيە> (1 - تومى، 1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ترولوگىيىسى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. قەييۇم تۇردى ھازىر بىرىنچى دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى