UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلا ئەخمىدى

ئابلا ئەخمىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى پېشقەدەم يازغۇچى ئابلا ئەخمىدى 1935 - يىل 1 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن 1950 - يىلغىچە يېرىم ئوقۇپ، يېرىم ئىلشەيدىغان ئوتتۇرا تېخنىكوم - <شىنجاڭ - قەشقەر كەسپىي مەكتەپ> تە ۋە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1950 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1976 - يىلغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <شىنجاڭ گېزىتى> باسما زاۋۇتى، شىنجاڭ شىنخۇا 1 - باسما زاۋۇتى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى باسما زاۋۇتى، <قەشقەر گېزىتى> باسما زاۋۇتى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەنگەن، 1976 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ 1988 - يىلغىچە <قەشقەر گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. ئابلا ئەخمىدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان. كېيىنچە، ئاساسەن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ساما>، <كاج بوۋاي>، <مويتۇڭزا> قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلارنى؛ <ئوغۇلخان>، <قاپاقتېرەكلىك ھويلا>، <كەپتەرۋاز>، <ئادراسمان چېچەكلىگەندە> قاتارلىق پوۋېسىتلارنى، <يىللار> رومانىنى يازغان. ئابلا ئەخمىدىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يول ئۈستىدە> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <بۇزۇلغان قەسەم> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ئوغۇلخان> (1990 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئادراسمان چېچەكلىگەندە> (1995 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار. بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئابلا ئەخمىدى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلا ئەخمىدى | UyghurWiki | UyghurWiki