سىيىت زۇنۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىسىت سىيىت زۇنۇن 1931 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئاياغ تازغۇن (يېڭىئىرىق) يېزىسىدا دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1945 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە قەشقەردە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1956 - يىلغىچە يېڭىشەھەر ناھىيسىدە يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن تاكى 1980 - يىلغىچە <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولغان، 1980 - يىلدىن 1990 - يىلغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
سىيىت زۇنۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتى 1959 - يىلى ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ھېكايىلارنى ۋە بىر قىسىم پوۋېستلارنرى يېزىپ، ئېلان قىلدۇرغان.
سىيىت زۇنۇننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ھەقىقەت نۇرى> (1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - ئوچېركلار توپلىمى، <41 - تاشمايماق> (1985 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇ يەنە <ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى> نىڭ 4 - قىسمىنى نەشرگە تەييارلىغان.
سىيىت زۇنۇن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىياتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.