UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشوپۇللۇقق سالى دورغا

شوپۇللۇقق سالى دورغا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سالى دورغىنىڭ ئاتىسى بوسۇق دورغا دېگەن كىشى بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ شوپۇل دېگەن يۇرتىدىكى چارۋا باشقۇرغۇچى ئىدى. بوسۇق دورغا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاڭلىقتىن ئۇنىڭ 1887 - يىلى شوپۇلدا تۇغۇلغان ئوغلى سالىنى 1926 - يىلى 38 - ياش ئەتراپىدا شوپۇلغا دورغا قىلىپ بەلگىلەيدۇ. سالى دورغا كەڭ قورساق، تۈز كۆڭۈل، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ئوتتۇرا ھال بولۇپ، 20 مودەك سۇلۇق يېرى، 50 - 60 تۇياق قوي، ئۆچكىسى، ئالتە ئات، ئوندىن ئارتۇق كالا، تۆت - بەش ئىگىسى بار ئىدى. سالى دورغا 1931 - يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ دەسلەپكى باشچىلىرىدىن بولۇپ، ئارا تۈركتىكى دېھقانلا قوزغىلڭى پارتلىغاندا ئۇلارغا باشچى بولىدۇ. كېيىن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلەشكەندە قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭغا مۇئاۋىن رەئىس بولغاندا سالى دورغىنى ئاقسۇغا دوتەي (ۋالىي) قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شېڭ شىسەي 1927 - يىلى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغاندا سالى دورغىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غوللۇق باشلىقى دەپ قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇپ كېلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئۇ كۆپ قېتىم قىيىن - قىستاق ئاستىدا سوراق قىلىنىپ، 1938 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىكى 2 - تۈرمىدە ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە ئاراتۈرك دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىتىلىپ ئۆتسەك ئارتۇقچىلىق قىلماس. جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ليۇسىجاڭ ۋە بەي ۋېنجاۋ قاتارلىق ئەمەلدارلىرى يوقىلاڭ باھانە بىلەن دېھقانلارنىڭ تېرىلىۋاتقان يەرلىرى ئۆز ئادەملىرىگە ئېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار يەرسىز قىلىپ كۈندىن - كۈنگە نامراتلىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشتە قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئارقىدىن بەي ۋىنجاۋ سالى دورغىنى قۇمۇلغا چاقىرىتىپ، باج تاپشۇرمىدىڭ دەپ ئون كۈن قاماپ سوراق قىلىدۇ ۋە سالى دورغىغا سەن مەسئۇل بولۇپ، ئون كۈن ئىچىدە بارلىق باجلارنى تاپشۇرۇپ بولىسەن، ئەگەر تاپشۇرمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن. دەيدۇ. سالى دورغا ئامالىنىڭ يوقلۇقىدىن قۇمۇلدىكى ئىناۋەتلىك كىشىلەردىن يولۋاش بىلەن ھەسەن بالا ھاجىنى كېپىل قىلىپ، باجنى ئون كۈندىن تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ تۈرمىدىن چىقىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شوپۇل خەلقى قولىدا بار مال - مۈلكىنى سېتىپ، ئون كۈندە بارلىق مەجبۇرىي تېڭىلغان باجلارنى تاپشۇرىدۇ، لېكىن بۇ شوپۇل خەلقىنىڭ كۈچلۈك كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. 1931 - يىلى ئەتىيازدا شوپۇل خەلقى ئادىتى بويىچە 50 تۆگىگە ئاشلىق ئارتىپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ ئۇن تارتىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا، تاشۋېلىقتىكى جىن شۇرىن ئەسكەرلىرى، سەنلەر بۇ ئۇننى تاشقى موڭغۇلىيىگە ئاپىرىپ سودا قىلماقچى، دەپ ئۇننى تارتىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە جەرىمانە قويىدۇ. جازانىخور سودىگەرلەر رەخت، گەزماللىرىنى شوپۇل خەلقىگە نېسىگە سېتىپ، كۈزدە بىر پوللۇق نەرسىنى ئىككى، ئۈچ پۇل دەپ ھېسابلاپ، خەلقنىڭ مال - چارۋىلىرىنى ھەتتا ئۆي - ماكانلىرىنى ئېلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خەلق تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ. يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ئىش، ئاراتۈركنىڭ سۇجىبۇلاق (سمىخۇاچۈەن) دېگەن جايىدا تۇرۇۋاتقان جاڭ گوخۇا (جاڭجىسا) قۇمۇلدىن قايتىشىدا شوپۇلغا كېلىپ سالى دورغىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولىدۇ ۋە سالى دورغىغا «بۈگۈن ماڭا بىر ئۇيغۇر خۇتۇن تېپىپ بەر» دەپ زورلۇق قىلىدۇ، سالى دورغا «بىز ئىسلام دىنىدىكى خەلق، ساڭا تېگىدىغان ئۇيغۇر ئايال يوق» دەيدۇ. جاڭ گوخۇا سالى دورغىنىڭ قىزى ئاينىساخاننى كۆرستىپ «بۇ خۇتۇن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇنى ماڭا بېرىسەن!» دەيدۇ. سالى دورغا جاڭ گوخۇا بىلەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا تاكاللىشىدۇ، ئاخىر سالى دورغا «ئەگەر سەن بۇندق تەلەپ قويىدىغان بولساڭ، ئۆلۈم ئىشى چىقىدۇ» دەپ غەزەپلىنىدۇ. بۇ چاغدا گوخۇا «ئەگەر بەش كۈن ئىچىدە مۇشۇ قىزنى ماڭا بەرمىسەڭ، كاللاڭنى ئالىمەن، كۈيئوغلۇڭنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ بېرىمەن» دەيدۇ. سالى دورغا بۇ ئىشتىن كېيىن شوپۇلدىن تال تېغىغا كۆچۈپ كېتىدۇ. ئاراتۈركتىكى ئابدۇنىياز مىراپ توقسۇن قورمال، تۆركۆللۈك باقى نىياز دورغا، نوملۇق سالى دورغا بىلەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا كېڭىشىپ باقماقچى بولىدۇ، دەل شۇ كۈنلەردە قۇمۇلدىكى يولۋاس ئابدۇنىياز مىراپقا قاراتاللىق يارى دورغا ئارقىلىق «شوپۇلدىكى سالى دورغا بۇزۇلدى، ئۇ شوپۇل خەلقىنى تال تېغىغا كۆچۈرۈپ كەتتى، سەن بۇ ئالاقىنى ئالغان ھامان سالى دورغىنى تىرىك تۇتۇپ ماڭا تاپشۇرۇپ بەر» دېگەن مەزمۇندا بىر پارچە ئالاقە ئەۋەتىدۇ. ئابدۇنىياز مىراپ بۇ ئالاقىنى كۆرۈپ بولۇپ ئالاقىنى ئېلىپ چىققان يارى دورغىغا ئاراتۈركلۈك توقسۇن قورمالنى قوشۇپ، تال تېغىغا ماكانلاشقان سالى دورغىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. سالى دورغا ئالاقىنى كۆرگەندىن كېيىن غەزەپلىنىدۇ، دۈشمەننىڭ قولىدا ناھەق ئۆلگۈچە خەلقنى قوزغاپ ئېلىشماقچى بولىدۇ ۋە دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. توقسۇن قورمالنى ئارتۈركتىكى بىر يىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشقان جاينى ئېلىشقا، باقىنىياز دورغىنى تۈر كۆلدىكى چازىنى ئېلىشقا، نوملۇق سالى دورغىنى نومدىكى چازىنى ئېلىپ جىسالارنى يوقىتىشقا تەكلىپ يېزىپ ئابدۇنىياز مىراپقا ئەۋەتىدۇ. ئۆزى سۇجىبۇلاقتىكى جاڭ جسانىڭ چازىسىنى ئېلىشقا مەسئۇل ئۆزى سۇجىبۇلاقتىكى جاڭ جىسانىڭ چازىسىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، 1931 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شوپۇل خەلقىدىن پالۋان تاللاپ ئاراتۈكنىڭ باي دېگەن يېرىدە خەلقىدىن پالۋان تاللاپ ئاراتۈركىنىڭ باي دېگەن يېرىدە خەلقلەردىن ئون نەچچە نەپەر پالۋاننى قوشۇپ، جەمئىي 50 نەچچە پالۋاننى باشلاپ بېرىپ، سۇجىبۇلاقتىكى چېرىكلەر تۇرۇشلۇق چازا ئەتراپىنى بىر كېچىدە مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۆزى نەپەر ئادەم بىلەن جاڭ جسانىڭ يېنىغا كىرىدۇ. «مەن ساڭا قىزىمنى خۇتۇنلۇققا بېرىشكە رازى بولدۇم. بالدۇر ساڭا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، سېنى رەنجىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئەمدى ئەپۇ سوراپ كەلدىم. توي ۋاقتىنى توختام قىلساق قانداق؟» دەيدۇ. جاڭ گوخۇا خۇشاللىقىدا سالى دورغىلارنى يۇقىرى ھۆرمەت بىلەن ئۆيگە باشلاپ دەرھال زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ مېھمان قىلىدۇ، ئۆزى شاراپنى مەس بولغۇچە ئىچىدۇ. جاڭ جىسا راسا مەس بولغاندىن كېيىن، سالى دورغىلار قايتماق بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقان پالۋانلىرىغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا چېرىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. جاڭ گوخۇا سېزىپ قىلىپ ئاتقا مىنىپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن سالى دورغا ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. جاڭ گوخۇا بولسا ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ قاراڭغۇ تاغقا قاراپ قاچىدۇ. جاڭ گوخۇا يول ئۈستىدە ئىچىكىرىدىن چىققان، قۇم كۆندۆ دېگەن جايغا چۈشكەن سودىگەرلەرگە ئۇچرايدۇ. جاڭ گوخۇا سودىگەرلەرگە يالۋۇرۇپ ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتقاندىن كېيىن سودىگەرلەر جاڭ گوخۇانى ياغاچ ساندۇققا يوشۇرۇپ قويىد. پالۋانلار ئاقتۇرۇپمۇ تاپالماي كېتىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاڭ گوخۇا سودىگەرلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بارىكۆلگە قېچىپ بېرىپ ئەھۋالنى جىن شۇرىنغا مەلۇم قىلىدۇ. جىن شۇرېن ئۆزىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق خادىمى ليۇسىچاڭغا تېلېگرامما بېرىپ، ئاراتۈركتە يۈز بەرگەن توپىلاڭنى تېزدىن بېسىقتۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۇرۇقىنىمۇ قويماي يوقىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. ليۇ سىچاڭ بارىكۆلدىكى خې تۇەنجاڭنى 2 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قوزغىلاڭچىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتىدۇ. ئەسكەرلەر شيۇچۇەن (شور بۇلاق) دېگەن يەرگە كەلگەندە ئارا تۈركنىڭ قوزغىلاڭچى پالۋانلىرى ئالدىنى توسۇپ جەڭ قىلىدۇ. جەڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان شوپۇللۇق سالى دورغا شوپۇلدىن بىر ئاتقا ئوق ئارتىپ نېرىنكىر دېگەن جايدىكى قوزغىلاڭچى پالۋانلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ ئۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ. نېرىنكىردىكى ئۇرۇش غەلىبە بىلەن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سالى دورغا ئون ئىككى تاغنىڭ پالۋانلىرىنى تەشكىللەپ، جىن شۇرىننىڭ تاشۋىلىقتىكى چېرىكلىرى بىلەن پەم - پاراسەت ۋە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ دۈشمەنلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. سالى دورغا يۇقىرىدىكى جەڭلەردىن كېيىن پالۋانلىرىنى باشلاپ قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىغا قوشۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى