UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىغەيرەتى

غەيرەتى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان، ھىجرىيە 1229 - (مىلادى 1813 - 1814) يىلى قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەد بەشىرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈزۈلگەن شېئىرلار توپلىمى (قول يازما) _ «باياز» غا 33 نەپەر شائىرنىڭ ئەسىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەر ئىچىدە «غەيرەتى» تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ «خۇبمۇكىن» ناملىق مۇخەممەسىمۇ بار. «خوبمۇكىن» سۆزى ھەم ماۋزۇ ھەم رادىپ قىلىنىپ يېزىلغان بۇ مۇخەممەس 48 كۇپلېت (240 مىسرا) دىن ئىبارەت بولۇپ، يەكەندە يېزىلغان ۋە شائىرنىڭ يەكەندە تۇرۇشلۇق مەشۇقىسىگە بېغىشلانغان. بۇنى شائىرنىڭ: «ياركەند شەھىرىدە مەنزىلگاھ سىز، تا تىرىكمەن بىر قىلىڭ پەرۋاھ سىز. جىلۋە ئەيلەپ ئۆتسىڭىز ناگاھ سىز، دەھر ئېلى ئەنجۇم كۆرۈنگەي، ماھ سىز، ئاھ دەپ ئىشقىڭدا ئۆلسەم خۇبمۇكىن.» دېگەن مىسرلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. شائىر ئۆز مۇخەممەسىدە يەنە: «بولدى ئۈچ يىل ئىلچىدىن بىز كەلگەلى، يارنىڭ كويىدا مەن ئەمگەلگەلى، كېچە - كۈندۈز يادىدا جان بەرگەلى، تىل ئۇچىدا ھەر زەمان دان بەرگەلى، يەم بېرىپ يۇرتۇمغا يانسام خۇبمۇكىن.» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ يەكەنگە ئىلچى شەھىرىدىن كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۆز يۇرتىغا قايتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. «خۇبمۇكىن» ناملىق بۇ مۇخەممەس بىزگە شائىر غەيرەتىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە باشقا مەلۇمات بېرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ تونۇلغان شائىرلار ئىجادىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن توپلام ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشى،ئۆز نۆۋىتىدە، شائىر غەيرەتىنىڭمۇ تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىدۇ. شائىرنىڭ ئىجادىي ھاياتى 18 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغار يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلىرىنى ۋە چوڭ - كىچىك خوجا توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇپ، 1759 - يىلى شىنجاڭنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە بىر مەزگىل نىسبىي مۇقىملىق، جانلىنىش ۋە ئۆسۈش بارلىققا كەلگەن، سۇلتان سەئىدخان، خوجا جاھان ئەرشى دەۋرلىرىدىن باشلاپلا بىر ئىلىم - مەرىپەت مەركىزى بولغان يەكەنگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقانىدى. پەرىزىمىزچە، شائىر غەيرەتىمۇ شۇ مەزگىللەردە يەكەنگە كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئۆزى ئىجادى بىلەن تونۇلغان شەخسلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى