زەمىر تۇەنجاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
رەمىر (تاجىك) 1898 - يىلى 1 - ئايدا ھازىرقى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (ئەينى ۋاقىتىدىكى زەيباك ئەمىرلىكىنىڭ) نىستىم دېگەن يېرىدە قازى ھېكىم ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قازى ھېكىمنىڭ دادىسى ئامىر بەگ ئەينى يىللاردا زەيباكنىڭ ئەمىرى ئىكەن. ئۇنىڭ ئەمرلىكى شۇ زاماندا يەرلىك پادىشاھ - كىنەز دەرىجىسىدە ئىكەن.
ئەسلىدە زەيباك ئەمىرلىكى بىلەن ۋاخان ئەمىرلىكى قوشنا بولۇپ، بۇ ئىككى ئەمىرلىكنىڭ پاسىلى بىرلا دەريا ئىكەن. كېيىنكى ۋاقىتتا چارروسىيە بىلەن بۇيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيىسى پامىر رايونىدا تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغاندا، دەريانىڭ ۋاخان تەرىپى ئافغانىستانغا، دەريانىڭ زەيباك تەرىپى چارروسىيىگە تەۋە قىلىنىدۇ. زەيباك بىلەن ۋاخانلىقلارنىڭ تىلى، ئىدان تىل سىستېمىسىدا بولسىمۇ، ۋاخانلار ئۆز تىلىدا، زەيباكلىقلار پارس تىلىدا سۆزلىشىدىكەن، مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن زەيباك ئەمىرى ئامىر بەگ ئوغلى قازى ھېكىمگە ۋاخان ئەمىرىنىڭ ھاياتبېگىم ئىسىملىك قىزىنى ئېلىپ بېرىپ قۇدىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن زەمىر تۇغۇلىدۇ. زەمىر ئون ياشقا كىرگەن چاغدا، ئافغانىستان ئەنگىلىيىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن زەيباكغا بېسىپ كىرىپ تالان - تاراج قىلىدۇ. چارروسىيە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، زەيباكنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. ئەمما جەڭگى - جېدەل بېسىقمايدۇ. بۇ چاغدا زەمىرنىڭ دادىسى قازى ھېكىم دادىسى ئامىر بەگنىڭ توسۇشىغا قارىماي ئىنسى فەرمانبەگنى ئېلىپ، جۇڭگو چېگراسىدىكى سەرىكۆل (سىرىققۇلغا) كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.
زەمىر شۇنىڭدىن كېيىن (1908 - يىلىدىن باشلاپ) ئاچىسى (بۇ خارا ئەمىرىنىڭ ئايالى) گۈلىزىبانىڭ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن زەمىر بىر قانچە رەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ. كېيىن ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاجىكستاندا ھەربىي خىزمەت ئىشلەيدۇ. شۇ چاغدا زەمىر بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ.
شېڭ شىسەي 1933 - يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ يۆلەنگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭدا ئىشلەشكە ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملارنى ئەۋەتىدۇ. زەمىرمۇ شۇ چاغدا دادىسى قازى ھېكىم سەرىكۆلدە بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن خادىملار تەركىبىدە تاشقورغانغا كېلىپ، تاشقورغاندا چېگرا قوغداش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 1938 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى خوجيەن تاشقورغانغا چېگرا مۇداپىئە ئەترەت باشلىقى بولۇپ چىققاندا، زەمىر مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولىدۇ. ش كۈنلەردە زەمىر ئەسلىي يۇرتى تاجىكىستادىكى زەيباكقا بېرىپ، ئايالى بىلەن تاجىكىستاندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئوغلى شېرىنبەگ ۋە مادايوفلارنى تاشقورغانغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار تاشقورغانغا كەلگەندىن كېيىن زەمىر ئوغۇللىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەربىيىلەيدۇ.
زەمىر 1939 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەردىكى 31 - تۇەنگە تۇەنجاڭ بولغاندىن كېيىن، ئوغلى مادايوف، شىرىنبەگ ۋە ئايالىنى تاجىكستانغا ئەۋەتىۋېتىدۇ. 1942 - يىلى چىرىيە ناھىيىسىگە باش ھاكىم بولىدۇ. كېيىن ئايلىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قايتا ئۆيلىنىدۇ. 43 - يىلى قىزى زەمىر قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلىدىن سوۋېتكە قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كونسۇلنىڭ ياردىمىدە ماشىنا بىلەن تورغاتقا بارغاندا، زەمىر قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە تۈرمىدە كۆيدۈرگەن كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شىرىنبەگ، مادايوفلار 1945 - يىلى تاشقورغانغا كېلىپ خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ.