UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتاشاخۇنۇم

تاشاخۇنۇم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تاشاخۇنۇم (ئەسلى ئىسمى ئابدۇرىشىت) ئەزىزى، ئاتۇش سۇنتاغ يېزا، ۋاق - ۋاق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئەزىز ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە، 1885 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن ئىپتىدائىي بىلىمنى ئائىلىسىدىن ئالغان. كېيىن ئاتۇش مەشھەتتىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. تاشاخۇنۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەر قايسى سورۇنلاردا دىنىي مۇتا (قۇرئان تەپسىرى) دە، بىلىمىىڭ كۆپلىكى، ناتىقلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى. تەپسىر بىلەن شۆھرەت قازىنىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۈملىدىن تاشاخۇنغا دىنىي قائىدە بويىچە «ئاخۇنۇم» ئۇنۋانى بېرىلىپ، تاشاخۇن «تاشاخۇنۇم» دەپ ئاتىلىدۇ. تاشاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا خەلقئارا بازار ئەھۋالى، ياۋرۇپا سانائەت كاپىتالىزىمنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۈزەتتى. كېيىن ئۇ تولۇپ - تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ شىنجاڭنى سانائەتلەشتۈرۈش (يەنى ئۆزى) شىنجاڭدا كارخانا قۇرۇشنى پىلانلاپ 1894 - يىلى ئۇ، چارروسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چارروسىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ فابرىكا قۇرۇشىغا يول قويماي، «شەرت - شارائىت يېتىلمىدى.......» دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇردى. 1910 - يىللار تاشاخۇنۇمنىڭ ھەممە ئىشى گۈللەپ ياشنىغان، سودىدا روناق تېپىپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا نام - شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، ئاتاقلىقلار ئىچىدىكى ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغۇللىرى يېتىلىپ ياراملىق بولۇپ تەربىيىلىنىدۇ. 1910 - يىلى ئۇ تەكلىپكە بىنائەن، روسىيىنىڭ نىژنى گورت دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نىژنى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ. بىراق، ياۋرۇپالىق كاپتالىستلار ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكتىن، تاشاخۇنۇم يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ، قوشۇمچە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىلىم - پەن ئۆگىنىدۇ. ئىلگىرى ئۆگەنگەن ئىلمى نۇجۇم (ئاستىرونومىيە) نى زامانىۋى پەن ئىلمى ئارقىلىق تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى ئۆگەنگەن تاش ساناپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى چوت بىلەن ھېسابلاش، سودىدا مانافاكتورلۇق (ھازىرقى زامان ھېسابات قائىدىسىنى ئىشلىتىش) ھېسابات ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلۇپ ياڭ زېڭشىن تەختكە چىققان، يەنى مىنگونىڭ 3 - يىلى ئىدى. بۇ چاغدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قالايمىقان بولۇپ، ئىگىلىكى ۋەيران بولغان چاغ ئىدى. ياڭ زېڭشىن چىقارغان ئۈرۈمچى پۇلىنى ئۈرۈمچىدىلا، قەشقەر پۇلىنى قەشقەردە (ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىلىدا چىقارغان پۇلمۇ ئىلىدىلا ئاققان) خەجلەشكە بولاتتى. ئۈرۈمچى پۇلى قەشقەردە، قەشقەر پۇلى ئۈرۈمچىدە ئۆتمىگەن، ئىگىلىك خارابلىشىپ، يۇرت خانۇ - ۋەيران بولغان مۇشۇنداق مۇھىتتا، تاشاخۇنۇم ئىقتىساد ئاجرىتىپ تەڭگە (كۈمۈش) پۇل قۇيۇش ئارقىلىق قەشقەردىكى پۇل پاخاللىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، %20 ئامبال دەسمايىسى %80 تاشاخۇنۇم دەسمايىسى بىلەن تەنگە زاۋۇتى قۇرۇپ، پايدىنىڭ %25 ئامبالنىڭ، %75 تاشاخۇنۇمنىڭ قىلىپ ئالىدىغان بولىدۇ ۋە ھۆكۈمەت نازارىتى ئۈچۈن تەڭگە دوتەي يامۇلىدا قۇيۇلىدۇ. كېيىن، تاشاخۇنۇم سەرەڭگە، تەڭگە زاۋۇتلىرىدا زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ. بۇ يىللاردا تاشاخۇنۇمنىڭ نەجمىدىن، ھىلالىدىن دېگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە پىلە بېقىپ، مەشۇت چىقىرىدۇ ۋە باغ بىنا قىلىدۇ. تاشاخۇنۇم ئەڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا ئوغۇللىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، 1928 - يىلى 73 يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى