مىرزا ئوسمان بەيسى بەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مىرزا ئوسمان بەگ مىرزا ھودى بەگنىڭ 2 - ئوغلى بولۇپ، ئاساسەن قەشقەردە ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتكەن دىيانەتلىك ئىسلام ئەھكاملىرىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان، خەلقپەرۋەر كىشى ئىدى. مەۋلانە مۇھەممەت سادىق كاشىغەرى «يەكەننىڭ ھۆكۈمدارى مىرزا ھودى بەگنىڭ كۆز نۇرى بولغان ئوغلى ئوسمان بەگ قەشقەرگە ھاكىم ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە قەشقەر ئاۋات، پاراۋان بولۇپ، خەلققە زىيانداشلىق قىلىدىغان زالىملارغا جازا بېرىپ تۈزىتىلىپ، ئىنساپسىز قاراقچىلار تۈگىتىلگەن، ئالىملار، بىلىملىكلەر ھۆرمەتلەنگەن. ئادالەتپەرۋەر كىشىلەر زالىملاردىن ئۈستۈن تۇرغان. خەلق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش بىلەن ئۆتكەن. ئىسلامىي شەرىئەت ئىجرا قىلىنغان. خەلق ھاكىم ئوسمان بەگكە بېغىشلاپ دۇئا قىلىشاتتى» («تارىخى خوجىگان» دىن) دەپ يازىدۇ.