يۇنۇس ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىمىن خوجا (ئىمىن ۋاڭ) نىڭ نەۋرىسى. يۇنۇس بەگ 1811 - يىلى دادىسى ئىسكەندەر ۋاڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئىنانچخان (جۈنۋاڭ) لىق مەنسىپىگە ئۇزاق ئۆتمەي چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يۇنۇس چۈنۋاڭنى قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ. يۇنۇس بەگ قەشقەرگە ھاكىم بەگ بولغاندىن كېيىن، ئاتا - بوۋىسىنىڭ چىڭ سۇلالىسىنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چوڭ خوجىلارنى تازىلاشتا زور تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ خوجىلار بىلەن بىرلىشىپ توپىلاڭ قىلماق بولغان يەرلىكلەرنىمۇ رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسى پادىشاھ جىيا چڭنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشىدۇ.
1814 - يىلى قوقەنت خانى يۇنۇس بەگ قەشقەر ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان خوجا ئەۋلادلىرى، ۋە قوقەنت سودىگەرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى، دەپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىدۇ. بۇ ئەرزنى ئىشلىگەن ئىلى جاڭجۈنى سۈن يۈەن «يۇنۇس بەگ ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشتى» دەپ ئۇنى قولغا ئېلىپ، قىيىن - قىستاق بىلەن ئىقرارنامە يازدۇرۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىش توغرىسىدا خانغا نامە يازىدۇ. خان ئىمىن ۋاڭنىڭ تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇنۇس بەگنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىپ، ئىلىغا سۈرگۈن قىلىپ، ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىدۇ. 1820 - يىلى جاھانگىر خوجا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ چىڭ سۇلالسى قوشۇنلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى داۋگۋاڭ ئۆز ۋاقتىدا يۇنۇس بەگنىڭ خوجىلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئەسلەپ، ئۇنى قەشقەر ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىشكە يارلىق چۈشۈرىدۇ. بۇ چاغدا يۇنۇس بەگنىڭ تۈرمىدە ياتقىنىغا توققۇز يىلدىن ئاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايالى ناھەق ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانىدى. خانغا سادىق يۇنۇس بەگ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان بولسىمۇ، قەشقەرگە كېلىپ جاھانگىر خوجىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ۋە 1826 - يىلى قەشقەرنى قوغداش جېڭىدە ئۆلىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 3 - دەرىجىلىك تەيجى نامىنى بېرىپ، 1 - دەرىجىلىك تەيجى قاتارىدا نەپىقە بېرىدۇ.