ئەبرا باي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەننى مىللەتنى سۆيىدىغان بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر زاتلار يېڭىلىق ۋە ئىلىم - ئېرپانغا يۈرۈش قىلىپ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئۈچۈن پۈتۈن مال - مۈلكىنى سەرپ قىلىپ مەكتەپ سېلىپ، جامائەت ھۆكۈم سۈرگەن تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا ئىلىم - مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇردى.
1933 - يىلى 2 - ئايدا، شىنجاڭ قەشقەردە بىر بۆلۈك يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا <ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى> قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەۋقاپ مۇدىرى (ۋەخپە ئاشلىق باشقۇرغۇچى) ئەبرا باي قەشقەر شەھرىنىڭ يارباغ دەرۋازىسى بىلەن تۈمەن دەرياسى ئارىلىقىدىكى گۆركارلار مەھەللىسىدە 12 سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ، سەككىز سىنىپقا يېتىم ئوغۇل بالىلارنى، تۆت سىنىپقا يېتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇش باشلىدى. بالىلارنىڭ ياتاق، تاماق، يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كېچەك، قەغەز، قەلەم، دەپتەر ھەتتا تۇرمۇش رسخوتىنىمۇ ئۆز يېنىدىن چىقىرىش بىلەن بىرگە مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئارقىدىنلا شۇ مەكتەپتىن يېقىن جايدىن يەر سېتىۋېلىپ ئۆز يېرىنى قوشۇپ، جەمئى 32 مو يەرگە دارىلئاجزىن سېلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىگە - چاقىسىز، يېتىم - يىسىر، قېرى - چۆرى، مېيىپ - كېسەل ھەم تىلەمچىلەردىن 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ، بۇ دارىلئاجىزىننىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دارىلئېتام، دارىلئاجزىندىكى 1000 غا يېقىن يېتىم - يىسىرلار بىلەن تۇرمۇشتا بىلللە بولدى. بۇنى كۆرگەن بەزىلەر: <ئەبرا باي ساراڭ بوپتۇ، مۈلكىنى يېتىم - يىسىر، ساراڭ، ئاقىساق - چولاق، مەجنۇن، ئېلىشىپ قالغانلارغا بېرىپ، ئۆزىمۇ ئۇيەرگە كىرىۋاپتۇ> دېيىشتى. لېكىن، ئەبرا باي ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىن دارلئېتام، دارىلئاجىزىندىكى بۇ 1000 دىن ئارتۇق ئىگە - چاقىسىزلارنىڭ غەمگۈزارى بولۇپ ئۆتتى.
ئەبرا باينىڭ بۇ ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە سېخىلىقى نەتىجىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى كوچىلاردا ماكانسىز ئۆتىدىغان غېرىب - غۇربا، يېتىم - يىسىرلار ماكانلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە خارۇ - زار يۈرىدىغان كىشىلەر، تىلەمچىلەر تۈگەپ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى نىسبەتەن ياخشىلاندى. كېيىنكى ۋاقىتتا نەزىر قىلغۇچىلار سەدىقىلىرىنى دارىلئاجىزىنغا بېرىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن دارىلئېتام، دارىلئاجىزىننى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزۋېلىپ، ۋەخپە زېمىنىدىن كەلگەن كىرىم بىلەن باشقۇردى. بۇ چاغدا، ئەبرا باي يەنىلا ئىككى ئورۇننىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېتىملار تەربىيىچىسى بولدى. كېيىن ئەبرا باينىڭ بۇ ئىش - پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا دارىلئېتام، دارىلئاجىزىنلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرى باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتام مەكتەپ 180 سىنىپقا، دارىلئاجىزىن 12 گە يەتتى!
1935 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئەبرا باي ۋەتەن ۋە خەلققە كۆرسەتكەن تۆھپىسى بەدىلىگە ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ ئۆستۈرۈلدى. ئۇ ھاكىم بولغان مەزگىلىدە ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت - ئائارىپ ئىشلرىغا، بولۇپمۇ دارىلئېتام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى، ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇ دارىلئېتام مەكتىپىگە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىم قىلىپ تەنتەربىيە ۋە مۇزىكا سايمانلىرى ئېلىپ بەردى. مەكتەپ ئىزچىلار ئەترىتى، تەنتەربىيىچىلەر ۋە مۇزىكانتلارغا ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ كىيىم - كېچەك تەييارلاپ بەردى. ئۇ ھەرقېتىم ھېيت - ئايەملەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھېيتلىق بېرىپ تۇراتتى. ئەبرا باينىڭ بۇ خىل ئىنسانپەرۋەر ھەرىكىتى شېڭ شىسەينى ئەندىشىگە سالدى. شۇڭا، ئۇ <ئەبرا باي يوقسۇللارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى> دېگەن بەدنام بىلەن ئۇنى قولغا ئالدى ۋە پۈتۈن مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. ئائىلىسىدىكىلەر تەقىپ قىلىندى. سوراق جەريانىدا ئەبرا باينىڭ قەشقەردە ئۆتكەن ئاتاقلىق باي نىياز خوجا ھاكىمنىڭ ئوغلى ۋە ئاكىسى مەمىتىللا ھاجىم شاڭخەينىڭ ھېلىمۇ چەت ئەلدە ئىكەنلىكى، ئەبرا باينىڭمۇ روسىيە، تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە سودا قىلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ئۇنىڭغا <چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ ئىشپىيونى> دېگەن بەد نامنى چاپلاپ، 1939 - يىلى ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلەتىن 51 ياشقا كىرگەنىدى.