روزى قاسىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىي تەنقىدچى روزى قاسىم 1938 - يىل 10 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ناھىيسى بازار ئىچىدە تۇغۇلغان، 1954 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1954 - يىل 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1957 - يىل 8 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئۇ، جەمئىيەتنى قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان، 60 - يىللاردا سولچىل ئىدىينىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1966 - يىل 11 - ئايدا ۋاپات بولغان.
روزى قاسىم ئۆزىنىڭ شېئىر ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئىجادىيىتىنى 50 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلىغان. ئۇ، شۇ يىللاردا <داھىي رەسىمىگە قاراپ>، <چېگرىدىن خەت>، <يېزامدا> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <پوئىزىيىمىزدىكى بەزى ئېغىشلار>، <پروزىمىز ھەققىدە بىر قانچە پىكىر>، <يېڭى ھاياتىمىزغا مەدھىيە>، <ماكسىم گورگىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا> قاتارلىق ئىلمىي - تەنقىدىي ماقالىلەرنى يازغان، بولۇپمۇ ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم ياخشى ماقالىلىرى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك جەھەتتكى ئىقتىدارىنى نامايات قىلىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئەدەبىي تەنقىدچى بولۇپ قالغان.