UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇملۇق سالى

نۇملۇق سالى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سالى دورغا 1870 - يىلى ھازىرقى ئاراتۈرك ناھىيىسىدىكى نوم يېزسىنىڭ دورغىسى ئابدىرازاق بەگ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. سالى دورغىغا دورغىلىق ئاتىسىدىن مىراس قالىدۇ. سالى دورغا ئېغىر - بېسىق، كەم سۆز ھەر قانداق ئىشتا كېيىنلىكىنى ئويلاپ ئىش قىلىدىغان تەدبىرلىك كىشى ئىدى. جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن جۇچۈەندىن 80 ئائىلىك كىشىنى نوم يېزىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دېھقانچىلىقتىن خەۋىرى بولمىغان بۇ كىشلەرگە يەرلىك دېھقانلارنىڭ يېرىنى بۆلۈپ بېرىپ، سوقا - ساپان قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىقىنى بىلمەيدىغان بۇ كۆچمەنلەر يەرنى ھەيدەپ ياكى باستۇرۇپ بولۇپ، كالىنى ساپان بىلەن قويىۋېتىدۇ. بەزى كالىلار سۇ ئېچىپ قويۇپ ئاغرىپ ئۆلىدۇ. بەزى كالىلار ساپان، سۆرەمنى قالايمىقان سۆرەپ يۈرۈپ يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىرىنى بۇزىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا يەرلىك دېھقانلار نارازى بولىدۇ، جۈملىدىن يەرلىك بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدە سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۆچمەنلەرنىڭ باشلىقى جىسا، شۈي لويى، ۋاڭ خۇييىڭلار دېھقانلارنى ئۇرۇپ، تىللاش بىلەن قالماي نومنىڭ يۇرت باشلىقى سالى دورغا قاتارلىق ئون نەچچە كىشىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىدىن خەۋەر تاپقان سۈي ليۇۋېي دېگەن يەرلەشكەن خەنزۇ ئەھۋالنى سالى دورغىغا مەلۇم قىلىدۇ. سالى دورغا كۆچمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزەيدۇ. ئاراتۈركتە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلغاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ خې فامىلىك تۇەن ئادەم بىلەن چوڭ جىگدە دېگەن يەرگە كېلىپ، ئارا تۈرك دېھقانلىرىنى قىرغىن قىلماقچى بولىدۇ. سالى دورغا بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، خې تۇەنجاڭغا يۇشۇرۇن خەت يېزىپ، «ھازىرقى ئاراتۈركتە ئالتە يۇرتتىن يىغىلغان،ما جۇڭيىڭ ئەۋەتكەن ھەم تاشقى موڭغۇلىيەدىن ياردەمگە كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق زامانىۋى قوراللىق ئەسكەر بار. سىز بىر پولك ئەسكەر بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ زىيانغا ئۇچراپ قالماڭ. مەن دوستلۇقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ مەلۇماتنى بېرىمەن» دەيدۇ. خى تۇەنجاڭ بۇ سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ كېتىدۇ. سالى دورغا ئاشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خەلقنى قىرغىندىن ساقلاپ قالىدۇ. سالى دورغا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بولغان كونا مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا خىزمەت ئىشلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ تاشقى موڭغۇلىيەدىن كىرگۈزىدىغان قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇ بىر قېتىم بىر قانچە يەشىك مىلتىق، 20 يەشىك ئوق، مىلتىق دورىسى، ئوق بېشى ۋە بېشى قويۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قوغۇشۇن، 500 قۇرلانغان پاختىلىق كىيىم، 600 پارە چىگرىن ئۆتۈك،1000 دانە يامغۇرلۇق چاپان، 500 دانە جۇۋا قاتارلىق بۇيۇملارنى موڭغۇلىيەدىن ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ دەۋرنىڭ ئادەملىرى ئارىسىدا خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭغا مۇئاۋىن رەئىس بولغان مەزگىلىدە، شېڭ شىسەي سالى دورغىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان ۋە سۆھبەت جەريانىدا شېڭ شىسەي «نېمە ئۈچۈن قوزغىلاڭ چاقىرتقان ۋە سۆھبەت جەريانىدا شېڭ شىسەي «نېمە ئۈچۈن قوزغىلاڭ قىلدىڭ؟» دېگەندە سالى دورغا «ئىنقىلاب بولمىغان بولسا، سەن بۇ ئورۇنغا ئىگە بولالايتىڭمۇ؟» دەپ جاۋاب بەرگەن، شېڭ شىسەي سالى دورغىنىڭ راستچىل، ئوچۇق كۆڭۈل ئادەم ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ كېيىن ئۇنى قولغا ئالمىغان دېگەن سۆزلەر بار. ئەمەلىيەتتىمۇ سالى دورغا قولغا ئېلىنمايدۇ، 1950 - يىلى80 يېشىدا يۇرتى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نۇملۇق سالى | UyghurWiki | UyghurWiki