UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشۆئاڭفۇ

شۆئاڭفۇ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شۆئاڭفۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇ تىلىدا شېئىر يېزىپ داڭقى چىققان ئەدىبلەردىن بىرى. يۈەن دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب تاۋزۇڭيى ئۆزىنىڭ «تارىخنامىلەردىن مۇھىم بايانلار» دېگەن ئەسىرىدە ئۇنى «ئۇيغۇر » دەپ يازغان. شۆئاڭفۇنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان شېئىرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما نەسرىيە غەزەللىرى بىرقەدەر كۆپ. «يۈەن نەزمىرىرىدىن تاللانما» غا ئۇنىڭ كىچىك كۈيلىرىدىن 65 كۇپلېت، پۈتۈن يۈرۈشلۈك كۈيلىرىدىن ئۈچى كىرگۈزۈلگەن. شۆئاڭفۇ ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ ئىدى. ئۇنىڭ كۆپچىلىك ئەسەرلىرى تارىخنى كۈيلەش، قەدىمكىنى كۈيلەش مەزمۇنىدىكى ياكى ئۆزى كەزگەن تاغ - دەريالارنىڭ مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئەسەرلەر، مەشھۇر، داڭلىق قەدىمىي جاي، زىيارەتگاھ، ئورۇنلارنى كۆرگەندە تەسىرلىنىپ يازغان ئەسەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى تولىمۇ پاساھەتلىك بولۇپ، مەردانىلىك، جانلىقلىق، زوق. شوخلۇق كەيپىياتى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بىر ئالاھىدە تەرەپ ئىدى. ئەدىبىنىڭ «جۇڭلۇ، تاغ باغرىدىكى قوي» ، «غەرىبي كۆلدىكى ئارىلاش مەدھىيىلەر، باھار» ، «قەسىر ئالدىدىكى خۇشاللىق » قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردا شۆئاڭفۇنىڭ 1302 - يىلىدىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى