UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇسا بايوۋ

مۇسا بايوۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مۇسا بايوۋ _ ئەسلى ئىسمى مۇساباي، ئۇ 1809 - يىلى ئاتۇش ئىكىساقتىكى قەدىمىي قۇرۇقچى (كارۋان چۈشكىنخانا) دا پاناھلىنىپ، دېھقانچىلىق ۋە كۇلالچىلىق قىلىۋاتقان ئەسلى قەشقەر بەشكىرەم خان ئۆيلۈك ئابدۇرۇسۇلباي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مۇسا باي ئائىلە تەربىيىسىدىكى ۋاقىتلاردا، ئابدۇرۇسۇل باي كۇلالچىلىق قىلىۋاتقان بۇ قەدىمىي قۇرۇقچىغا كۆمۈلگەن ئالتۇننى تېپىۋېلىپ بىردىنلا بېيىپ كەتكەن. ئابدۇرۇسۇل باي شۇنىڭدىن كېيىن ئىكىساقتا كۆپ يەر ئاچقان، قۇرۇقچىنى باغ - ھويلا قىلغان ۋە ئائىلىسىنى قالدۇرۇپ ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تىجارەت بىلەن بولغان، بۇ يىللاردا مۇساباي ئاتۇش مەشھەت، قەشقەر خانلىق مەدرىسلەردە ئوقۇپ يۇقىرى دىنىي بىلىم ئالغان. كېيىن مۇساباي دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپا ئەللىرىدە بىرگە تىجارەت قىلغان. ئاشۇ يىللاردا ئابدۇرۇسۇل باي ئىلىدا 70 - 80 مىڭ دەك چارۋا، 3000 مو ئەتراپىدا يەر سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تەڭ شۇغۇللانغان. 1868 - يىللاردا، ئابدۇرۇسۇل باي كېسەل بولۇپ ۋاپات بولىدۇ. بۇ يىللاردا مۇساباي، ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باۋۇدۇنباينى ئېلىغا چىقىپ، چەت ئەلدىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. موساباي 1870 - يىللىرىدا گىرمانىيەدە ئېچىلغان بىر خەلقئارا يەرمەنكىدە شۆھرەت قازىنىپ، ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن «مۇسابايوۋ» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا سودىگەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 1885 - يىلى ئىلى كۈرەدە 200 كىشىلىك قول - سانائەت كارخانىسى (قول بىلەن كۆن خۇرۇم ئىشلەش) قۇرغاندىن كېيىن ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. قەشقەر خانلىق مەدرىسىنى چوڭ رېمونت قىلغان. باۋۇدۇنباينىڭ قەشقەر ۋە ئىلىدا پەننىي مەكتەپ قۇرۇشىنى قوللىغان ۋە بالىلىرىغا: «پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي، ئىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار» دېگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ، 1895 - يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى