UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىخوجىنىياز ھاجى

خوجىنىياز ھاجى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى خوجىنىياز ھاجى ئۈچ ئەۋلاد قۇللۇقتا ئۆتكەن قۇل دورغىسى ئىمىننىاز ئائىلىسىدە 1889 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن دادىسى ئىمىننىياز دورغا خوجىنىيازنى قۇللاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن، قۇمۇلغا ئەۋەتىپ، قۇمۇل شەھرىدىكى خانلىق مەدرىسىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ (خوجىنىياز بۇ مەدرىستە شاھ مەخسۇتنىڭ نەۋرىسى بېشىر شاھزادە بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ). خوجىنىياز كىچىكىدىن كەم سۆز، تېز ئاچچىقى كېلىدىغان، زېرەك، ئۇچرىغان ھادىسە، ۋەقەلەرنى تېز تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدىغان، ئۆتكۈر، قاۋۇل ھەم يۈرەكلىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇستازىدىن كۆپ سوئال سورايتتى. ۋاڭلىق بەلگىلىمىدە، قۇللار بالىلىرىنى 18 ياشقا كىرگەندە ۋاڭنىڭ تىزىمىغا ئالدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن تېزىمغا ئېلىنغان قۇلغا بېقىش ئۈچۈن چارۋا، تېرىش ئۈچۈن يەر بېرىلەتتى. ئىمىننىياز دورغا ئوغلىنىڭ قۇللار تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى 17 يېشىدىلا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ، ئۆيىنى ئايرىپ قويىدۇ. - يىلى 1 - ئايدا ئىمىننىيازئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشيادىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئوتۇن، سامان ئاپىرىش ئالۋانى كېلىدۇ. ئىمىننىيازئاخۇن شۇ ئالۋانغا ئوغلى خوجىنىيازنى ئەۋەتىدۇ... خوجىنىيازلار سەيسىنى تۈگىتىپ قايتىسشىدا يولدا جۇدۇن بولۇپ قالىدۇ. سەيسىچىلەر يولدىن ئېزىپ قېلىپ، نۇرغۇن ئادەم ۋە ئات، ئېشەكلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ئالۋانغا مەسئۇل بولغان ئوردا بېگى ئىھساق بىلەن خوجىنىياز قاتارلىق ئۈچ كىشى ھايات قالىدۇ. بۇلار ئاچچىقسۇ دېگەن يەردىكى چازىغا كەلگەندە، گەنسۇ تەرەپتىن ھارۋىدا كېلىۋاتقان ھارۋىكەش بىلەن 20 نەپەر چېرىكنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇ چازىدا تۇرغان چېرىك ئەمەلدارلار بۇ ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىپ: <يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى. بۇلارنىڭ يېنىدا ئىككى جىڭ ئەپيۇن، 50 سەر تەڭگە بار ئىكەن، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىنى تەكشۈرسەك يوق تۇرىدۇ. بۇنى سىلەر ئوغرىلاپ كېتىپسىلەر> دەپ خوجىنىياز باشلىق ئۈچ كىشىنى تەكشۈرىدۇ. نەتىجىدە خوجىنىيازنىڭ يېنىدىن دادىسى يول خىراجىتى ئۈچۈن بەرگەن بىر سەر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. چېرىكلەر بۇنى كۆرۈپ، باشقىلارنى قويۇۋېتىپ، خوجىنىيازنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغان پۇللارنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ھەم بىر ئاي ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ. بىر كۈنى قۇمۇل تەرەپتىن كېلىپ بۇ چازىغا چۈشكەن ھارۋىكەشلەر قۇمۇلدا <تورپاقلار قوزغىلىڭى> بولغانلىقىنى، بۇ قوزغىلاڭنىڭ كۈنىدىن - كۈنگە كۈچىيىپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. خوجىنىياز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ كېچىسى ھارۋىكەشلەرنىڭ بىر ئېتىنى ئېلىپ تاغ ئىچى - ئوغرى يولى بىلەن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا بارماي، قوراي يېزىسىغا كېلىدۇ. خوجىنىياز قوراي يېزىسىغا بارغاندا، قورايدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ قۇمۇل شەھرىگە - ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىدى. خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ. خوجىنىيازنىڭ ياش، قابىللىقى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، جۈملىدىن قوزغىلاڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرگەن قوزغىلاڭچىلار خوجىنىيازنى قوشۇنغا ئالىدۇ، ئۇنىڭغا ھۈرمەت قىلىدۇ، ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا قويىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىشىكىنى تاش - كېسەك بىلەن تاقايدۇ. بىراق كۈتۈلمىگەندە ئۇلار ئوردا ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇب بولىدۇ. قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ. خوجىنىياز تاراتۇغا كېتىدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ قوزغىلاڭچىلار ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، خوجىنىيازنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئىزلەيدۇ. خوجىنىيازنى تۇتالماي ئامالسىز قالغان ۋاڭ ئۇنىڭ دادىسى ئىمىننىياز دورغىنى زىندانغا تاشلايدۇ. خوجىنىيازنى تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق ئېلان چىقىرىدۇ: <خوجىنىياز شارلا تېغى - تاراتۇ تېغىدىن ئىمىننىياز قۇلنىڭ ئوغلى. ئۇ شىڭشىڭشيا يولى ئاچچىقسۇ چازىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ 50 سەر تەڭگە، ئىككى جىڭ ئەپيۇن، بىر ئات ۋە جۇۋا... قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ، قورايدىن چىققان تورپاقلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۇ پاكار بوي، يۇمۇلاق يۈز، دۈگۈلەك كۆز، قاراقاش ئادەم، ئۇنى كۆردۈم دېگۈچىلەر ئۈچ يامبۇ ياكى ئۈچ ئات، تۇتۇپ بەرگەن كىشىگە 12 يامبۇ ياكى 12 ئات ئىنئام بېرىلىدۇ...> ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن خوجىنىيازنى ئىزدىگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ. خوجىنىياز ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇن ھالدا تۇرپانغا بېرىپ، ئىھساق دېگەن نام بىلەن ئاستانە مەدرىسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتلار بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ خوجىنىيازنى تۇتۇش ھەرىكىتى تۇرپانغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئاراملىق بولمايدۇ. ئاخىر ئانىسى ئۇنى ھەجىگە بارىدىغانلارغا قوشۇپ، ھەرەمگە يولغا سالىدۇ. ئۇ ھەج قىلىپ بولۇپ، قايتىپ كېلىشكە پۇلى بولمىغاچقا، شۇ جايدىكى بىر باينىڭ خورمىزارلىقىدا ئۈچ يىل ئىشلەپ، يول خىراجىتى ھازىرلاپ ئاندىن ۋەتەنگە قايتىدۇ. 1912 - يىل بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1912 - يىلى، قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئالىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە تۆمۈر خەلىپىمۇ بولۇپ، ئۇ يولدا ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇ قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، قورالنىڭ ئۇچىنى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتقا قارىتىدۇ. ئازاب چەككەن قۇمۇل خەلقى بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بۇ ۋاقىت خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى بولۇپ، خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا پىدائىي بولىدۇ ھەم بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، كۆزگە كۆرۈنىدۇ - دە، تۆمۈر خەلىپە قوشۇنىدىكى باتۇرلار سېپىگە قوشۇلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا قاتناشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تۆمۈر خەلىپىگە مەسلىھەتچى بولىدۇ. تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى <سۈلىھ> بىلەن تىنچىتىلغاندا خوجىنىياز ھاجى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، مىلتىق ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىدۇ. 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈر خەلىپىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى يوقۇتۇشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى تاغدىكى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قورال - ياراغنىڭ ناچار بولۇشى، سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلارنى تارقىتىۋېتىپ ئۆزىلا يەككە قالىدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ. 1913 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن خوشاللىقى ئىچ - ئىچىگە سىغماي قالغان شاھ مەخسۇت ۋاڭ قالغان قوزغىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 12 تاغ، بەش شەھەرلەرگە لەشكەر چىقىرىپ، تېنتىش ئېلىپ بېرىپ قوزغىلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشتى. پۈتۈن قۇمۇل زېمىنىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ دەسسەشكە ئايىغى ئەمەس، بەلكى تىنىقى چىققۇدەكمۇ بوشلۇق قالمىدى... خوجىنىياز ھاجى بارىكۆل ئارقىلىق ئالتايغا بېرىپ تاشقى موڭغولىيىگە بېرىشنى پىلانلىدى - دە، بارىكۆلگە بېرىش بىلەنلا ئىسمىنى يەنە ئىسھاق دەپ ئاتاپ، ئالتاي چىڭگىلىدە ئاكام بار، شۇنى ئىزلەيمەن، دەپ يۈردى. خوجىنىياز ھاجىم ئالتايغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن، يولدا قامزا دېگەن بىر قازاق يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى (قامزا ئەسلىدە بارىكۆل، ئالتاي ئارىلىقىدا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭدار ئوغرى ئىكەن). يول ئۈستىدىكى بىر قونالغۇدا، قامزا خوجىنىياز ھاجى ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى ئوغرىلاپ، ئۆزىنىڭ توكۇر بايتىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ. جوجىنىياز ھاجى ئامالسىز قېلىپ ئالىپ ئوكۇرداينىڭ ئاۋۇلىدا بىر يىل قوي باقىدۇ. ياڭ زېڭشىن بىلەن شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز كېلىشىمى بويىچە، خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ھەممە يەرگە تەڭ ئېلان تارقىتىدۇ. تاغلىقلار ئالىپ ئوكۇرداينىڭ مالچىسى ئىسھاقتىنمۇ گۇمانلىنىدۇ ھەتتا تۆت قازاق يىگىتى ھاجىنى تۇتقىلى كېلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ قېلىپ ئالىپ ئوكۇرداينىڭ بىر ئېتىنى مىنىپ، ئۇ جايدىن كېىپ قالىدۇ. بەخىتكە قارشى ئات ئۆلۈپ پىيادە قالىدۇ. ئۇ بىر قانچە كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ چۆچەككە يېتىپ كېلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى چۆچەكتە بولغان مەزگىلدە ئىسمىنى قامزا، دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى كىيىم - كېچەك، گەپ - سۆز جەھەتتىن قازاقلىشىپ بولغانىدى. شۇ كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجى مامۇتباي دېگەن ئۇيغۇر چارۋىچىنىڭ مېلىنى باقىدۇ. مامۇتباي ئۆزىگە سادىق بۇ مالاي <قامزا> غا ئىشەنچ باغلايدۇ - دە، قويلارنى بورتالانىڭ قىزىل يۇلتۇز دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بېقىشنى تاپىلايدۇ. خوجىنىياز ھاجى بورتالاغا بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن مامۇتباي قويلارنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن قورل بىلەن ئوچىلىق قىلىدۇ. شۇ باھانە بىلەن قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئۆزى ئوۋلىغان ئۈچ دانە بورقاق (بۈكەن) مۈڭگۈزىنى مامۇتبايغا بېرىدۇ. مامۇتباي بۇنىڭدىن بەكمۇ رازى بولىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجى (قامزا) نى يېتەرلىك ئوق - دورا بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ مالچىلىق كۈنلىرى ئوۋچىلىق قىلىش ۋە قارىغا ئېتىش بىلەن ئۆتىدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز شايكىلىرىنى خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە يولغا سالغانىدى. ئۇلار خوجىنىياز ھاجىنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋاڭغا مەلۇم قىلىدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ توخسۇنلۇق نىياز شەنزۇ (شەنزۇ - يېرىم ھاكىم) نى خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ۋەتەنگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ - دە، چېگرىدىن ئۆتۈپ چارروسىيىگە بارىدۇ. خوجىنىياز ھاجى چېگرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رايونى - يەركەنتكە بارىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىشلاققا ئورۇنلىشىدۇ. ئۇزۇ ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلار بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ دوست - بۇرادەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. خوجىنىياز ھاجى چېگرىدىن ئۆتۈش ئالدىدا، بورتالادىن ئوۋلىغا بىر قانچە بۈكەن مۈڭگۈزىنى مامۇتبايغا بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئېلىۋالغانىدى. خوجىنىياز ھاجى بۇ مۈڭگۈزلەرنى يەركەنت بازىرىدا غۇلجىلىق ۋەلىباي دېگەن ئاتاقلىق كىشىگە ساتىدۇ. ۋەلىباي مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭ داۋاملىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇشىغا ئات، تايغان، ياخشى قورال ۋە ئوق - دورا بېرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ. ئۇ ئوۋچىلىق ئىشى بىلەن چارروسىيىنىڭ بىر قانچە چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ. ېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسىدۇ. جەمئىيەت ۋە ھاياتنى چۈشىنىدۇ. چارروسىيىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدۇ. چارروسىيىدىكى ئىلغار تىپتىكى قورال - ياراغلارنى كۆرۈپ، 1907 - يىلدىكى <تورپاقلار قوزغىلىڭى> ۋە 2191 - يىلدىكى <تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى> دا ئىشلەتكەن قارا مىلتىق ۋە 9، 10، 11، 12 ئاتار مىلتىقلارنى ئەسكە ئېلىپ، <ھەتتىڭەي، ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق قوراللار قولىمىزدا بولغان بولسا، تەغدىرىمىز ئاللىقاچان ھەل بولۇپ، زۇلۇمغا زاۋال ئاتا قىلغان بولۇركەنمىز، ... ھېلىمۇ خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، خەلقىم بىلەن بىرلىكتە مەقسەتكە يېتۈرمەن...> دەيدۇ. 1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ غەلبىگە ئېرىشتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئويغاتقىنىدەك، ئۆمۈر بويى ئىنقىلاب ئارزۇسىدا چەت جايلاردا خارى - زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خوجىنىياز ھاجىنىمۇ ئويغاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە يانغان ئىنقىلاب ئوتى ئۇنى قوراللار بىلەن تونۇشۇش، نوقتىلىق ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا ئۈندىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبىسىدىن كېيىن، روسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن روسىيە گىراژدانلىرىغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىملىقى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. خوجىنىياز ھاجى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەلىباي ھىممەت بىلدۈرۈپ، خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆز ئوغلى نامىدا تىزىمغا ئالدۇردى، ئۇ ھەربىي تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ئۇرۇش قانۇنىيەتلىرى نەزەرىيىسىنى ئوبدان ئىگىلىدى. بارلىق ئېغىر - يىنىڭ قوراللار، ھەرخىل چوڭ - كىچىك تىپتىكى توپ زەمبىرەكلەر ۋە پارتلاتقۇچ دورىلار بىلەن تونۇشتى. ھەتتا زېنت پىلىموتقا قەدەر تونۇشۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كونا مەرگەنلىكى بىلەن قارىغا ئېتىش ماھىرى بولۇپ قالدى. تەلىم - تەربىيىنى ئالىي نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى. خوجىنىياز ھاجى ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، روسىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن روسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان <كالتە چاپانلار تەشكىلاتى>، <مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى> ۋە <ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى> نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە 3 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتتە بولدى. بولۇپمۇ شىنجاڭلىق سودىگەرلەر كۆپرەك بولغان شەمەي، زەيسان، توقماق، قارقول... قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن تونۇشتى. كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتلار بىلەن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرى بويىچە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى. لېكىن شارائىت ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يار بەرمەيتتى. خوجىنىياز ھاجى 1923 - يىلغىچە روسىيىدە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈر سىياسىي پىكىرلىك، يۈكسەك ھەربىي ماھارەتكە ئىگە، ئەقىل - پاراسەتلىك بىركىشى بولۇپ يېتىلدى. 1923 - يىلى روسىيە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ۋەتەنگە قايتىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىمۇ ۋەلىباي بىلەن ئىلىغا كەلدى. ئىلىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەلىباينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھۆسەن باي ھاجىم، ياقۇپ باي ۋە ھەكىم بەگ خوجىلار بىلەن ئۇچراشتى. خوجىنىياز ھاجى روسىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىلىدا تۇردى. كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدە تۇردى. ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى. ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسىشىگە ياردەم بەردى خوجىنىياز ھاجى خەلقنى ئويغىتىش ئىشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى. (پېشقەدەم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، كىشىلەر روسىيىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، بۇرۇن بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئېيتقان). ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قۇمۇل، تۇرپان، توقسۇن، ئالتاي، ھەتتا خوتەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۈزىتىدۇ. جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. 1927 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتلار بىلەن كېلىشىپ، خوجىنىياز ھاجى قۇمۇلدا، مەخسۇت مۇھىتلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ. 1927 - يىلنىڭ ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجى دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قۇمۇلغا بارىدۇ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇمۇلنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ. 1928 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ. 1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن جىن سۇرېن فەن ياۋنەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ھاكىميەتنى تارتىۋالىدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولۇۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەر قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەنلا <جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس> دەيدۇ. ئۆزىگە نۇرغۇن سوۋغا - سالاملارنى ئېلىپ كەلگەن نەزەر ۋاڭنى ئۈرۈمچىدە ئېپقېلىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شىنجاڭدا ئومۇمىيۈزلۈك ھاكىملىق تۈزۈم ئورنىتىلىدۇ. قۇمۇل ئۈچ ناھىيىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن مەخسۇت مۇھىتى ۋە تاھىر بەگلەر (1929 - يىلى) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىنقىلاب تەجرىبىسى ۋە ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت - مائارىپ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، سودىگەرچىلىك باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بولىدۇ. ھەر ساھەلەردىن ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ. <بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، يولۋاسقا تۇتۇلدۇم> دېگەندەك، قۇمۇل ۋاڭىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇق، دەپ ئويلىغان خەلق ھېلىگەر جاللات - جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلىمى ئاستىدا قالىدۇ. جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ قول - چوماقلىرى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان بۇ <تاجۇ - تەخىت> نىڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرەلمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ <ئامەت>تىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئالۋان - ياساقلارنى كۆپەيتتى. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقنى ئازابلاش بەدىلىگە ئۆز چۆنتەكلىرىنى تولدۇرۇشتى. خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. شۇ ۋاقىتتا ئايرىم كىشىلەر ئىچىدە: <چىچەنگە ئۇنىماي، باچەنگە ئۇنىدۇقمۇ؟>، <بۇ قانداق يېڭى ھۆكۈمەت بولسۇن؟ بۇنداق ھۆكۈمەتتىن ۋاڭ ياخشى ئىكەنغۇ> دېگەن پاراڭلارمۇ بولدى. خەلقنىڭ ئۇ ئىنكاسى بەزىلەر دېگەندەك ھەرگىز قۇمۇل خەلقىنىڭ ۋاڭلىق تۈزۈمىنى قايتا تىكلەشنى تەلەپ قىلىشى بولماستىن، ئەكسىچە جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت ئىدى. بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس خەلقنى بۇ خىل پىكىرنىڭ ھىمايىچىسى بولىۋالىدۇ - دە، نەزەرۋاڭ قۇمۇلدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بېشىر شاھزادىنى (ئەينى ۋاقىتتا ئوردا ھەربىي ئىشلار نازارەتچىسى ئىدى) ۋاڭ قىلىپ تىكلەپ، ئۆزى ئوردا بېگى بولۇۋالىدۇ. قۇمۇل جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىدۇ. جىن شۇرېن نەزەرنى ئۇلارغا نەسىھەتكە ئەۋەتىدۇ. لېكىن بېشىر ۋە يولۋاسلار نەزەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ. نەزەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلىدۇ. بېشىر شاھزادە ۋاڭ بولغاندىن كېيىن، ئوردا قائىدىسى بويىچە تاغلىق پالۋانلارغا مىلتىق تارقىتىپ، بىر تال مىلتىق ئۈچۈن ئىككى دانىدىن بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇرۇش ئالۋىنى قويدى. بۇ قېتىم تارتۇ تېغىغا قويۇلغان ئالۋانغا خوجىنىياز ھاجىمۇ قاتناشتى. خوجىنىياز ھاجى ۋاڭ بەرگەن ئىككى دانە مىلتىققا مەقسەتلىك ھالدا ئالتە دانە بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇردى. بۇنى كۆرگەن بېشىر ۋاڭ ھەيران بولۇپ ئەھۋالنى سورىغاندا، مال تاپشۇرغانلار:<تاراتۇ تېغىدىن بىرمەرگەن چىقتى، ئاتقان ئوقى زايا كەتمەيدۇ، ئۇچار قۇشلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ>، دەپ تەرىپلەيدۇ. ۋاڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا، بىز ئۇنى <پالۋان دەپلا ئاتايمىز. ئاڭلىساق، ئۆزلىرى بىلەن مەدرىستە بىللە ئوقۇغان كىشى ئىكەن> - دەيدۇ. بېشىر ۋاڭ سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ كىشىنىڭ خوجىنىياز ھاجى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بولغان ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق يۈزىسىدىن، بولۇپمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ قابىل مەرگەنلىكىگە خۇشتار بولۇپ، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭنىڭ خوجىنىياز ھاجىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تالانتىدىن پايدىلىنىش ئىدى. خوجىنىياز ھاجى ئوردا بەگلىرىدىن يۈسۈپبەگ چىقىپ ئۈچىنچى قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئاندىن ئوردىغا كېلىدۇ. بېشىر ۋاڭ ھاجىنى ناھايىتى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭ ھاجىنىڭ مەرگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىدۇ. ۋاڭ ئۇچرىغان جانلىقلارغا نىشانسىز ئوق ئاتىدۇ. ئوقنىڭ بىرەرسىمۇ تەگمەيدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئارقىدا تۇرۇپ، ئۇچرىغان جانلىقلارنى يېقىتىدۇ ۋە:<ۋاڭ ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ئاتقان ئوق دەل تەگدى>، - دەيدۇ. ۋاڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولىدۇ. بارا - بارا ۋاڭنىڭ ھاجىغا بولغان ئىشىەنچىسى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجى ئۈستىدىن تولاراق شىكايەت قىلىدىغان ھەسەتخور ئوردا بېگى يولۋاسنى ئوردا بەگلىكىدىن قالدۇرۇپ، بازار بېگى قىلىپ قويىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنى ئوردا بېگى ھەم ئوردا پالۋانلىرىنى تەربىيلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئوردا بېگى بولغان مەزگىللەردە راھەت - پاراغەت، ئەمەل - مەنسەپكە بېرىلمەي، ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە ھەم ۋاڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. مەخسۇت مۇھىت ۋە مەھمۇت مۇھىتلار ھەم توقسۇنلۇق توختى لۈيجاڭ (توختى ئېلى)، كۇچالىق تۆمۈر ئېلى (تۆمۈر سىجاڭ)، ھادى ئەلەم قاتارلىقلار ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دېمەك، شىمالدا ئالتايدىن، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. 1929 - يىلى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا قايتا - قايتا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆلكىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بېشىر ۋاڭ ۋاڭلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە، قۇمۇلغا قاراشلىق 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىن (بەش شەھەر - سومقاغا، توغۇچى، لاپخۇق، ئاستانە، قارا دۆۋە) مەرگەن تاللاپ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. دېمەك، خوجىنىياز ھاجى 1929 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1931 - يىلنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى كۆپ قوزغىلاڭ ھېسداشچىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە قۇمۇلدا خىزمەت قىلغان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنى باج كېرىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئىقتىسادىي ئورۇنلارنى قامال قىلىدۇ. جىن شۇرېننىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئاسان قولغا كەلگەن بۇ ھاكىمىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى بېيىتىش ئىدى. 1931 - يىلى جىن شۇرېن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقىنى جاڭ گۇخۇانى ئاراتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ شوپول دېگەن يېرىدىكى چازىغا باج ئەمەلدارى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. بۇ شىنجاڭ بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى مۇھىم جاي بولۇپ، باج كىرىمى ئەڭ ئۈستۈن ئىدى. جاڭ گۇخۇا بۇ جايغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، بىر ئۇيغۇر قىزىغا ئۆيلىنىمەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ ۋە قىزنىڭ ئاتىسىغا ئادەم قويۇشتىن سىرت، قوراللىق بېسىم ئىشلىتىدۇ. زۇلۇم دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان خەلق قاتتىق غەزەپكە كېلىدۇ. خەلق قانچە ئېغىر بېسىقلىق قىلسا، جاڭ گۇخۇا شۇنچە ھەددىدىن ئاشىدۇ. ئۆزىنىڭ پاك قېنى ۋە نەسلىنى بۇلغاشقا يول قويمايدىغان ئۇيغۇر خەلقى جاڭ گۇخۇاغا قارشى قوزغىلىدۇ. خەلق بۇ قوزغىلاڭغا خوجىنىياز ھاجىنى يېتەكچى دەپ تونۇيدۇ (بۇ يەردە باشقا يۇرت كاتتىلىرى ئۈستىدە توختالمايمىز). خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىشىنى ۋە رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەكلىپ خوجىنىياز ھاجى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، نەتىجىدە قوزغىلاڭ جاڭ گۇخۇا ئۈستىدىن باشلىنىدۇ. 1931 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئابدۇنىياز مىراپ، سالىخ دورغا، خوجىنىياز ھاجى... قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرى ئاچقان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلان يىغىنى غەلبىلىك ئاياغلىشىدۇ. 1931 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، داقا - دۇمباق، ناغرا - سۇرنايلار بىلەن باشلانغان <توي> مۇراسىمى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىدۇ. جاڭ گۇخۇا <قىزنى بېرىمىز> دېگەن ۋەدە بويىچە 33 نەپەر قوراللىق ئەسكەر بىلەن توي مەيدانىغا يېتىپ كېلىدۇ... كەچقۇرۇن جاڭ گۇخۇا قىز ھۇجرىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. جاڭ گۇخۇا ھۇجرىغا كىرىش بىلەنلا قىزچە ياسانغان يىگىت (ئىمىن ئىسمايىل) نىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئىمىن جاڭ گۇخۇانى قۇچاقلاپ ئالغان پېتى جايىدىلا ئۇجۇقتۇرىدۇ. بۇ چاغدا توي مەيدانىدا تەييار تۇرغان يىگىتلەر جاڭ گۇخۇانىڭ 33 نەپەر ئەسكىرىنى بېسىقتۇرىدۇ. قورالغا ئىگە بولغان يىگىتلەر دەرھال جاڭ گۇخۇا تۇرۇشلىۇق قورغانغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. قورغان ئەمەلدارى ئابدۇنىيازنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، قورغاندىكى 100 دىن ئارتۇق چېرىك يوقىتىلىدۇ. ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان <توي> دىكى بۇ غەلىبە قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يۇرت كاتتىلىرىدىن سالىخ دورغا، ئابدۇنىياز مىراپ، باقى نىياز دورغا، خوجىنىياز ھاجى، قاسىم پالۋان، يەھيا ئىمام، ئىبراھىم قۇرماللار يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭچى قۇشۇن تەشكىللىنىدۇ. بۇ قوشۇنغا 12 تاغ، بەش شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىشىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بۇ قوشۇننىڭ ھەربىي قوماندانى بولىدۇ. جىن شۇرېن ھۆكۈمىت بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئالاقىزادە بولۇپ، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىگە ئىشلەتكەن كونا ھېيلىسىنى ئىشقا سېلىپ، سۈلھىگە ئادەم ئەۋەتىدۇ. سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىم: <قۇمۇلنىڭ ئامانلىقى قۇمۇل خەلقىغا تاپشۇرۇلۇشى لازىم...> دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ. جىن شۇرېن ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. نەتىجىدە، كېلىشىم ئورنىغا ئۇرۇش بولىدۇ. 1931 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، <توي> مۇراسىمى باھانىسى بىلەن باشلانغان قوزغىلاڭ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنى ئالاقىزادە قىلىۋەتتى. جىن شۇرېن قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قوماندانى (قۇمۇل سىجاڭى) ليۇشىزىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولدى. ليۇشىزىڭ يولۋاس باشچىلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. يولۋاس باشچىلىق قىلغان قوشۇندىكى ئەسكەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ، بىر نەچچىسىلا ساق كېلەلىدى. تۆۋەندىكى قوشاقتىن ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: سايلار ئارا چېرىك چىقتى، ئەلىمىنى دىڭگايتىپ. چەنلەپ ئاتتۇق، دۈشمەن قاچتى، مۈرىسىنى قىڭغايتىپ. چىقىپ كەلگەن چېرىكلەر، ئارىلاپ ئاتتى تاڭ - تاڭنى. تاغچىلار يامان ئىكەن، تارتىۋالدى جۈن چاڭنى. بىر قانچە قېتىم چىقىرىلغان ئەسكەرلەر قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن زەربە يىدى. يولۋاس باشلاپ چىققان قىسىم زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ليۇشىزىڭ باتاليون كوماندىرى جىڭ ئەن بىلەن بىر باتاليون ئەسكەر ئېلىپ كوشوتى داۋىنىغا چىقىدۇ. يەر شارائىتى بىلەن پىششىق تونۇش، ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئۇستا خوجىنىياز ھاجى ئۈچ ناھىيىنىڭ يولىنى كونترول قىلىدىغان بۇ ئىستىراتېگىيىلىك جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلىدۇ. جىڭ ئەن باشچىلىقىدىكى بۇ بىر باتاليون دۈشمەن ئەسكىرى خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تەل - تۆكۈس يوقىتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى مۇنۇ قوشاقتىن ئاڭلاڭ: خويمۇ ئوبدان جەڭ بولدى، كوشوتى دېگەن جايدا. جىڭ ئەن باشلىق چېرىكلەر، تامام ئۆلدى شۇ جەڭدە. بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلار غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلىپ، دۈشمەن قىسىملىرى مەغلۇپ بولىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس دەرھال قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا بېرىپ قوشۇلۇۋالدى. مۇشۇ كۈنلەردە گەنسۇ، چىڭخەي ئەتراپلىرىدا خەلقنى بۇلاپ - تالاپ، مابۇفاڭدىن قېچىپ يۈرگەن ماجۇڭيىڭ 200 دەك ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا چىقىدۇ. خوجىنىياز ھاجى باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇن قۇمۇل شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، ماجۇڭيىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ماجۇڭيىڭ خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ. قوزغىلاڭچىلار <يېڭى شەھەر> ۋە <كونا شەھەر> دىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەھەرنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرە قىلىپ ئالالمايدۇ. ماجۇڭيىڭ گەپ - سۆزسىزلا قوشۇنلىرىنى بارىكۆلگە يۆتكەپ كېتىدۇ. كېيىن جىن شۇرېن ئەۋەتكەن لۈيجاڭ دۇجىڭگو باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن لاۋدۇڭنىڭ چىڭلۇچەن دېگەن يېرىدە سوقۇشۇپ، دۇلۇيجاڭ قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۆۋەندىكى قوشاقلار توقۇلىدۇ: لاۋدۇڭدىكى سوقۇشتا، يىيۈەنگە ئات سالدۇق. دۇلۇيجاڭنىڭ چېرىكىنى، چىڭلۇچەندە قاق سالدۇق. خوجىنىياز ھاجى باش بولۇپ، بىزنى جەڭگە باشلىدى. بىزنى دۇلۇيجاڭنىڭ چېرىكى، قوراللىرىنى تاشلىدى. دۇلۇيجاڭ قوشۇنىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ۋە قۇمۇلنىڭ مۇھاسىرىدە قلغانلىقىنى ئاڭلىغان جىن شۇرېن شېڭ زىخۇي (شېڭ شىسەي) نىڭ قوماندانلىقىدا بىر لۈي ئاتلىق (موڭغۇل، شىبە، رۇس) ئەسكەرلىرىنى قۇمۇلغا ئەۋەتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى لاۋدۇڭدا شېڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى 1 - سەپتە، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى 2 - سەپتە ئىدى. ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن، شېڭ شىسەي قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ... ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى باشلاپ گەنسۇغا چېكىنىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئۆز قىسىملىرىنى تاراتۇغا ئېلىپ كېتىدۇ. ماجۇڭيىڭ گەنسۇغا چېكىنىش ۋاقتىدا قۇمۇل خەلقىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇپ بېرىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنى سۈلھى سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى سۆھبەتكە كېلىدۇ. لېكىن تۆت كۈنلۈك سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىنى ئۆز مەقسىتىگە بويسۇندۇرالمىغان ياۋۇز شېڭ شىسەي رەزىل ۋاسىتە قوللىنىپ ئۇنى تۇتۇپ قالىدۇ. خوجىنىياز ھاجى دەرھال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنى ئالداپ تاغقا ئېلىپ چىقىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بار جايغا كەلگەندە غايىپ بولىدۇ ۋە شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. بۇ زەربىدىن كېيىن شېڭ شىسەي بارلىق قوشۇنىنى توپلاپ تاراتۇغا چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما ئۇرۇشقا ماھىر قوزغىلاڭچىلار شېڭ شىسەينىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇنى كۆرگەن شېڭ شىسەي تىكىۋېتىدۇ. 1931 - يىلى كەچ كۈزدە، خوجىنىياز ھاجى ئومۇمىي ئەھۋالنى كۈزەتكەندىن كېيىن، قىسىملارنى تەرتىپكە سالىدۇ ۋە بىر قىسىم كىشىنى باشلاپ شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن تۇتۇشىدىغان مىنگاڭ دېگەن چېگرىغا بارىدۇ. ئۇ يەردە ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىشىشى ئارقىلىق موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوللايدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئوسمانباي، ئىسمايىل ھاجى، سالىخ دورغا، ئوسمانشا، يولۋاس ۋە سەمەتئاخۇن قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ موڭغۇلىيىگە ئەۋەتىدۇ. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئاباي (قازاق) ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى تەن شىڭلى(موڭغۇل) شىرىپ ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى دىلنۇس، بەدى خوجا قاتارلىق ۋەكىللەرنى خوجىنىياز ھاجى يېنىغا ئەۋەتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىلتىق (بەزىلەر 120 دانە، يەنە بەزىلەر 70 دانە دەيدۇ) 20 نەچچە ساندۇق ئوق - دورا، 500 قۇر پاختىلىق كىيىم، 600 جۈپ چىگرىن ئۆتۈك، 100 دانە يامغۇرلۇق چاپان، 500 جۇۋا... قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ ھەم ئۆز قىسىملىرى ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تاللاپ، ھەربىي شوپۇرلۇق، قورال - ياراغ رېمونت قىلىش، دوختۇرلۇق، ساقچى ۋە ھەربىي رازۋېت قاتارلىق ساھەلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. قىستۇرما سۆز: 1928 - يىلى شىنجاڭدا زۇلۇم ھەددىدىن ئېشىپ، يۇرتىدا تۇرۇشقا ئىمكانىيىتى قالمىغاندا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 180 دىن ئارتۇق كىشى تاشقى موڭغۇلىيىگە بېرىپ، ئوقۇش، ھۈنەر ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. بۇلاردىن تۇردى ئاخۇن (تۇرپانلىق)، ئابلا مەخسۇم (قەشقەرلىك)، ھوشۇرئاخۇن ئەۋەيدۇل، خامى نىياز، ئست ئاخۇن، جامال قارى، مەتنىياز ئاخۇن، ئىمىن ئەپەندى، يۈسۈپ موڭغۇل، ھاۋدىن ساۋۇت... قاتارلىق كىشىلەر موڭغۇلىيىگە بارغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيىگە تارقالغان سوتسىيالىستىك ئىدىيىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇلار يېڭىلىق ئۆگەنگەن، بەزىلىرى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان ئىكەن. خوجىنىياز ھاجى ئەۋەتكەن كىشىلەردىن تالىپ ھاجى، سەمەت ئاخۇن ۋە تاشقى موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچىسى بولۇپ، شوپۇرلۇقنى ئۆگەنگەن؛ خېۋىر ئاخۇن، ھوشۇر ئاخۇن قاتارلىق بىر قانچە كىشى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان. خوجىنىياز ھاجى قالغان قىسىملىرىنى داۋاملىق مەشىق قىلدۇرىدۇ. بىر تەرەپتىن ئالتايدىكى شېرىپخان بۆرە، يەنە بىر تەرەپتىن تۇرپاندىكى مەخسۇت مۇھىتلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، قوزغىلاڭ پىلانىنى رەسمىيلەشتۈرىدۇ. 3219 - يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا خوجىنىياز ھاجىم قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئۆز يۇرتى تاراتۇغا يۆتكىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ چېگرىدا قانچىلىك ئۇزاق تۇرغانلىقىغا مۇنۇ شېئىر گۇۋاھ بولالايدۇ: ئالتە ئاي ياتتۇق مىنگاڭدا، سوكسوك بىلەن ئوت قالاپ. كۆزنىڭ گۆھىرى ئاقتى، قۇمۇل يولىغا قاراپ. بىزلەر ئۆلۈپ كەتسەكمۇ، ئەل يۇرتلار ئامان قالسۇن. بىزنى دېگەن يارانلار، ئۆلمەستىن ئامان قالسۇن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خوجىنىياز ھاجى يېرىم يىلدەك چېگرىدا تۇرۇپ ئەسكەر تەربىيىلىگەن. خوجىنىياز ھاجىنىڭ موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى ھازىرلىقىغا قارىغاندا، قوشۇننىڭ ئادەم سانى يەتتە - سەككىز يۈزدىن ئاشسا كېرەك. خوجىنىياز ھاجى چېگرىدىن قايتىپ يۇرتى تاراتۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئاز ۋاقىت ئەسكەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كېيىنكى ئىشلار ئۈچۈن جىددىي ھازىرلىق كۆرىدۇ. بۇ چاغدا ئالتايدىن خوتەنگىچە، قۇمۇلدىن تاشقورغانغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ئىنقىلاب ئۇچقۇنى يانغان بولۇپ، شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ھۆكۈم سۈرگەن مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ يىلتىزى بوشاپ، گويا شامال چىقسىلا قومۇرۇلۇپ كېتىدىغان يانتاققا ئوخشاپ قالغانىدى. 1932 - يىلى 6 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار خوجىنىياز ھاجىمنى باش قوماندان قىلىپ بەلگىلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجىم باش قوماندان بولغاندىن كېيىن، تاراتۇدا يىغىن چاقىرىدۇ. بۇ يىغىنغا قۇرۋان دورغا، سالى دورغا، سالى مەتنىياز دورغا، ئابدۇنىياز مىراب، باقى نىياز دورغا، ناسىر مۇتسىپ، يۈسۈپ دورغا، ئۆلەن قورمال، ئىمىن توخسۇن مىراب، سادىق قورمال، خوجىنىيازباي، خوجا ئاخۇن قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ. يىغىن: ئىتتىپاقلىشىپ جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا، بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىققا بويسۇنۇش، تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ (سالى دورغا، باقى نىياز دورغىلارنى ئەۋەتىپ) قورال - ياراغ سېتىۋېلىش ۋە ئۇلاردىن ياردەم سوراش، يولۋاسنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماجۇڭيىڭنى تەكلىپ قىلىپ جىن شۇرېن قىسىملىرىغا ئىككى تەرەپتىن زەربە بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ تاراتۇ يىغىنى دەپ ئاتالدى. يىغىندىن كېيىن تاشقى موڭغۇلىيە ۋە ئەنشىگە ئادەم ئەۋەتىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي موڭغۇلىيىدىن جامسىن دورغا، ئاباۋ، نىياز، قاسم ئەپەندى، ئىسمايىل، زەرىدىن قاتارلىق كىشىلەر كېلىپ، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە 500 كىشىلىك ھەربىي كىيىم، 70 تال مىلتىق، 40 مىڭ سەر پۇل ياردەم بېرىدۇ. 1932 - يىلنىڭ ئاخىرىدا پىچان ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. 1933 - يىلى توقسۇندىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. 1933 - يىلى 2 ـ ئايدا خوجىنىياز ھاجى تۇرپانغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شېڭ شىسەي بىر بۆلۈم ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنى باشلاپ لۈكچۈنگە كېلىپ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە مەھمۇد مۇھىتى بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئۇچرىشىپ بىر يىغىن چاقىرىپ، كوكيار ئارقىلىق مورى، گۇچۇڭ تەرەپكە ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. بۇ دەل ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم چىققان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ گۇچۇڭنى ئىشغال قىلىپ بىر قانچە مىڭ تال قورالغا ئىگە بولۇۋالىدۇ، خوجىنىياز ھاجى جىمسارغا ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەننى قورال تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلغاندا، ماجۇڭيىڭ دۈشمەن قىسىملىرى بىلەن ئاستىرتتىن مۇناسىۋەت باغلاپ، قورال - ياراغنى ئۆزى ئىگەللىۋېلىپ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆپەيتىدۇ. بۇنىڭدىن خوجىنىياز ھاجىم قاتتىق نارازى بولىدۇ. شېڭ شىسەي بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭغا يوشۇرۇن ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن شېڭ شىسەي بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزىدۇ. بۇ 1933 - يىلنىڭ 6 - ئايلىرى بولۇپ، شېڭ شىسەي ئاتالمىش <12 - ئاپرېل> ئۆزگىرىشىنى قىلىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالغان، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋاقىت ئىدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئۇششاقتالغا بارغاندا، ماجۇڭيىڭ قىسىمىدىن بولغان ماشىمىڭ قىسىملىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ كۇچاغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ماشىمىڭ قول ئاستىدىكى مافۇيۈەنگە خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇرۇشۇش، قەشقەرگە بېرىپ يېڭى شەھەردە قامىلىپ قالغان ماجەنساڭ قىسىمىنى قۇتۇلدۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى 3000 گە يېقىن ئادىمى بىلەن ئالدىدا، مافۇيۈەن بىر قانچە يۈز كىشىلىك قوشۇنى بىلەن ئارقىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراپ ماڭىدۇ. كۆرۈنۈشتە خوجىنىياز ھاجى قاچقان، مافۇيۈەن قوغلاپ ماڭغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال - ياراغ ئالىدۇ. ئۇ چاغدا ئاقسۇغا خوتەن قىسىملىرى، قەشقەردىكى تۆمۈر سىجاڭدىن قالغان قىسىم، ئاقسۇدىكى باي سىجاڭ قىسمى بولۇپ بەش مىڭغا يېقىن كىشىلىك قىسىم توپلانغانىدى. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلدە خەلق يىغىنى ئېچىپ، پەن - مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەكتەپ ئېچىش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن شىنجاڭدا مىللىي مائارىپ يولغا قويۇلۇپ، شەھەر، يېزا - قىشلاق، كەنتلەرگىچە شەخسىي مەكتەپ سېلىش باشلىنىپ كېتىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ تەشەببۇسى 1934 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ھۇلىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولغانىدى. خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە يېتىپ بېرىپلا ماجەنساڭ قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغايدۇ، ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ۋە شىددەتلىك بولىدۇ. شۇ ئەسنادا ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن مافۇيۈەن قىسىملىرى ۋە ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ قەشقەرگە كەلگەن ماجۇڭيىڭ قىسمى بىرلىشىپ خوجىنىياز ھاجىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. نەتىجىدە خوجىنىياز ھاجى ئاتۇش ئاغۇ تاغلىرىغا چېكىنىپ ئەركەشتامغا بېرىپ ئىھساق بەگنى (ئىسھاق بەگ ئۇ چاغدا ئەركەشتام چېگرا ساقچى قىسمىدا پەيجاڭ ئىدى) ۋاسىتە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشىدۇ (شۇ چاغدا بىللە بولغان يول باشلىغۇچى قاسىم تاش ئىدى). سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەممە ئىشىنى قوللاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ساۋۇت داموللا ھۆكۈمىتىگە پەخرى <رەئىس جۇمھۇر> بولغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىنمۇ ساۋۇت داموللىنى قولغا ئېلىش ۋە <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> نى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق كېلىپ تۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ساۋۇت داموللا ھۆكۈمىتىنىڭ باشباشتاقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەركەن تەرەپتە تۇرۇۋاتقان مەھمۇت سىجاڭغا ساۋۇت داموللىنى قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى> گە خاتىمە بېرىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم ئەركەشتامدىن يەركەنگە كەلگەندە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قۇتراپ يەنە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار يەركەن دەرياسىنى بويلاپ ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ، خوجنىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ <باۋئەن سىلىڭ> (گارنىزون قوماندانى) ئۇنۋانى بىلەن ئاقسۇدا بىر مەزگىل تۇرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەپ، شۇ ۋاقىتتىكى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم بۇ تەكلىپنى رەت قىلىپ ئاقسۇدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھمۇت سىجاڭ قاتارلىقلارمۇ قوشۇلمايدۇ. بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى ئەفرىسوف ئاتايىن ئاقسۇغا بېرىپ تولۇق كاپالەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە، روسچە، ئۇيغۇرچە ئۈچ خىل يېزىقتا توختام تۈزۈلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى 1934 - يىلى 8 - ئايلاردا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ھازىرقى 2 - دوختۇرخانا ئالدىدىكى سودا ئىدارىسى قورۇسىغا چۈشۈپ جايلىشىدۇ. ھامىتخان لۈيجاڭ 200 دەك ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ 9 - ئايلاردا يېتىپ كېلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سوۋېت كونسۇلخانىسى خوجىنىياز ھاجىغا سىياسىي دەرس ئۆتتى. بۇ دەرس مەنسۇر ئەپەندى، سىيت ھاجىلار تەرىپىدىن ئۆتۈلگەنلىكىگە قارىغاندا، بەلكىم سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب تارىخىدىن لېكسىيە بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئايلار ئۆتكەنسېرى <ئەسكەرسىز قوماندان، ھوقۇقسىز ئەمەلدار> بولۇپ قۇرۇق جازىغا ئىگە بولغانلىقى، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ تۆمۈر خەلىپە ئورنىغا دەسسەپ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ -دە، ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئۇ، شاھماتقا بېرىلىپ قانچە تەدبىرلەر بىلەن ئۇرۇق يۆتكەپ كۆرسىمۇ، شاھنى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ قولىدىكى ئىشەنچىلىك بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقىتسېرلار ئەمدىلىكتە شېڭ شىسەي قوماندىسىدا بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا خوجىنىياز ھاجىم ھەممە ئىشتىن ئۆزىنى تارتىپ شەخسىي ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇنداق بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئە مەس، چۈنكى: <رەقىب دوستى يۇلۇم توستى، ۋاپا تاشنى ئىرغاتتى.> مانا مۇشۇنداق شارائىتتا ھەرقانداق ئاقىلنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئامالسىزلىقتىن خالىي بولالمايدۇ. شېڭ شىسەينىڭ <63ېيلە> دىن ئېشىپ چۈشىدىغان، بۇ سىياسىي سۈيقەستلىك ھېلىسى خوجىنىياز ھاجىنى ئاخىرقى ھېسابتا <ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى> دېگەن تۆھمەت بىلەن 1937 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قاماشقا ئېلىپ باردى. خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنىش بىلەن ئۇنىڭ مال - مۈلكى پېچەتلىنىدۇ. گېزىتلەردە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاتالمىش <جىنيايەتلىرى> ئېلان قىلىنىدۇ. ھەتتا ئوغلى سەئىدۇللا نامىدا يېزىلغان ماقالىدا <ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەس، ئۇ خائىن، ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ قۇيرۇقى...> دېگەن سۆزلەر بېسىلىدۇ. جۇڭگودا تۇغۇلۇپ ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ تاغدا ئۆسكەن خوجىنىياز ھاجىنى ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ قۇيرۇقى، خائىن دېگەنلىكى، شۇ بۆھتان بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئەپكار ئاممىنىڭ ئويلاپ كۆرۈشىگە، توغرا خۇلاسە چىقىرىشىغا ئەرزىيدۇ. بىز بىلەن ئۇزۇن يىل ئەمگەك تەربىيىسىدە بىللە بولغان، ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي ساقچى باشقارمىسىنىڭ تەرجىمانى ۋە كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن شى يۈەنپۇ (شىبە) نىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، سوراق جەريانى ۋە مەخپىي سوتنىڭ ھۆكۈم ئەھۋالى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ۋە مەخپىي سوت ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىدە: (شى يۈەنپۇنىڭ ئەسلىمىسى <شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى> 1 - قىسىمىدا ئېلان قىلىنغان. شۇ كىتابنىڭ 11 - بېتىگە قاراڭ.) خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق 108 كىشىنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمى موسكۋادىن تەستىقلانغان، ھاشىم ھاجى (ھاشىم ھاجى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئاخبارات مۇتەخەسسىسى. ئۇ، ئۇزۇن يىل شېڭ شىسەي ج خ باشقارمىسىدا تۇرغان، كېيىن ۋەتەنگە قايتقان.) باشچىلىقىدىكى جازا گورۇپپىسى ئۇلارنى سىرتماق سېلىپ بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. 1937 - يىلى جاللات شېڭ شىسەي:<شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجىنىياز ھاجى يېقىن ئادىمى ئىسمائىل ھاجىنى سۇييۇەنگە مەخپىي ئەۋەتىپ، ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ جاسۇسلار باشلىقى شۇيتيەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇندى...> دېگەن تۆھمەت ئەنزىنى كۆتۈرۈ" چىقىپ، شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خوجىنىياز ھاجى باشلىق مۇھىم ئادەملەرنى قولغا ئالدى. خوجىنىياز ھاجى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان دەھشەتلىك قېيىن - قىستاقلىق سوراقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن سىميونوۋ، ياقۇپ ۋە ھاشىم ھاجىلار باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىس - تۈتەك قاپلىغان ئۈرۈمچى ئاسمىنى گويا مەڭگۈ تاڭ ئاتماس كېچىدەك بىلىنەتتى. ئۈرۈمچى 2 - تۈرمە (2 - تۈرمە - ھازىرقى ئوتتۇرا سوت ئورنىدا ئىدى.) ئىچى ئاھۇد - پەرياد، قايغۇ - ماتەمگە تولغان. قولىدا يوغان كالتەك ۋە سىم ئارقان تۇتقان جاللاتلارنىڭ كۆزىدىن قان تېمىپ تۇراتتى... نومۇرسىز ئىشخانا ئىچىدە توققۇز نەپەر ياۋۇز ئەبلەخ چىرايى تاتارغان ھالدا ئىشىككە قاراپ ئولتۇراتتى. قۇيۇق قاش، كەكە ساقال بىر كىشى ئىشىكتىن كىردى - دە، ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سوراق ئۈستىلىدە تۇرغان بىر پارچە قەغەزگە كۆز تاشلىدى. ئۈستەل ئۈستىدىكى قەغەزنى قولىغا ئالغان بىر كاتتىباش: - ئىسمىڭ نىمە؟ - دەپ سورىدى. - ھەي، سەن مېنىڭ ئىسمىمنى بىلەتتىڭغۇ؟ - دېدى <جاۋابكار>. - بىلسەممۇ قائىدە بويىچە سورايمەن. - ھە! خوجىنىياز، - دەپ جاۋاب بەردى <جاۋابكار>. كاتتىباش ھۆكۈمنامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى، دېگەندە، قاقاقلاپ كۈلگەن خوجىنىياز ھاجىم: <ماڭا كەلگەن بۇ ئۆلۈم مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. مەن ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنىلا ئۆلۈپ بولغان. ئېيتىپ قوي! شېڭ دوبەن دېگەن خۇمپەر لومودىغا! مەن ئۆلگەن بىلەن خەلقىم ئۆلمەيدۇ! ئىنقىلاب تۈگىمەيدۇ!...> بۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆزى ئىدى. 1938 - يىلى كۈزدە ئاياغلاشقان سوراق خوجىنىياز ھاجى باشلىق قۇمۇل دېھقانلار غوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سالىخ دورغا، گوسۇل، باقى نىياز ھاجى قاتارلىقلار ھەم شېرىپخان تۆرە، يۇنۇسبەگ، ماۋۇنلۇ، ماشاۋۋۇ، خۇاڭ زۇڭشىن، مۇھەممەت پۇزىۋاڭ، بۇغدا باي، تۇرسۇن بابا، ھەسەنپاڭگاڭ، تۇردى ئاخۇنباي، سوپى شەنجاڭ، نىيازداخەن، ئىسمايىل داتۇ، ھەيدەر ئەپەندى، تۆمۈر غالى، سوپىزادە، زەيدىن كارۋان، كامال ئەپەندى، ئابباس ئەپەندى، بوقان خېلىل، رەقىت، جاڭ شىن، چىڭ دەنلى قاتارلىق 108 ئادەمنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، جاڭ گۇاڭچەن مەسئۇللىقىدا سايوپۇنىڭ غەربىدىكى تاغقا كۆمىدۇ. 1947 - يىلى 4 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر كوچىلىرى ئاپئاق سەللە ئورىغان مويسىپىتلەر، ئاق باغلىغان ئىشچى - خىزمەتچى، ھۈنەرۋەن كاسىپلار، ئاق لېچەك سالغان مەزلۇملار، رەت - رەت تىزىلىپ پىلاكات كۆتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ماتەم بەلگىسى تاقىغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، ئوماق بالىلار بىلەن تولغانىدى. كوچا - كوچىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەلق توپى ماتەم مۇراسىمى مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى. نەچچە مىڭ ئادەم توپلانغان ماتەم مۇراسىمى مەيدانىدا پىغانلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسى ئۈستىگە تارتىلغان پىلاكاتقا: <مەرھۇم خوجىنىياز ھاجى ۋە شېرىپخان تۆرىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى> دەپ يېزىلغان. رەئىس سەھنىسىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، ئىنقىلابىي ياشلار ۋەكىللىرى، ھەربىيلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر ماتەم بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇراتتى. بۇ ماتەم مۇراسىمى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغانىدى. ئەخمەتجان قاسىمى تەزىيە نوتۇقىدا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ پائالىيتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، ئۆلكىمىزدە ئەسىرلەپ ھۆكۈم سۈرگەن فېئوداللىق ئىستىبداتلىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولغان ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېندىن ئىبارەت ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپىتى، زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرېننىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى، ئۇنىڭ مېۋىسىگە ئىگە بولۇۋالغان جاللات شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 10 يىل جەريانىدا خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى فېئوداللىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئىنقىلاب، بۇ ئىنقىلاب شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىنقىلابتىن ئىلغار دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلابتۇر، ئۇ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرىشىنىڭ باشلىمىسى، خەلقىمىز بۇ ئىنقىلابنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ. ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ، خوجىنىياز ھاجىم مەڭگۈ ھايات! دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلىدى. شېڭ شىسەي ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى توۋلانغان غەزەپلىك شوئارلار ۋە <ئامىن> ساداسى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈردى. خوجىنىياز ھاجى بىلەن شېرىپخان تۆرىنىڭ جەسىتى شامالباغ (ھازىرقى رادىئو ئىستانسى يېنى) دىكى شېھىتلىككە قاراپ ئېلىپ مېڭىلدى. 40 يىلدىن بۇيان، بۇ جاي خوجىنىياز ھاجى شېھىتلىكى دېگەن مۇقەددەس نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. زىيارەت ۋە دۇئا - تەكبىردىن ئايرىلىپ قالماي، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كەلدى. بىراق، ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق دەۋرىدە خەلقىمىزگە ئوخشاشلا مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبىزىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ھازىر بۇ قەبرىگاھ خارابىيلىققا ئايلىنىشقا يۈز تۇتقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئۇنى ياد ئەتمەكتە ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرەددۇتىدا بولماقتا. بۇ قوغدىلىدىغان ئاسارە - ئەتىقە، ئەلۋەتتە. 1953 - يىلى ئەتىياز ئۈرۈمچى خۇاڭچىڭ (ھازىرقى ئىتتىپاق يولى، 19 - باشلانغۇچ ۋە 6 -، 14 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنى) دىكى ئۇيغۇر زاراتگاھلىقى ئاق باغلىغان مۇيسىپىتلەر، ياشلار ۋە ئاق لېچەك سالغان ئاياللار بىلەن تولغانىدى. (1953 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر جايدىكى قەبرىلەرنى يۆتكەش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغان). ئاق باغلاپ سەللە ئورىغان كېرەم شەيخ بۇ يەرگە توپلانغان ئەر - ئاياللارغا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن قەبرىلەرنى خاتاسىز كۆرسىتىپ بېرەتتى... ئېچىپ ئېلىنغان جەسەت سۆڭەكلىرى ماتا ۋە خەسىلەرگە ئورۇلۇپ جىنازىغا سېلىنىپ، قايغۇ - ماتەم بىلەن شامالباغ (رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ ئارقىسى) دىكى خوجنىياز ھاجى جەسىتى قويۇلغان قەبرىگاھقا قاراپ ئېلىپ مېڭىلاتتى... قايغۇ ۋە سۈكۈت ئىچىدە كېتىۋاتقان نەچچە ئون جىنازا ئىچىدە يېشىل يوپۇق يېپىلىپ، باش تەرىپىگە ئىككى سەللە قويۇلغان بىر جىنازا كىشىلەرگە ئالاھىدە كۆرۈنەتتى. خالىس جەسەت يۆتكەشكە كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن كىشى بۇ جىنازا ئۈچۈن سۈكۈت بىلدۈرەتتى... جىنازا شېچىتگاھلىققا ئېلىپ بېرىلىپ خوجىنىياز ھاجى مەقبەرسى يېنىغا قويۇلدى. بۇ يەردە ئىككى شام گۆر تەييار ئىدى. جىنازا ئۈستىگە قويۇلغان ئىككى سەللە ئىككى لەھەتكە ئېلىپ كىرىپ قويۇلغاندىن كېيىن، جەسەت سۆڭەكلىرى ئايرىم - ئايرىم ئىككى لەھەتكە ئېلىپ كىرىلدى. توپا تاشلاپ قىرائەت باشلاش ئالدىدا مەرھۇم سەلەي خەلپىتىم (ئۈرۈمچى سەنشىخاڭزىدا ئۆتكەن پېشقەدەم دىنىي زات): <كېرەم شەيخ بۇلارنى كىشىلەر بىلىپ قالسۇن...> دېدى. كېرەم شەيخ بۇ ئىككى جەسەتنى تونۇشتۇرۇپ: <بۇ كىشى شىنخەي ئىنقىلابى دەۋرىدە قارا ھۆكۈمەت (چىڭ سۇلالىسىنى دېمەكچى) ۋە شاھ مەخسۇت ۋاڭغا قارشى تۇرغان قۇمۇل دېھقانلىرىغا باش بولغان تۆمۈر خەلىپە دېگەن كىشى بولىدۇ. يەنە بىر كىشى شۇ چاغدا ئوخشاشلا قارشىلىق كۆرسەتكەن تۇرپان ئاستانە دېقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشچىلىرىدىن بولغان مويدىن ئاخۇن بولىدۇ. بۇلار 1913 - يىلى 3 - ئايدا كونا ئىستىبدات جاللات ياڭ زېڭشىننىڭ سۈلھى ھېيلىسىگە ئالدىنىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ باتاليون كوماندىرى (يىڭجاڭ) بولغان، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ياڭ زېڭشىننىڭ پىلانلىشى بىلەن تۆمۈر خەلىپە مىلتىق بىلەن ئېتىلغان، مويدىن ئاخۇن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم جامائەتلەرنىڭ تەلىپى بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ جەسىت ئېلىپ چىقىلىپ داغ - دۇغىلىق ماتەم بىلەن ئاشۇ زاراتكارلىققا دەپنە قىلىنغان (مەن شۇ چاغدا سەككىز ياشتا ئىدىم). (كېرەم شەيخ - 1905 - يىلى تۇغۇلغان، 1967 - يىلى 2 ـ ئاينىڭ 10 - كۈنى 62 يېشىدا ۋاپات بولغان). جامائەت بۇ قەبرىنى ئاسراشنى دادام قۇربان شەيخ ۋە ئانامنىڭ ئاكىسى شاجىمەن شەيخلەرگە تاپشۇرغان، ئۇلار ۋاپات بولۇش ئالدىدا بۇ قەبرىنى ئاسراشنى ماڭا تاپشۇرغانىدى. بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ ياڭ زېڭشىنغا خەلقىمىزگە ئوخشاشلا ئۆچمەنلىك ساقلايدۇ. ياڭ زېڭشىن جازا قانۇنىدا قولىنى كېسىش، پەينى كېسىش، دارغا ئېسىش، ئاتقا سۆرۈتۈ" ئۆلتۈرۈش، ئاختا قىلىش (بۇ خىل جازالارنى ئۇنىڭ چاپارمىنى مافۇشىڭ ماتىتەي قەشقەردە كۆپ قوللانغان) قاتارلىق ياۋۇز ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنى ۋە تېنىگە زامىن بولغان. بىزنىڭ ئائىلىمىزدىنمۇ ئىسمايىل، مۆمىن دېگەن ئىككى كىشىنى قولىدىن باغلاپ ئېسىپ قويۇپ، باغلانغان يەرگە سوغۇق سۇ قۇيۇپ مۇزلىتىپ، قوللىرىنى ئۈششۈتۈپ ئۈزۈۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بىرى ھېلىمۇ ھايات. خەلقىمىز ياڭ ياڭ زېڭشىننىڭ بۇ زۇلۇمىنى ئۇنتۇلمىغاندەك، ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقى بىلەن ئۆلگەن بۇ ئىككى زات ۋە تاغ - جەزىرىلەردە جەسىتى قالغان شېھىت جەڭچىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ. مەن جامائەت ۋە دادامنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بۇ ئىككى كىشىنىڭ يەرلىكىنى 40 يىل (دادامدىن باشلاپ 1913 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە) ئاسرىدىم. ماۋۇ ئىككى شام گۆرنى خېلى بۇرۇنلا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن دېگەن ئارزۇ بىلەن ئۆزۈمگە ئاتاپ كولاپ قويغانىدىم. ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بۈگۈن تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتى ئۇزۇن يىل بىرگە ئىنقىلاب قىلغان خوجىنىياز ھاجىنىڭ زاراتگاھلىقىغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئىككى جەسەتنىڭ جەم بولغانلىقىغا خوشال بولۇپ، تېخىمۇ يېقىنراق تۇرسۇن دەپ ئۆز نەپسىمدىن كېچىپ، بۇ لەھەتنى بۇ ئىككى زاتقا ھەدىيە قىلدىم> دەيدۇ. بۇنىڭدىن رازى بولغان جامائەت كېرىم شەيخنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ. جامائەتتىن رازى بولغان كېرىم شەيخ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىنى شۇ زاراتگاھلىقتا ئۆتكۈزۈپ بۇ قەبرىلەرنى ئۆمۈر بويى مۇھاپىزەت قىلىدىغانغا ۋەدە بېرىدۇ ھەم قەبرىگاھقا ئۆي سېلىپ ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ چىقىپ ئۆمرىنى شۇ يەردە ئاياغلاشتۇرىدۇ. 80 نەچچە ياشلىق سادىق ناۋاي، ئابىخان قارى، كېرىم شەيخنىڭ يولدىشى ھەمراخان ۋە قىزى ئايتىللاخانلارنىڭ ئېيتىشىچە، كېرىم شەيخ ئىككى ئادەم بارلا جايدا <ئىككى جەسەت جەم بولدى...> دەپ بۇلارنىڭ تارىخىي ھاياتىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلىگەن. يۇرتىمىز بىرقانچە ئەسىردىن بۇيان فېئودال قۇللۇق ئاسارىتىدە بولۇپ، تارىختىكى زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىمىز ئىستىبدات كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىقى، ئىچكى ساتقىنلارنىڭ خائىنلىقى تۈپەيلىدىن پاجىئەلىك بېسىقتۇرۇلدى. 30 - يىللار تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب بولغان خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىمۇ ئاخىرقى ھېسابتا شۇ يول بىلەن ئاياغلاشتى. لېكىن بۇ قوزغىلاڭ يۇرتىمىزدا ئۇزۇن يىللار ھۆكۈم سۈرگەن ئىستىبدات قارا ھاكىمىيەتنى ئاخىرقى ھېسابتا غولاتتى. ئاتالمىش <12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى> نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە مۇئەييەن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. خەلقىمىزنى ئويغاتتى. قۇمۇلدىن تۇتاشقان بۇ ئىنقىلاب ئوتى خوتەنگىچە، پامىر تاغلىرىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا مىسىلسىز ۋولقاندەك يالقۇنجاپ زۇلمەتلىك شىنجاڭ تۇپرىقىدا مەشئەل بولۇپ ياندى. بۇ قوزغىلاڭنى خەلقىمىز ۋە دەۋرىمىز قەدىرلەيدۇ. تارىخ ئۆزىنىڭ بىباھا ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مەن ئۇزۇندىن بۇيان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىرەر خاتىرە قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان، جۈملىدىن نۇرغۇن تارىخىي ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولۇپ خاتىرە قالدۇرغانىدىم. <تۆت كىشىلىك گورۇھ> ھۆكۈم سۈرگەن قالايمىقان يىللاردا ھەممىدىن ئايرىلدىم. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئەسلىمگە كېلىپ، ئېسىمنى يېغىپ، ئىنقىلاب تارىخى توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى باشقا يولداشلارنىڭ يېزىشىغا قالدۇرۇپ، پەقەتلا خوجىنىياز ھاجىنىڭ شەخسىي تەرجىمھالى ئۈستىدە توختالدىم. خوجىنىياز ھاجى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغدىغۇچى مىللىي قەھرىمان، خەلقىمىز ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ پەخىرلىنىدۇ. بەزى نوپۇزلۇق كىشىلەر ئەسلىمىسىدە <خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان> دېگەندەك سۆزلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن. لېكىن كۆپلىگەن پاكىت ۋە تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، خوجىنىياز ھاجىنىڭ گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ گېنېرال لېيتنانتلىق ئۇنۋانى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان، جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئۆمىكى (چېن لېفۇ باشچىلىقىدا) ئەۋەتىپ، خوجىنىياز ھاجى توغرىسىدا خۇلاسە چىقارغان ۋە خۇلاسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا: <خوجىنىياز ھاجىنى ئۆلتۈرۈپ يامان قىلغان، لېكىن شۇ ۋاقىتتا ئۆلتۈرمىسىمۇ بولمايتتى...> دېگەن ئىككى بىسلىق جۈملىنى قىستۇرغان. بۇنىڭدىن جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجى توغرىسىدا ئىككى پەللىدە تەڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت بۇ ماتېرىياللار توغرىسىدا 1931 - يىلدىن 1937 - يىلغىچە ھاجىم بىلەن بىللە بولغان تاشقى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن قاسىم ئەپەندىدىن 1194 - يىلى ئۈرۈمچىدە گېنېرال ئىسھاق بېك بىلەن بىللە تۇرغاندا كۆپ قېتىم ئاڭلىغانىدىم، 1943 - يىلى ئۈرۈمچى شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سالىغ دورغا، ئىسمايىل داتۇ دېگەنلەرنىڭ باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىنىدىن ئاڭلىغانىدىم. كېيىنكى يىللاردا نەمەت خەلىپە، قۇمۇللۇق سىيت باتۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەستە ساقلىغان، ئاخىرقى قېتىم قۇربانوۋ ۋە سوپاخۇنلارنىڭ ئەسلىمىسىدىن پايدىلاندىم. بۇلار، خوجىنىياز ھاجى ھاياتىنىڭ ئازلا بىر قىسمى، ئەلۋەتتە. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى