UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشاھ غېرىب مىرزا

شاھ غېرىب مىرزا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شاھ غېرىب مىرزا تۆمۈرىيلەر ئەۋلادىدىن بولۇپ، نەۋائى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان، خۇراساندا كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركىي تىللىق شائىرلاردىن بىرى ئىدى. ئەلىشىر نەۋائى «مەجالسۇن نەفائىس» تا شاھ غېرىب مىرزا ئۈستىدە توختىلىپ: «... يۇقىرى قابىلىيەتكە، ئۆتكۈر زېھنىگە، نازۇك خىياللارغا ۋە ئىنچىكە تەپەككۇرغا ئىگە يىگىت. ئۇ نەزمە ۋە نەسىردە تەڭداشسىز، خىيالچانلىق ۋە خاتىرە كۈچى جەھەتتە مىسلىسىزدۇر. قۇش ئوينىتىپ، ئوۋ ئوۋلاش ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ. ئۇ دىۋانمۇ تۈزۈپتۇ. ياخشى مەتلەئلىرىنى يېزىپ كەلسەك، بۇ قىسقا كىتابچىغا سىغماي، يەنە بىر كىتاب يېزىلىپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى يازىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ «يانا» رادىپلىق غەزىلىدىن تۆۋەندىكى مەتلەئنى مىسال قىلىپ ئالىدۇ: «بۇ مەتلەئى خاس خىيال ۋە غەرب ئەدا تاپىپتۇر (بۇ مەتلەئى خىيالغا باي ۋە غەرىبانە چىقىپتۇر): پارسا يارىمغا مەي ئىچمەك شىئار ئولمىش يانا، بەسكى تاتارمەن سەبۇ، ئىگىنىم فىگار ئولمىش يانا.» (مېنىڭ تەقۋادار يارىم يەنە شاراب ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالدى، مەي كوزىلىرىنى توشۇپ كىيىملىرىم يىرتىلىپ كەتتى.) يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، نەۋائى تەرىپىدىن نەزمە ۋە نەسىردە تەڭداشسىز، تەپەككۇرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى جەھەتتە مىسلىسىز دەپ تەرىپلەنگەن، ئەينى دەۋردە ئۆز شېئىرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ، شېئىرلىرىنىڭ باشلانما بېيىت «مەتلەئى» لىرى بىلەن شۆھرەت تاپقان شاھ غېرىب مىرزا چاغاتاي ئەدەبىياتىدا مۇناسپ ئورۇن تۇتىدىغان ئەدىبلەردىن بىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى