UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقاسىم ئەپەندى

قاسىم ئەپەندى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قازاق خەلقىنىڭ كۈرەشچان پەرزەنتى قاشىر باي تىلەۋ بەردى ئوغلى قاسىم ئەپەندى، 1899 - (؟) يىلى بارىكۆلدە يوقسۇل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قاشىر باي تىلەۋ بەردى ۋاپات بولغاندا، قاسىم ئەپەندى ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا يەتكەن بولۇپ، ئۇ، ئاتىسىدىن ئايرىلىپ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە قالىدۇ. ئۇنى ئانىسى دەسلەپ دىنىي مەكتەپكە بېرىدۇ. بىر مەھەل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دىنىي بىلىمى ۋە خەت ساۋادى چىقىدۇ. كېيىن ئالتايدا ئېچىلغان بىر ئاۋۇللۇق مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېچىلغان ئالىي مەكتەپلەردە (ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ يىللاردا قاسىم ئەپەندى رۇسىيەگە ئۆتۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە ماركستىك مەكتەپلەردە ئوقۇغان. شۇڭا ئۇ، شىنجاڭغا ماركسىزم تارقاتقۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.) ئوقۇپ سوتسىيالىستىك نەزەرىيە ۋە ماركستىك بىلىم ئالغانلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئاغزاكى ماتېرىيال بار. قاسىم ئەپەندىنىڭ ئەمەلىي بىلىمىمۇ دەل شۇلارنى ئىسپاتلايدۇ. قاسىم رۇسىيىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، تاشقى موڭغۇلىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدى. 1932 - يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ ئاۋۇت ئاكا (ھازىر ھايات) بىلەن شىنجاڭغا كېلىدۇ ۋە قەينەر دېگەن ئىسىم بىلەن خەلق ئىچىدە تەشۋىقاتچىلىق خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى زۇلۇمغا قارشى كۈرەشكە ئۈندەيدۇ. 1932 - يىلى جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ۋە ئىقتسادىي ۋەزىيىتىدە، ياڭ زېڭشىن دەۋرىگە نىسبەتەن قىسمەن ئۆزگىرىش بولغانىدى. جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، قاسىم ئەپەندى جاھانگىر دۆلەت جاسۇسلىرىنىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش سۈيقەستىگە قارشى دادىل كۈرەش قىلىدۇ ۋە سوتسىيالىزم يولىنى تەشۋىق قىلىدۇ. كېيىن ئۇ، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ قوزغىلاڭچى دېھقانلار ئاممىسىنى توغرا ئىنقىلاب يولىغا باشلاشتا تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر مەزگىل خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا مەسلىھەتچى بولىدۇ. بۇ يىللاردا، خوجا نىياز ھاجى يەتتە قۇدۇقتىكى جەڭدە شېڭ شىسەي قىسىمىدىن (ما جۇڭيىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇش مەيدانىنى ئاقق قالدۇرۇپ قۇمۇلغا چېكىنىپ، قۇمۇلنى بويلاپ، ئوت قويۇپ ئىچىكىرىگە كېتىپ قالىدۇ) يېڭىلىدۇ - دە، قۇمۇلنى بۇلاپ، ئوت قويۇپ ئىچكىرىگە كېتىپ قالىدۇ( يېڭلىدۇ - دە، تاشقى موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى ھىنگان تېغىغا چېكىنىدۇ ۋە بۇ يەردە ئالتە ئاي تۇرۇپ دەم ئالىدۇ، قىسمىلارنى رەتلەيدۇ. شۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ ھەم ئۇلاردىن قىشلىق كىيىم - كېچەك، قورال - ياراغ قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدۇ. مۇشۇ پەيتتە قاسىم ئەپەندى خوجا نىياز ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن بولغان كېلىشىملىرىگە مەسلىھەتچى بولىدۇ. 1932 - يىلى كەچ كۈزدە، قاسىم ئەپەندى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قۇمۇل ۋە تۇرپان قىسىملىرى بىلەن بىللە كېتىۋېتىپ ئۇششاقتالغا كەلگەندە، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىدىن بولغان ماشىمىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئەسىرگە چۈشىدۇ. ماشىمىڭ قىسىملىرى 20 نەپەر قوزغىلاڭچى ئاممىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. قاسىم ئەپەندى ئۆپكىسىگە تەككەن ئوق بىلەن ئۆلگەن بولۇپ يېتىۋالىدۇ، دۈشمەن كېتىپ قالغاندىن كېيىن، 2 - كۈنى يەنە شۇنداق چالا ئۆلۈك بولغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەم بىرگە دېھقانلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. 1934 - يىلى 8 - ئايدا، خوجا نىياز ھاجىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇشى ۋە كىپللىكى بىلەن شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت ئىشلىگەندە قاسىم ئەپەندى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يېنىدا مەسلىھەتچى بولىدۇ. كېيىن ماجۇڭيىڭ قىسىمىدىن ماخۇسەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، قاسىم ئەپەندى شېڭ شىسەينىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ خوتەندە تۇرىدۇ. كېيىن قاسىم ئەپەندى قەشقەردە بولغان مەزگىلدە، قەشقەر شەھىرىدە قۇرۇلغان ھىلال ئەھمەر )قىزىل يېڭى ئاي( دوختۇرخانىسىغا مۇدىر بولۇپ بۇ ۋەزىپىنى ئۈچ يىل ئۆتەيدۇ. ئۇ، مۇشۇ جەرياندا قەشقەر رايونىدىكى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۆكتەبىر ئىنقلابىينىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي نەزەرىيىسى ۋە ماركسىتك پەلسەپىدىن دەرس ئۆتىدۇ. يەنى ماركسىزمنىڭ ئىلغار تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولىدۇ. ئۇ، 1936 - يىلى قەشقەر تۇنجى قۇرۇلغان پىداگوگ مەكتىپىدىكى ئىلغار مۇئەللىملەر ۋە ئىلغار ھەربىي، ساقچى ۋە باشقا ئىلغارلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ «پەلسەپە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى» (ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش گۇرۇپپىسى) قۇرىدۇ. ئۇ گۇرۇپپىدا بەي ۋېنيۇ (خۇيزۇ)، ساۋۇت ئەپەندى، ئابدۇقادىر سىدىقى، كېيىنرەك تەكلىپ قىلغان ئابدۇرېشىت يۈسۈفى، ھەربىيلەردىن ئەمەت تۈەنجاڭ، زامىر (تاجىك) تۈەنجاڭ، جاڭ يۇفىڭ (خەنزۇ) سىلىڭ قاتارلىق خېلى كۆپ كىشىلەر بولغان. قاسىم ئەپەندى ئەنە شۇ ماركىستىك پەلسەپە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ئىدى. 1939 - يىلى شېڭ شىسەي قاسىم ئەپەندىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ نەزەربەنت قىلىپ قويىدۇ.ئ 1942 - يىلى شېڭ شىسەي قاسىم ئەپەندىنى نەزەربەنتتىن بوشىتىپ، مەركىزىي قازاق - قىرغىز ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەيدۇ. قاسىم ئەپەندى قازاق - قىرغىز ئۇيۇشما تەشكىلات بۆلۈم باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئۇ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ، قازاق - قىرغىز خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور يېڭلىقلار يارىتىدۇ، ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرۇيى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بىراق، 1943 - يىلى ئەتىيازدا، شېڭ شىسەي (بۇ چاغدا، شىنجاڭدا ئاللىقاچان گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى) قاسىم ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ. ئۇ تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن، ھەر خىل ئېغىر شارائىت ۋە قېيىن - قىستاقلار داۋامىدا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوق تەككەن ئۆپكە كېسىلى قايتا قوزغىلىپ ئېغىرلىشىدۇ، ئۇ، بىر يىلغا يەتمىگەن تۈرمە ئازابىدىن كېيىن تۈرمىدىن بوشىتىلىدۇ. بۇ چاغدا، قازاق - قىرغىز ئىلغارلىرى قاسىم ئەپەندىنىڭ يەنىلا خىزمەت ئىشلىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ، كېسىلنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىماي ئەسلىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، خىزمەت جانلىنىدۇ. ئەكسىيەتچىلەر بىلەن ئىلغار كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا كۈرەش باشلىنىدۇ. ئۇ يىللاردا، قازاق - قىرغىز ئۇيۇشما رەئىسى سالىس ئىدى، ئۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەر ۋەكىلى بولۇپ، گومىنداڭنىڭ ئىشەنچىلىك قول چوماقلىرىدىن ئىدى. جۈملىدىن ئۇ، ئۇيۇشما دائىرىسىد ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئىلغار كۈچلەرنى تايانچىسىز قالدۇرۇپ مەقسىتىدە قاسىم ئەپەندىنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ، ئۆيىدە ئۆپكە جاراھىتىنى داۋالاپ دەم ئالىدۇ. 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەندا «11 ماددىلىق تىنچىلىق بېتىم» شەرتلىرىگە ئاساسەن خەلقىمىز خەلقچىللىق سايلام ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ. 1946 - يىلى 8 - ۋە 9 - ئايلاردا ئېلىپ بېرىلغان خەلقچىل سايلامدا، قاسىم ئەپەندى خەلق تەرىپىدىن مەركىزىي قازاق - قىرغىز مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ سايلىندۇ. ئۇ، سايلامدىن كېيىن خەلقچىللىق بىرلىك - ئىتتىپاقىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش يولىدا پىداكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئەكىسيەتچىلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدۇ. ئۇ يىللاردا، شىنجاڭ ۋەزىيىتى بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن ئىلغار كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىن ۋە جىددى ئىدى. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، قازاق خەلقى بىر تەرەپتىن ئوسمان، قالىبېك، ئورازقان قاتارلىق قوراللىق باندىتلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭ ۋە ئۆزىگە مەجبۇرىي رام قىلىش (بويسۇندۇرۇش، ئەگەشتۈرۈش) قاتارلىق نەيرەڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، گومىنداڭ گۇماشتىلىرى بولغان سالىس، زاكىچىن، جانىمقان قاتارلىقلارنىڭ بېسىمغا ئۇچرايتتى. ئۇ يىللاردا قاسىم ئەپەندى ئىلغار كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ قازاق خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىك، ئازادلىق يولىنى روشەن كۆرستىپ، ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە ۋەتەنپەرۋەر خەلق پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىلغار كۈچلەرگە بولۇپمۇ ئۆز كونتروللۇقىدىكى يەتتە ۋىلايەت ئىلغارلىرىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بەردى ۋە ئۇلار ئۈستىدىن تېرورلۇق ئېلىپ باردى، ئۆلتۈردى، قامىدى. مىڭلىغان كىشى خانىۋەيران بولدى. ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولۇپ، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەسئۇت سەبىرىنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي كۈچلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. نەتىجىدە، ئۆلكىلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشتىن توختىدى، جۈملىدىن يەتتە ۋىلايەتتىكى ئىلغار كۈچلەر ۋەكىللىرى ئىلىغا كەتتى. بۇ چاغدا. قاسىم ئەپەندىمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز سەبداشلىرى بىلەن 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىلىغا كەتتى. ئۇ، ئىلىغا بارغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قولدىشى سۈپىتدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ياردەمدە بولدى. 1948 - يىلى ئىلىدا «ئىتتىپاق» تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، قاسىم ئەپەندى ئىتتىپاقنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى ۋە بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى. لېكىن ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى، كېسەلنىڭ يامان تەرەپكە تەرەققىي قىلىشى قۇتقۇزۇپ بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. نەتىجىدە، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە ۋاپات بولدى. قاسىم ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى پۈتۈن «ئىتتىپاق» ئىجرائىيە كومىتېتى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبەگ، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، دەلىلقان سۇگۇربايوف قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى، «ئىتتىپاق» ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئىتتىپاق ئىجرائىيە كومىتېت ھەيئەت ئەزالىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر تەزىيە ماقالىسى يازدى. قاسىم ئەپەندىنىڭ تەزىيە مۇراسىمغا ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا سۆزلىگەن تەزىيە سۆزىدە: «قاسىم ئەپەندى پۈتۈن ئۆمرىنى خەلقنىڭ ئازادلىق، ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېغىشلىدى. ئۇ، ئۆمۈر بويى ئادالەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك يولىدا باتۇرانە كۈرەش قىلدى. ئۇ، ھەر قاچان <بىز دۈشمەننى چوقۇم يېڭىمىز دېسەك، ئىتتىپاقلىشايلى، ئىتتىپاقلىق - كۈچ دېمەكتۇر> دەيتتى ۋە خەلقىمىزنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. قاسىم ئەپەندى ئۆز ھاياتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەر خەلقىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا، بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە ھەمدە بىر - بىرىگە بولغان تارىخىي قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە سەرپ قىلدى. شۇنداقلا ئۇ، ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش سېپىدىكى يۈرەكلىك ۋە غەيرەتلىكى كۈرەشچى ئىدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئۆز كۈچىگە ئىشىنىشىنى دائىم تەشۋىق قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېسىلى ۋە ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئۇنىڭ جەڭگىۋار روھىغا زادىلا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن ئىدى. قاسىم ئەپەندى كۆزىنى يۇمغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئازادلىقى يولىدىكى يۈرىكى ھەر بىر ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ يۈرىكى بىلەن مەڭگۈ بىرگە سوقىدۇ . . .» دېگەن ئىدى. قاسىم ئەپەندىنىڭ جەسىتى غۇلجىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. كېيىن ئىتتىپاق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن ئىلى كۈتۈپخانىسىغا «قاسىم ئەپەندى كۈتۈپخانىسى» دەپ نام بەرگەن. قاسىم ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئەينى ۋاقىتتا ئۈچ ۋىلايەتتىكى كىشىلەرنى ئېغىر قايغۇغا سالغان، «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» يەنى «ئىتتىپاق ئىجرائىيە كومىتېتى» تەزىيە مۇراسىمى ئاچقان. ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ناھىيىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، «ئىتتىپاق» نىڭ جايلاردىكى شۆبىلىرى تەزىيە بىلدۈرگەن. 1948 - يىلى قاسىم ئەپەندى ۋاپاتىدىن كېيىن ئىلى گېزىتى مەخسۇس تەزىيە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، قاسىم ئەپەندىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە رەئىس ماۋزېدۇڭ قاسىم ئەپەندىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان ئىلغار پائالىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ خىزمەت پائالىيىتى ۋە نامىنى ئەنگە ئېلىپ گۇۋاھنامە بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى