مۆيدىن تۇەنجاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
بىلگۈچىلەرنىڭ بايانىدىن قارىغاندا، مۆيدىن تۇەنجاڭ ئەسلىدىلا كۇچارلىق، 1933 - يىللاردا 30 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، كۇچاردا تۇماقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىقول، ئەنجان، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ تۇماقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە تاشكەنتىكى چەت ئەل مۇھاجىرلار كومتېتىنىڭ شەرق مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1931 - يىلى ئەتراپىدا كۇچارغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بارغانلار سورۇنلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەتنى سۆزلەپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سوۋېت خەلقىنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى خەلققە تونۇشتۇرىدۇ ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغاندىلا ئازادلىق، ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، سوۋېت خەلقىدەك تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ.
1933 - يىلى تۆمۈر ئېلى كۇچاردا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، مۆيدىن ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ۋە تۆمۈر ئېلى قىسمىدا ئاقسۇ، ياقا ئېرىق مارالبېشى قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرستىپ يىڭجاڭ بولىدۇ. كېيىن تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە بارغاندا، تۆمۈر ئېلىنىڭ يېنىدا بولىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قىسمىدا بولىدۇ. قەشقەر يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسىتىپ، ئاتلىق 6 - دىۋىزىيىنىڭ 33 - تۇەنىگە تۇەنجاڭ بولىدۇ. كېيىن قەشقەردە ئۆز تۇەنىنىڭ تۈرمىسىگە قامىلىدۇ، قامىلىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس (بەزىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاخبارات بەرگەن، دېسە، بەزىلەر ئەپيۇن چېكىشنى ئۆگەنگەن، شۇڭا قامالغان دېيىشىدۇ).
1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مەھمۇت مۇھىتى چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاتلىق 6 - دىۋىزىيىنىڭ يېڭىساردا تۇرۇشلۇق 33 - تۇەنى، يەركەندىكى 34 - تۇەنى ۋە شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى قۇربان نىياز شاھىدى قۇمانلىقىدىكى 31 -، 32 - تۇەنلىرىدىن قىچىپ چىققان بىر قىسىم ئەسكەرلەر كاجۇڭغا يىغىلىدۇ. مۆيدىن تۇەنجاڭمۇ شۇلار بىلەن كاجۇڭغا قېچىپ كېلىدۇ. كاجۇڭدا ئوفىتسېرلار يىغىن ئېچىپ، 33 - تۇەن 1 - ليەننىڭ ليەنجاڭى ئابدۇنىياز كامالنى مەزكۇر تۆت تۇەندىن يىغىلغان ئەسكەرلەرگە سىجاڭ، مۆيدىن تۇەنجاڭنى مۇئاۋىن سىجاڭ ھەم شىتات باشلىقى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئابدۇنىيازنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنى ئۇرۇش قىلىپ، كەلپىنگە كەلگەندە، كەلىپن ناھىيىسىنىڭ سايۋاغ دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا تىرەك ئۈستىگە چىقىۋالغان قوزغىلاڭچىلار ئايروپىلاندىن بىرنى ئېتىپ چۈشۈىۋېتىدۇ. ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلاندىكى ئىككى رۇس، ئىككى خەنزۇ ئەسكەر ئەسىرىگە ئېلىنىدۇ. مۆيدىن سىجاڭ بۇ ئەسىرلەرنى يوشۇرۇن قويۇۋېتىدۇ ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەت ئارقىلىق ئاخبارات بېرىدۇ. بۇ ئاخبارات ئابدۇنىياز سىجاڭنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. مۆيدىن سىجاڭ بۇ قىلىمىشى ئۈچۈن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ بەش ئېرىق دېگەن جايىدا بىر ئۆستەڭ بويىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.