سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (تەخەللۇسى «ناقىس») ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ كلاسسىك ئەدەبىيات دەۋرىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىگە كىرىشى يولىدا مۇھىم رول ئويناپ، بۇ ئىككى دەۋر ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ئىزچىللىق ۋە ئەنئەنىۋى ۋارىسلىقنى، شۇنداقلا، ئۆتكۈنچى دەۋر تەلەپلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق نامايان قىلغان شائىرلارنىڭ بىرى.
شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (ناقىس) ھىجىرىيە 1259 - (مىلادىيە 1843 - ) يىلى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچى مەدرىس كۆلبېشى مەھەللىسىدە بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە ۋە مەھەللىسىدىكى مەدرىسنىڭ مۇدەرىسىلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مەرىپەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك ئادەم بولغاچقا، پەرزەنتىنى تېخىمۇ يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ ئاپاق خوجا مازىرى يېنىدىكى مەدرىسىگە ئوقۇشقا بەرگەن. سابىر ئاخۇن (ناقىس) قەشقەردە ئۆز بىلىمىنى تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ تىل - ئەدەبىيات، ئىسلام تەلىماتلىرى بويىچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە بولغان. شۇنداقلا، ئەينى دەۋر رېئاللىقى تۈرتكىسىدە قەشقەردىكى مەزگىلىدىلا قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىي پائالىيىتىنى باشلىغان.
شائىر ناقىس قەشقەر يىڭىسارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تايىبەگ مەدرىسىگە مۇدەرىس بولغان. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - مەرىپەتكە ئىجادىيەت، ئىلمىي ئىشلارغا بېغىشلىغان، نۇرغۇن ئىلىم ئىخلاسمەنلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان. ئۇ ئۆزىنى باشتىن - ئاخىر كەمتەر(ئۇنىڭ تەخەللۇسىمۇ مۇشۇ مەنىدە ئىدى) تۇتۇپ، تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. شۇڭلاشقىمۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ - غايىلىرى، نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئىلغار قاراشلار جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
شائىر ناقىس ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى داۋامىدا«دىۋان ناقىس»، «بەھىس ھېكىمبەگ»،«مەۋجۇدۇلقۇلۇب» («قەلب بارلىقلىرى»)، «نۆللى دىمەن» («تېخى نۆل دىمەن»)، «نەسىھەتنامە ئۇنسۇر بايانى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا شائىر يەنە ئىران يازغۇچىسى شەيخ ئىنايىتۇللانىڭ «باھار دانىش» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىمدىكى داستانىنى پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىپ، ئەسەرگە «گۈلزار بىنىش» («تىكەنسىز گۈلزار») دەپ نام بەرگەن. 1989 - 1890 - يىللىرى، 4 - ھېكايىغا قەدەر تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر نەسرىي شەكىلدىن نەزمىي شەكلىگە كىرگۈزۈلۈپ ئىجادىي ئىشلەنگەن بولۇپ، شائىرنىڭ خېلى يۇقىرى بەدىئىي ئىقتىدارىنى نامايىش قىلىدۇ. داستان ئەدەب - ئەخلاق، ۋاپا، سەمىمىيەت، دوستلۇق، بۇرچ قاتارلىق تېمىلاردىكى ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىرى ئالاھىدە مەدھىيىلەنگەن. بۇ شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئىلغارلىق ئىدى.
شائىر ناقىس ئۆز پىكىرىنى بېيىت شەكلىدە تېز ئېيتالايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك، يۇمۇرلۇق، خۇش چاقچاق كىشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە نۇرغۇن نەزمىلىرى، ھەجۋىلىرى ۋە چاقچاقلىرى كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.
شائىر ناقىستىن بىزگە ئىككى پارچە قول يازما توپلام قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ساقلىنىدۇ.
بۇ قول يازما توپلام جەمئىي 78 بەت بولۇپ، ئۇنىڭ 44 بېتى «گۈلزار بىنىش» داستاندىن، 34 بېتى لىرىك شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان. شائىرنىڭ توپلامدىكى شېئىرلىرى دىۋان ھالىتىدە رەتلىنىپ كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، تەھرىرلەنگەن ۋە ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن ئەسلى ئىملانىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىگە قاراپ، ئۇنى شائىرنىڭ ئۆز قەلىمىگە مەنسۇپ توپلام دېيىش مۇمكىن.
شائىرنىڭ مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلىرى 174 غەزەل، بىر مەرىسيە، بەش مۇخەممەس، ئۈچ رۇبائى، 13 ھەرپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن شائىرنىڭ «گۈلزار بىنىش» قا قوشۇپ تۈپلەنگەن مەزكۇر دىۋانىنى تولۇقسىز دىۋان دېيىش مۇمكىن.
شائىر ناقىسىنىڭ مەزكۇر دىۋانىدىكى شېئىرلىرى ھەققىدە ئارتۇق توختالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر غەزەلنى ئوقوغۇچىلارغا تەقدىم قىلماقچىمىز. ئەنئەنىۋى ئىشق - مۇھەببەت تېمىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» غا بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى زىچ بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بۇ غەزەلدىن ئاپتورنىڭ يۇقىرى بەدىئىي دىت، ئىقتىدارىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.
«مۇغەننى مەقامى راكنى بەزم ئىچرە مەستانە،
ساچىپ ئەربابى مەئنى لەفزىدىن مەجلىسىغە دۇردانە.
سېنى ياد ئەيلەبان مۇڭلۇغ كۆڭۈللەر ئەسرۇ مەھزۇندۇر،
كى سەن ھەم ياد ئېتىپ تۈز چەببايادىڭ، بولمە بىگانە.
چىقىپ قاتىپ نەفەس چىقماقغە بائىس بىلمەسەڭ نېدۇر،
تەرەننۇم قىل سىگاھ ئاھەڭگى بىرلە نەغمە رىندانە.
كۆڭۈل چىن مۇزتەرىبدۇر تۆت مەزھەبدىن نېدۇر مەقسەد،
ئىشتىگىل چارگەھنى فەھىم قىلغىل سىررى مەيخانە.
كۆڭۈل مۈلكىنى شاھەنشاھى ئىشقىڭ چۈن مەقام ئەتتى،
ئاچىپ يۈز پەنجىگەھ نەققارەسن ئۇرغىلكى فەرزانە.
ئېرۇر ئىشق ئەھلى كۆپ مەھزۇن باقىپ پەر گارى لەئلىڭغە،
چېكىپ ئۇششاق ناخۇن بىرلە قىلغىلى راست دىۋانە،
زىلەيخائى جۇنۇن لەشكەر چېكىپ ئەيلەر سىياسەت كۆپ،
بەياد ئاھەڭگىدىن تاشلارمۇ سەن كۆڭلۈمنى زىندانە.
بۇ بەزم ئەھلىگە غەفلەت لەشكەرى يەغما تەرەننۇمدۇر،
كېرەك نىش ئاۋەرەك تىغى بىلەن جەۋلانى مەردانە.
تەكەللۇم ئىستەبان شىرىن لەبىڭدىن بىناۋا بولغاچ،
كۆيەرمىز بىز ئۈممىدىدە بىر جەمئىي پەرۋانە.
دېسۇن كۆڭلۈم مەقامى ئەجز ئارا ئۆز ھالىنى، ناقىس،
ئەجەم بىرلە ئىراق ئەھلى بۇ سىرنى بىلمەسۇن يانە.»
شائىر ناقىسىنىڭ 1981 - يىلى تېپىلغان يەنە بىر تولۇقسىز قول يازما دىۋانىدىكى شېئىرلار «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1982 - يىل 3 - سانىدا ئېلان قىلىنىدى (غۇلام ئەبەيدۇللا نەشىرگە تەييارلىغان). ئۇ شېئىرلارنىڭ بىر قىسمىدا ئادالەت، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەدەب - ئەخلاق تېمىلىرى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزم مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شائىرنىڭ ئۆتكۈر، ئوبرازلىق ھەجىۋى تىل بىلەن ھۆكۈمران سىنىپلار ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھىمايىچىلىرىنى، ئىنسانىي پەزىلەتكە يات ئىللەتلەرنى غەزەپ بىلەن سۆكۈپ ۋە مەسخىرە قىلىپ يازغان شېئىرلىرىنى ھەجۋى ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنلىرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
شائىر سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر (ناقىس) مىلادى 1922 - يىلى يېڭىساردا ۋاپات بولغان.