UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەنۋەر ناسىرى

ئەنۋەر ناسىرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئەنۋەرمەخپىر ئوغلى ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئويىنغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. ئەنۋەر ناسىرى 1914 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە، تۆمۈرچى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ دىنىي ئوقوغان، كېيىن پەننىي مەكتەپكە كىرىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. ئاتىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئېغىر تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئەنۋەر ناسىرى ئوقوشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، 15 يېشىدىن باشلاپلا، شەھەردىكى ئاشخانىلاردا ئوچاققا ئوت قالاپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان. 1934 - يىلنىڭ بېشىدا غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندا ئەنۋەر ناسىرى ئۇيۇشما خىزمىتىگە كىرىدۇ ۋە ئۇيۇشمىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ خىزمەتچىسى ۋە پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. 1934 - يىلى ئۆكتەبردىن باشلاپ غۇلجىدا «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى» چىقىشقا باشلىدى. ئەنۋەر ناسىرى گېزىتخانا خىزمىتىگە كىرىپ دەسلەپ ھەرپ تىزغۇچى، كېيىن كوررېكتور ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئەنۋەر ناسىرىنىڭ ئىجادىيىتى 1935 - يىلى باشلانغان. ئۇ گېزىتخانىدىكى خىزمىتىدىن باشقا، بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسا، بىر تەرەپتىن ئۇيۇشمىنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش ئۈچۈن جاي - جايلاردا كەچكۇرسلار ئېچىشىغا ياردەملىشىدۇ، قىرائەتخانىلار قۇرىدۇ. ئۇيۇشما قارىمقىدىكى سەنئەت ئۆمىكىگە يېقىندىن ياردەملىشىپ، كونسېرت نومۇرلىرىنى تۈزۈشۈپ، رەتلىشىپ بېرىدۇ، ناخشا تېكىستلىرى يازىدۇ. 1937 - يىلدىن باشلاپ ئەنۋەر ناسىرى غۇلجىدىكى «ياردەم مەكتەپ» (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقوتقۇچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنداقلا ئۇ، ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ شۇ يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان «مىللەتلەر كۇلۇبى» نىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ شائىر قاسىمجا قەمبىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ئەنۋەر ناسىرىنىڭ ياش ئەدەبىيات - سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى خىزمىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. ئىنقىلابىي قۇربان، ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيىتى 1938 - يىلى يانۋاردا ئەنۋەر ناسىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياردىمىدە يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە بولغانىدى. شۇڭلاشقىمۇ، ل . مۇتەللىپنىڭ: «مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى، ئۇ مېنى ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم قەلەم ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۇردى» دېگەن سۆزى تاسادىپىي ئېيتىلغان ئەمەس ئىدى. شائىر ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى 1938 - يىل ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى ئۇ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتىي قىممىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان شېئىرلىرى - «كۈن چىقىش شامىلى» ۋە «قىشقا بېغىشلاپ» نى يېزىپ ئېلان قىلدى. «كۈن چىقىش شامىلى» دا شائىر: سالام ئۇرۇشنىڭ قانلىق سېپىدە، كۆكرەك كېرىپ ماڭغان ئالدىغا. ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلىغا! قانلىق تۇغنى تۇتۇپ قولىدا، ھەر قەدەمدە ئۈستۈنلۈك ئالغان. قەھرىمان سەبداش جەڭچى دوستۇمغا! دېگەنگە ئوخشاش جاراڭلىق مىسرالار ئارقىلىق پايون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان جەڭچىلەرگە، پارتىزانلارغا بولغان سەمىمىي، قىزغىن ھۆرمەت، ئېھتىرامىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنى قەتئىي قوللاشتەك ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن بولسا، سىمۋوللاشتۇرۇش ۋە رىتورىك سوئال ئۇسۇلى بويىچە يازغان «قىشقا بېغىشلاپ» شېئىرىدا زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەتكە بولغان نەپرىتىنى، ئەمگەكچى خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. 1942- يىلى شېڭ شىسەي ئىنقىلابچىلارنى، ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى، باستۇردى. مىسلسىز قاراڭغۇ زۇلمەت پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئەنۋەر ناسىرى شۇ يىللاردا يازغان بىر شېئىرىدا دۈشمەننىڭ قىيىن - قىستاقلىرى ئالدىدا باش ئەگمەي قۇربان بولغان ئىنقىلابچىنىڭ ئوبرازىنى مۇنداق ياراتتى: ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش، كېسىلگەن باش، چۇۋۇلغان چاچ، تۆكۈلگەن قان. تىتىلغان تەن، تۈرۈلگەن مۇشت، كىرىشكەن چىش، پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان. ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەۋر شائىر 1938 - يىلى گىرىپتار بولغان ئۆپكە كېسىلىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرلاپ قېلىۋاتقىنىغا قارىماي، 1944 - يىلى قوزغالغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدۇ. ئۇ 1945 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە كاتىپ ئىدارىسىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئەمما، كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتكەچكە خىزمەتنى ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالمايدۇ. جانغا پاتقان كېسەل ئاخىرى، 1946 - يىلى 11- ئايدا 33 ياشلىق شائىرنىڭ ھاياتىنى بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئېلىپ كېتىدۇ. شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ئىنقىلابىي ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر زامان ئەدەبىياتى سەھىپىسىدە شانلىق ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بۇ بولسىمۇ، بۇ مىراسلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەركىن شېئىرىىيىتىنى مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەنئەنلىرى بىلەن ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ يازغان شېئىرلىرى شائىر ئىجادىنى ئورىگىناللىققا ئىگە قىلىپ، يېڭى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ئۈلۈش قوشتى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەنۋەر ناسىرى | UyghurWiki | UyghurWiki