مەمتىمىن شىپە
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى مەمتىمىن شىپە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە كۈنەس ناھىيسىنىڭ بەشتۆپە دېگەن يېرىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلى تاغىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1962 - يىلدىن 1967 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ مائارىپ ساھەسىدە ۋە <ئىلى گېزىتى> دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
مەمتىمىن شىپەنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 60 - يىللاردىن تارتىپ باشلانغان، 1977 - يىلى تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ <داڭلىق ئوغۇل>، <ئانا ۋە بالا>، <يېڭى باشلىق>، <بۇمۇ ئۆتمۈش>، <ئاخىرقى ئۆتۈنۈش> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.
مەمتىمىن شىپەنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يېڭى باشلىق> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <بىرەھىم كىشى> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <بۇمۇ ئۆتمۈش> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
مەمتىمىن شىپە ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.