موللا ئەلى بىننى موللا ئىمىن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر موللا ئەلى بىننى موللا مىلادى 1835 - يىلى شايار ناھىيىسىنىڭ چارتاق كەنتى تال تېرەك مەھەللىسىدە (ھازىرقى گۈلباغ رايونى تەۋەسى) نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. شائىرنىڭ دادىسى ئىمىن موللا مەرىپەتپەرۋەر، بىلىملىك ئادەم بولغاچقا، ئوغلىنىڭ تەربىيىسگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. كىچىكىدىنلا بىلىم ئىگىلەشكە ئىجتىھات بىلەن بېرىلگەن ئەلى ياشلىق مەزگىللىرىدىلا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، بىلىمى ۋە خەتتاتلىق ساھەسىدىكى قابىلىيىتى بىلەن تونۇلغان. ئۇ 30 ياشقا كىر گىنىدە شۇ ۋاقىتتىكى شايار ھۆكۈمرانى قادىر ھېكىمبەگنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا ئېرىشىپ، مىرزىلىققا تەيىنلەنگەن. ھېكىمبەگ مەھكىمىسىدىكى ناھەقچىلىكىلەر ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن يۈرىكى سىقلىغان ئەلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن مىرزىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز مەھەللىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان. كېيىن ئۇ يەرلىرىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋېتىپ ناھىيە بازىرى ئىچىگە كۆچۈپ كىرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇ ھەج قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەرنى زىيارەت قىلغان ۋە قايتىپ كېلىپ، 1902 - يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان.
شائىر موللا ئەلى ئۆز ئۆمرىدە يازغان شېئىرلىرىنى رەتلەپ «دىۋان ئەلى» نامىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى تۈزۈپ، ئۇنى ئۆز قەلىمى بىلەن تۆت نۇسخا قىلىپ كۆچۈرۈپ چىققان، ئۇنىڭ بىر نۇسخىسى نەۋرىسى تاش ئىمىن ھاجى تەرىپىدىن تەۋەررۈك مىراس سۈپىتىدە ساقلانغان.
«دىۋان ئەلى» 164 بەت بولۇپ، پاتلانغان خوتەن قەغىزىگە چىرايلىق يېزىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق مەسنەۋى، غەزەل، مۇرەببە ۋە مۇخەممەس شەكلىدە يېزىلغان شېئىردىن قۇرۇلغان. دىنىي ئەقىدىلەرگە، پەند - نەسىھەتكە بېغىشلانغان شېئىرلار دىۋاندا ئاساسىي سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شائىر يەنە كىشىلىك ئەخلاق، ئىلىم - ھۈنەرنىڭ خاسىيىتى، مەرىپەتپەرۋەر بولۇش، ئەمگەكنى ئۇلۇغلاش، سېخلىق، مۇلايىملىق ۋە ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق، پاك مۇھەببەت ... قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتىدۇ. دىۋاندىكى ئۆزىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان تىپىك شېئىرلاردا بولسا شائىر جاھالەتلىك قارا زامان ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ، تەكەببۇر، مەنسەپدارلارنى، مەنسەپدارلارنى، جاھىل پىتنىخورلارنى، ئاچكۆز نەپسانىيەتچىلەرنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ. شائىر:
غېرىبلار كۆڭلىنى ئالماق، نە ھاجەت مەككىگە بارماق،
ئەگەردە ئاقىل ئەرسەڭ سەن ئەمەس لازىم بايان قىلماق.
ئەگەر كەلسە قولۇڭدىن سەن بىراۋنى شادىمان قىلماق،
بايان قىلسام بۇرادەرلەر ساۋاب ھەج ئەكبەرى (ھەججە ئەكبەر - چوڭ ھەج مەنىسىدە.) قىلماق،
شىپالىقنى ئاتا ئەيلەپ غېرىبنى شادىمان قىلدىڭ.
دېگەن مىسرالىرىدا غېرىب - غۇرۋالارغا شەپقەت قىلىش، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، غەرەرسىز ۋە خالىس مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خۇشاللىق بېغىشلاشنى ئىسلام ئېتىقادىدا ئەڭ چوڭ پەرز ھېسابلانغان ھەج قىلىشتىنمۇ يۈكسەك ئورۇنغا قويىدۇ.