ئابلىكىم روزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابلىكىم روزى 1946 - يىلى ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىگە تەۋە ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاتۇشتا تاماملاپ، 1957 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئۇقۇشقا كىرگەن، 1963 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1978 - يىلغىچە مائارىپ ۋە تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئىشلىگەن، 1980 - يىلدىن بۇيان <قەشقەر گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلىكىم روزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1962 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <سۆيگۈنۈمسەن گالىستۇك> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئاساسەن ئىزچىل تۈردە بالىلار شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <سەككىز دوستىنىڭ سۆھبىتى>، <ئۆسمۈرلەر ئارزۇسى> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن بالىلار ئەدەبىياتى شائىرىغا ئايلانغان.
ئابلىكىم روزىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قارلىغاچ> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئۈمىد غۇنچىلىرى> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى <شېكەرىستاندىكى ناخشا> قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزلگەن، ئابلىكىم روزى يەنە <سەبىيلەر كۈلكىسى( ناملىق يۇمۇرلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىغان.
ئابلىكىم روزى ھازىر مۇدىر مۇھەررىر، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.