UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىراخمان رۇسۇل

راخمان رۇسۇل

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى راخمان رۇسۇل 1947 - يىل 11 - ئايدا پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1960 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1963 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ پەيزىۋات ناھىيسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، 1979 - يىلغىچە ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى، مىشا يېزىسى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن، 1979 - يىلى ناھىيلىك رادىئو ئۇزېلىغا يۆتكەلگەن. مۇشۇ يىللاردا ئۇ شىنجاڭ رادىئو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ھازىر پەيزىۋات ناھىيلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. راخمانجان رۇسۇل ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1983 - يىلى <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ئۇ يەنە شېئىر ئىجادىيىتى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجادىيىتى، ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىغان. راخمان رۇسۇلنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تۆمۈر دارۋازىلىق ھويلا> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ئىناۋەتسىز قارار> (1995 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بەزى ھېكايىلىرى <ئاچقۇچ>، <گۈلدۈرمىگە تۆكۈلگەن ھەسرەت>، <ئاجايىپ ئالتۇن> قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. راخمانجان رۇسۇل ھازىر مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
راخمان رۇسۇل | UyghurWiki | UyghurWiki