ئادىل تۇنىياز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئادىل تۇنىياز 1970 - يىل 10 - ئايدا قاغىلىق ناھىيسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىق ناھىيسىدە تاماملاپ، 1988 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1993 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملىغان. ھازىر شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئادىل تۇنىياز 1983 - يىلى <شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <سۈزۈك سۇ> ناملىق شېئىرى بىلەن شېئىرىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا <سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا>، <سەھرادىكى غېرىب كۈلبەمدە>، <چۈشكە قايتىش>، <كىچىككىنە كەنت بازىرى> قاتارلىق شېئىر - داستانلارنى ئېلان قىلىپ، مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئۇنىڭ <سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1992 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. <كىچىككىنە كەنت بازىرى> شېئىرى تۇنجى قېتىملىق <ئالتۇن چاغ> مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئادىل تۇنىياز ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.