ھىرقەتى (گۇمنام)
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ھىرقەتىنىڭ قىسمەن تەرجىمىھالى ئۇنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام» ناملىق لىرىك داستانىدن بىزگە مەلۇم. شۇ داستان ئاساسىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شائىر مىلادىيە 1634 - يىلى كاشىغەر (قەشقەر) شەھىرىنىڭ تازغۇن (ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە) نىڭ «باغچى» يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. «يېڭىشەھەر ۋە قەشقەردىكى مەشھۇر ساجىيە مەدرىسىدە 16 يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەرەب، پارس تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەرەب ھەم شەرق ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرى بىلەن تونۇشقان. كېيىنچە ئۆزىنىڭ ئاتا كەسپى بولغان باغۋەنچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. 30 ياشقا تولغان مەزگىلىدە دادىسى خوجامقۇلى بىلەن بىرگە ئاپاق خوجا ھۇزۇرىدا باغۋەن، چىراغچى، كاۋاپچى بولۇپ ئىشلىگەن.»
ھىرقەتىنىڭ بالاغەتكە يېتىپ، ئۆز ئىجادى بىلەن پەرۋاز قىلىشقا كىرىشكەن مەزگىللىرى يەكەن (سەئىدىيە) خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە، يەنى خانلى پۈتۈن ئالتىشەھەردە يامراپ كەتكەن تەسەۋۋۇپنىڭ سوپى - ئىشانچىلىق ئېقىمىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان يولسىز ھەرىكەتلىرى، پاراكەندىچىلىكى، تەھدىت - ئارىلىشىشلىرى نەتىجىسىدە ئېغىر كرىزىسكە دۇچ كەلگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە قەشقەرگە چەتتىن كەلگەن تەسەۋۋۇپچى سوپى - ئىشان خوجىلارىڭ ئەۋلادى بولغان ھىدايتۇللا (ئاپاق) خوجا بوۋىسىنىڭ جەندىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، بوۋىسى تۈزگەن «ئىشقىيە» سۈلۈكنىڭ پىر - ئۇستازى ئورنىغا كۆتۈرۈلۈپ، مىستىك تەسەۋۋۇپ - سوپى - ئىشانچىلىقنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھردە زور تەسىر كۈچىگە ئىگە پىرى سۈپىتىدە تونۇلغانىدى. ئۇ ئەينى مەزگىلدە «خوجام پاشا» دەپ ئاتالغان بولۇپ، قەشقەر ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇنىڭ مۇرتلىرىغا ئايلانغان. شۇ جۈملىدىن، ھىرقەتىمۇ دادىسى بىلەن بىللە ئۆز يېزىسىدىكى ھىدايتۇللا خوجىنىڭ يازلىق قارار گاھى، «گۈلباغ» دەپ ئاتالغان باغدا ئىشلەش جەريانىدا ھىدايتۇللا خوجىغا مۇرىت بولغان ۋە پەيدىنپەي ئۇستازىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىن بىرى، «ئەھلى ھىرقە» پېشۋاسى بولۇپ تونۇلغان.
1957 - يىلى شائىر ئەرشىدىن تاتلىق يەكەنلىك سايىم ئاخۇن دېگەن كىشىدىن ئېلىپ كەلگەن، باش - ئاخىرى تولۇق بولمىغان بىر قول يازما غەزەللەر توپلىمى (كۆچۈرمە نۇسخا) دىن بىر قانچە غەزەل شائىرت. ئېلىيۇپنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 1963 - يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ غەزەللەر «گۇمنام» )پارسچە: نامسىز، نامى ئۆچكەن( تەخەللۇس شائىرنىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى:
«كاشىغەر شەھىرىدىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،
دىلكۇشا ئىشرەت فەزا ھەر سەبزە زارى كاشىغەر.»
دېگەن مىسرالار ھەمدە «نەھ جەت ھەججى ئەكبەر كاشىغەر ئىچرە مەزارىم بار» دەپ باشلانغان غەزىلىدىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ تۆۋە - ئىستىغبار مەزمۇنىدا يازغان:
«ئاتام ئاتى خوجەم قۇلى خوجەدۇر،
زاھىرى قۇل ھەقىقەتى خوجەدۇر.»
دېگەن مىسرالاردىن، شۇنىڭدەك شائىرنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى قاتارلىق تەرەپلىرىدىن كىشىلەر «گۇمنام بىلەن ھىرقەتى بىر كىشىمۇ قانداق؟» دېگەن ھېسسىياتقا كېلىشكەنىدى.
«تەركىرەئى قەلەندەران» ئەسىرىنىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك بىر تارىخىي پاكىت بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ بولسىمۇ، ھىرقەتى بىلەن گۇمنامنىڭ بىر شەخس ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشىدۇر.
«تەزكىرەئى قەلەندەران» نىڭ ئۈچىنچى لەۋھەسىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ:
«پىرمەت سېتارى رىۋايەت قىلىدىكىم، بىر نەچچە پۇرسەت پېقىر ۋە مەشرەبى مەجزۇب خوجام پاشانىڭ يازلىق قارارگاھى بولمىش گۈلباغ مەۋزەئىنىدىكى بېغىدا خىزمەت ئاداسىدا بولدۇق. مەزكۇر باغ رەۋزائى رىزۋاندىن نىشانە ئىدى. جەننەتسىمال باغنىڭ مۇتەسەددىسى خوجا پاشا خشەلىرى بولمىش مۇھەممەد ئىمىن خوجامقۇلى ھىرقەتى ئىدى. مەزكۇر ھىرقەتى يەنە گۇمنام تەخەللۇس قىلۇر ئەردى. ئانىڭ قەلەمدىن بەغايەت پۇرمەئنى ئەبياتلار زۇھۇرغا كەلمىشدىكىم، گۇمنام ئۇلارنى بىر يەرگە جەملەپ ئەشئار دىۋانى ھەم تەرتىپ بەرمىشتى.»
گۇمنامىنىڭ مەشرەپكە مۇشائىرە سىدىدكىىز گۇمنام بىلەن مەشرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنى كۆرۈۋالىمىز.
گۇمنام مۇنداق دەيدۇ:
«تاپىپ مەشرەپ يولىن تەرك ئەيلە زاھىدلىق يولىن گۇمنام،
ئېمەسمەن چىزى تائەت، مەي ئىچىپ مەستانە مەشرەپ مەن.»
بى مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى قويۇپ، گۇمنام غەزەللىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئۆتكىنىمىزدە، ئۇنىڭدا تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىغا ئورتاق بولغان «ئىشق - ئاشىقلىق» نىڭ ئاساسىي ئورۇن تۇتۇش بىلەن بىللە، يەنە بۇ دۇنيادىكى گۈزەللەر، گۈزەللىكلەر، دوستلارغا بولغان سۆيگۈنىڭمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى، كۆپلىگەن تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ دۇنيادىكى گۈزەللىكلەر ئاللاھ گۈزەللىكىنىڭ ئۇلاردا ئەكس ئېتىشى بولۇپ، ئۇنى سۆيۈشمۇ ئاللاھنى سۆيۈشتۇر. ئاللاھنى ئۆز قەلبىگە پۈككەن )ئاللاھ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان( قەلبى نۇرلۇق كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىنسانىي سۆيگۈسىمۇ ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ ئىنساندا نامايەن بولۇشى ھېسابلىنىدۇ، مەلۇمكى، ئاللاھ ھەر بىر شەيئىدە نامايەندۇر. شائىر گۇمنامنىڭ تۆۋەندىكى غەزىلىدىن بىز ئانا يۇرت سۆيگۈسىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىسىنى كۆرىمىز:
«مەززەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
ئىشق ئېلىنىڭ قىبلە گاھىدۇر مەزارى كاشىغەر،
ئىشقۇ ئۇلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ مېھنەت جۇش ئېتەر،
تۇپراقى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشىغەر،
دىلرەبالار باغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۈلگەشتى مۇسەللا سەھىل ئېرۇر،
خۇلددىن ئەفرۇن تۈمەننىڭ لالەزارى كاشىغەر.
ئەيش ئېلىگە خاردىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئېسى،
چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارۇ زارى كاشىغەر.
ئۇدۇ ئەنبەر تۇفراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇررۇ مەرجان تاشلارىدۇر كۇھسارى كاشىغەر.
ياپەرى ياھۇر ياباغى ئىرەم ياد ئەيلەمەس،
شەھىرىنى ئۇنتار بولۇر ھەر كىم دۇچارى كاشىغەر.
ھۇشمەندۇ دەردمەندۇ مەردۇ زەندۇر لەب چۇقەند،
نارى خەندان، سىبى رەئنا، ھەر نە بارى كاشىغەر.»
شائىر گۇمنام پاك ئىنسانىي سۆيگۈ تېمىلىرىدا ئۇستاز ئەلىشىر نەۋائىغا يېقىندىن ياندىشىدۇ. مەسىلەن:
«قايسى توبى جىلۋەسى سەرۋى خىرامانىڭچە بار،
قايسى كەۋسەرنىڭ زۇلالى ئابىھەيۋانىڭچە بار.»
)نەۋائى(
«قايسى گۈلشەن گۈلبۇنى سەرۋى خىرامانىڭچە بار،
قايسى گۈلبۇن ئۈزرە غۇنچە لەئلى خەندانىڭچە بار.»
)گۇمنام(
شائىر گۇمنام ئۆزىنىڭ كېيىن يازغان «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام» ناملىق لىرىك داستانىدا «ھىرقەتى» نى تەخەللۇس قىلىدۇ. داستان شائىرنىڭ «ئەھلى ھىرقە» پېشۋاسى بولۇپ تونۇلغان مەزگىلىدە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىغا خاس «ئىشق - ئاشىقلىق» نى ئۆزىگە باش تېما قىلىپ، تەسەۋۋۇپچىلىقنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئۆزىدە ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن ئۇ بۇنىڭدا مىستىك تەسەۋۋۇپ ئىدىيىلىرىگە ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇپنىڭ بىرىنچى ئېقىمنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى بولغان فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇتتەير» ئەسىرىگە ھەمدە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «مەنتىقۇتتەير» ئىزىدىن مېڭىپ ياراتقان «لىسانۇتتەير» ئەسىرىگە يېقىندىن ياندىشىدۇ.
شائىر ھىرقەتى )گۇمنام( ئۆزىنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام» داستانىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىلىرىگە ئىجادىي ۋارسلىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ مەلۇم يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىكى؛ چوڭقۇر لىرىك، رومانتىك پىكىرلەر ئارقىلىق مۇھەببەت بىلەن مېھنەتنىڭ بىرلىكى، ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيىتى مېھنەت ۋە مۇھەببەت پائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇھەببەتنى، ئەمگەكنى، ئادەمنى ئۇلۇغلىغانلىقى، شۇنداقلا، داستاننىڭ يۇقىرى بەدىئىي قىممىتى ۋە بەدىئىي قىممىتى ۋە بەدىئىي تىل نۇقتىسىدىن ئالاھىدە دىققەت - ئېتىبارغا سازاۋەردۇر.