UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلىمىت ھاجى

ئابلىمىت ھاجى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە يازغۇچى ئابلىمىت ھاجى 1937 - يىلى ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىگە تەۋە ئۆڭئېرىق يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1951 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1956 - يىلى بۇ مەكتەپنى تاماملاپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1980 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، كېيىنچە تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1995 - يىلى 8 - ئايدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئابلىمىت ھاجى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1953 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ۋەتەن بار - مەن بار> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بىر ئېغىز سۆز>، <مىسۋاك رىۋايىتى>، <قەھرىمان>، <ئىستەكلىرىم>، <ئالىم>، <ھايات كومېدىيلىرى> قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان. ئابلىمىت ھاجى كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ 80 - يىللاردىن تارتىپ ئاساسلىق زېھنىنى پروزا ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، <ساداقەت>، <گۈلباغ قىزى> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <چىن مۇھەببەت ئۈچۈن>، <ئاتا ئىزىدىن>، <يۇلتۇزلارنىڭ بىرى>، <تولۇن ئاي> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. ئابلىمىت ھاجىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <چېلىش تەنتەنىسى> (ھوشۇر ئىبراھىم بىلەن بىللە، 1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تۇتىيا> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قەمبەرنىسا> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىر - داستانلار توپلىمى، <ئاتا ئىزىدىن> (1982 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، <چىن مۇھەببەت ئۈچۈن> (1990 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېسىت - ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئابلىمىت ھاجى ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىمىت ھاجى | UyghurWiki | UyghurWiki