UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىسرائىل خوجا

ئىسرائىل خوجا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىسرائىل خوجا ئىمىن خوجىنىڭ 5 - ئوغلى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غولام خوجىنى ئىلىغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىگەندىن كېيىن، 1771 - يىلى غولام خوجىنىڭ لۈكچۈن ۋاڭلىقىدىكى بوش قالغان ياردەمچى ھاكىمبەگلىك ئورنىغا ئىسرائىل خوجىنى تەيىنلەيدۇ. 1788 - يىلىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى مەڭلىك خانغا تەۋە بولغان تۇرپان، توقسۇندىكى زېمىنلارنى ئىسرائىل خوجىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل خوجا تۇرپان، توقسۇنلارغا بەگ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى