UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا سىدىق يەركەندى

موللا سىدىق يەركەندى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى موللا سىدىق يەركەندى نەۋائى ئەسەرلىرىنى نەسرىي شەكىلدە ئىجادىي ئىشلەش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىنى راۋان ۋە پاساھەتلىك تىل بىلەن ھېكايىلەشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزارلىقىدا يەنە بىر خۇش پۇراق گۈل ئېچىلدۇرغان ئەدىبلەردىن بىرى. ئەسەر ھىجرىيە 1228 - (مىلادى 1813 -) يىلى يېزىلغان. موللا سىدىق يەركەندى ئۆز ئەسىرى ئۈچۈن نەۋائىنىڭ «خەمسە» سىدىن «ھەيرەتۇل ئەبرار» (ئاپتور بۇ پەلسەپىۋى داستانىدىن 19 - ماقالات _ بەھرام قىسسىسىنى تاللىۋالغان)، «پەرھاد ۋە شىرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «سەددى ئىسكەندەر» داستانلىرىنى، «سەبئەئى سەيياھ» («يەتتە سەيياھ») ئورنىغا نەۋائىنىڭ «لىسانۇتتەير» («قۇشلار تىلى») ناملىق پەلسەپىۋى ئەسىرىنى تاللىۋالغان. «نەسرىي مىرزا مۇھەممەد ھۈسىين بەگ» نى تۈزۈشتە موللا سىدىق يەركەندى ئۆزىنىڭ يېتىلگەن ئەدىب، تىل ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. ئەسەردە ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا، ئۇنىڭدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئامىللىرىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەر تىلشۇناسلىق جەھەتتىنمۇ ئاپتور ئىجادىنى ئورگىناللىققا ئىگە قىلغان. يازغۇچى موللا سىدىق يەركەندى يەنە، نەۋائىدىن ئىلگىرىكىلا «خەمسە» چىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋىنىڭ پارس تىلىدا ياراتقان چوڭ تىپتىكى چۆچەكلەر توپلىمى _ «چاھار دەرۋىش» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. موللا سىدىق يەركەندىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى نامەلۇم. ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتىغا قاراپ ئۇنىڭ 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا سىدىق يەركەندى | UyghurWiki | UyghurWiki