UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەھمەدشا قارىقاشى

ئەھمەدشا قارىقاشى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى جامائەتچىلىكنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، خەلق ئاغزىدىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مەشھۇر ساتىرىك شېئىر «ئات قىسسىسى» نىڭ ئاپتورى ئەھمەدشا تەخمىنەن 18 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا قارىقاش ناھىيىسى قاپاقلا يېزىسى ھالايلى (ھويلا ئالدى) مەھەللىسىدىكى بىر ئوقۇمۇشلۇق دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، تەخمىنەن 19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ۋاپات بولغان. ئەھمەدشانىڭ دادىسى مۇبارەكشا قاپاقلا يېزىسىدىكى مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى ئىدى. ئەھمەدشا دەسلەپكى بىلىمىنى دادىسى قولىدا ئالغان، 17 ياشلارغا كىرگىنىدە قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى _ «خانلىق مەدرىسى» گە بېرىپ ئوقۇغان، ئۇ ئەزەلدىن مودا بولۇپ كېلىۋاتقان ئىشقىي - مۇھەببەت تېمىسىدىن، قەسىدىچىلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆز خاراكتېرىگە مۇناسىپ ھالدا (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ناھايىتى خۇش چاقچاق، ھەزىلكەش كىشى ئىكەن)، دەۋرىدىكى قالاق، سەلبىي تەرەپلەرگە تىغ ئۇرىدىغان ساتىرا (ھەزىل) ژانىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى قىلىپ تاللىۋالغان. ئەھمەدشا قەشقەردىكى ئوۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قارىقاشتىكى «گوزەر» مەدرىسىگە مۇدەرس قىلىپ تەيىنلەنگەن، ئۇ ئاتقا ھېرىسمەن كىشى بولغىنى ئۈچۈن، قەشقەردە بىللە ئوقۇغان، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئاقسۇدا مۇپتى بولغان نەزەر ئىسىملىك ساۋاقدىشىغا 50 تەڭگە يوللاپ، ئاقسۇنىڭ ياخشى ئېتىدىن بىرنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. دەل بىر يىل توشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئاخىرى ساۋاقدىشى ئەۋەتكەن ئاتنى تاپشۇرۇۋالغان. ئاتنىڭ ئەيىب، نۇقسانلىرى كۆپ بولغاچقا ئۇ ئىزا - ئاھانەتكە قېلىپ كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتقان. ساۋاقدىشى نەزەرنىڭ ۋاپاسىز، دىيانەتسىزلىكىگە قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەھمەدشا «ئات قىسسىسى» دەپ ئاتالغان مۇخەممەس شەكلىدىكى بۇ شېئىرنى يېزىپ نەزەر مۇپتىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەھمەدشا قارىقاشى بۇ مۇخەممىسىدە ئۆتكۈر، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلىك ئەخلاققا يات بولغان ئاچكۆزلۈك، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىقتەك ئىللەتلەرنى غەزەپ بىلەن قامچىلىغان. شائىرنىڭ يېقىندا تېپىلغان «مېۋىلەر ۋەسپى» ناملىق ئەسىرى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇنازىرە ژانىرىغا مەنسۇپ نەزمى ئەسەر بولۇپ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن يازما ئەدەبىياتقا كىرگەن مېۋىلەر مۇنازىرىسى تېمىسدىكى ئەسەرلەرگە مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەھمەدشا قارىقاشى | UyghurWiki | UyghurWiki