UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىمىنوۋ ھامۇت

ئىمىنوۋ ھامۇت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىمىنوۋ ھامۇت 1924 - يىلى 8 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئاتاقلىق زىيالى ئىمىن خەلپىتىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئىپتىدائى بىلىمنى ئائىلىسىدە، ئاندىن كېيىن 1933 - يىلى 6 - ئايدا قەشقەردە قۇرۇلغان تۇنجى يېڭى مەكتەپ - نوبېشى مەكتىپىدە ئالدى. 1939 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ دارىلمۇئەلىمىنىدە، كېيىن شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىدە ئوقىدى. ئازادلىقتىن كېيىن 1954 - يىلى ئۇ پارتىيە مەكتىپىدە ئوقىدى. ئازادلىقتىن كېيىن 1954 - يىلى ئۇ پارتىيە مەكتىپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە - ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقىدى. ئۇ ئازادلىقتىن ئىلىگىرى ئىلغار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى. 1944 - يىلى ۋە 1945 - يىللىرى ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىنىدى. 1946 - يىلى7 - ئايدا، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بېرىپ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ۋوزوت كوماندىرى، روتا كوماندىرى، سىياسىي يېتەكچى، رازۋېتكا ئەترەت باشلىقى، باتالىيون كوماندىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۇ 1950 - يىل 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇس 13 - دىۋىزىيە ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى،شىتاب باشلىقى، قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى، ۋالىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئىمىنوۋ ھامۇت خىزمەت جەريانىدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك ھۆرلۈك مېدالى، جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۈچىنچى دەرىجىلىكق ئازادلىق مېدالىغا ئېرىشتى. ئىمىنوۋ ھامۇت 60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا پارتىيە - ھۆكۈمەت ھاۋالىسى بىلەن ئېلىمىزنىڭ تىنچلىق ئەلچىسى سۈپتىدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدە بەش ئايدىن ئارتۇق زىيارەتتە بولۇپ، ئېلىمىزنڭ مۇستەقىل ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ئاساسىدىكى دېپلوماتىيە سىياسىتى، ئېلىمىزنىڭ مىللىي، دىنى، سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ ئېلىمىز خەلقىنىڭ ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىش، دوستانە بېرىش - كېلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىمىنوۋ ھامۇت 10 يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ناھايىتى زور زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەيدانى ئېنىق، ئۆز ئىشەنچىسىنى بوشاشتۇرمىغان ئىدى. ئىمىنوۋ ھامۇت پارتىيە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى كادىر. ئۇ، خىزمەت ئەمىلىيىتى داۋامىدا چېنىققان، مەيدانى ئېنىق، پاك - دىيانەتلىك بولۇپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، بارغىمۇ - يوققىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىمالال ئۆتەلەيدىغان كادىر ئىدى. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ 66 يىللىق ھاياتىنى خۇلاسىلاپ، پەرزەنتلىرىگە قالدۇرغان قىسقىغىنا ۋەسىيەتنامىسىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ۋەتەن - مىللەتكە سادىق، پاك - دىيانەتلىك ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ: « مەن 60 يىلدىن ئارتۇق ياشىدىم، بۇ ماڭا بەرگەن ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر، كىشى بىر قېتىم دۇنياغا كېلىدۇ، ئاخىر ئۆلىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ۋە تەقدىر، ھېچكىم بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن سىلەرنى تەربىيىلىدىم، ئوقۇتتۇم، تېگىشىلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. مەن ئادا قىلالمىغان كۆپ ئىشلار ئاناڭلارغا قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاناڭلار سىلەرگە ئانا ۋە دادا بولىدۇ. ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلڭلار، ئۇنى رەنجىتمەڭلار، بىر - بىرىڭلانى ھۆرمەت قىلىڭلار، يۇلتۇز (چوڭ قىزى - تەھرىردىن) ھەممىڭلاردى چوڭ، ئۇ، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولدى، تۇرمۇشى تەجرىبىسى بار، كۆپ ئىشلاردا ئۇنىڭدىن مەسىلىھەت ئېلىڭلار، تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزسە شۇنداق ئۆتىدۇ، مەن ئاناڭلار بىلەن توي قىلغاندا بىر يوتقان - كۆرپە، بىر پارچە كىگىز بارئىدى، مەيلى ھەربى، مەيلى مەمۇرى خىزمەت قىلغاندا ئائىلە لاۋازىمەتلىرىنى ھۆكۈمەتتىن ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىپ ئۆينى - ئۆي قىلغان (مەدەنىيەت ئىنقىلابى)، مەزگىلىدە بىر جانغا 15 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى بەرگەندىمۇ قەرز قىلىپ چاندۇرماي ئۆتكەن، كېيىن (مەدەنىيەت ئىنقىلابى) مەزگىلىدە تۇتۇپ قالغان مائاش بېرىلگەندە قەرزنى تۈگىتىپ ئاشقىنىغا ئاز - تولا مۈلۈك قىلغان. دېمەكچىمەنكى، ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشى كېرەك. سىلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋدەتتە؛ ئىقتىساتچىل بولۇپ كىرىمگە لايىق چىقىم قىلىشنى ئادەت قىلىپ مۇھتاجلىقتىن ساقلىنىڭلار، مەندىن سىلەرگە مىراش قالىدىغان ھېچ نەرسە يوق، چۈنكى بۇ ئاتىدىن بالىغا مال - مۈلۈك مىراس قالىدىغان زامان ئەمەس، دادامدىن قالغان قەشقەردىكى بىر قانچە ئېغىز كونا ئۆينى رېمونت قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۈچ بالىنىڭ تويىنى قىلارمەن دېگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى، بۇ ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم. ئەمدى ھەممە ئىش ئاناڭلارغا قالدى - ئاناڭلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ! مەن ھاياتىمدا پۇل مالغا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، خەلقىم ۋە باشقىلار ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىدىغان ھەممىنى قىلدىم. ئىناۋىتىمنى ساقلاپ قالدىم. مېنىڭ نامىمىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار. دوستقا ئىزا، دۈشمەنگە كۈلكە بولىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. شۇنى تەكرارلايمەنكى: ئادىل - ساپ نىيەت، ئەمگەك سۆيەر، ئىنتىزامچان، ئىقتىسادچىل، ئەخلاقلىق بولۇپ ياشاڭلار . . . ». ئىمىنوۋ ھامۇت 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 66 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى