UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىتېيىپجان ھادى

تېيىپجان ھادى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ھادى 1925 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭمەھەللە دېگەن يېرىدە دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1933 - يىلدىن 1937 - يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1940 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە غۇلجىدىكى <ئىلى> مەكتىپىدە ئۇقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلات بۆلۈمىدە كاتىپ ۋە باشقا جايلاردا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن، 1952 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە ھەر خىل ناھەقچىلىكلەرگە ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ، نۇرغۇن رىيازەت چەككەن، 1982 - يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە <ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى> مەجمۇئەسىنىڭ مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 - يىل 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن غۇلجىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. تېيىپجان ھادى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1943 - يىلى ئېلان قىلغان <بىر كۈنلۈك ياتاق> ناملىق ھېكايىسى بىلەن ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، 80 - يىللاردىن باشلاپ ھېكايىچىلىق ئىجادىيىتىگە يېڭىۋاشتىن كىرىشىپ <پالۋان كەلدى>، <چورۇق ھېكىم>، <ئاق ئۆستىڭىم، ئاق>، <باتۇر كەلدى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل تارىخىي ھېكايىلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. تېيىپجان ھادى يەنە تارىخ تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ئىلى خەلقنىڭ بىر قانچە تارىخىي ناخشىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە>، <سادىر پالۋان ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن تېپىلغان قوشاقلىرى ھەققىدە>، <غۇلجا ئاتالغۇسى ۋە غۇلجا شەھىرى توغرىسىدا>، <ئىلى گۇڭ، بەگلىرى ۋەئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. <ئىلى تارىخىدىن ئىزلار> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى تېخى تولۇق تاماملىمايلا ئالەمدىن ئۆتكەن. تېيىپجان ھادى ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تېيىپجان ھادى | UyghurWiki | UyghurWiki