تونيۇقۇق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ۋە زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 5 - ئەسىرلەردىلا تۇرپان ئويمانلىقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغانلىقى، مانىخىي دىنىي ئەدەبىياتى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «خۇئاستۇئانفت» («تۆۋە دۇئاسى») نىڭ مىلادى 5 - ئەسىردە بۆتۈرمىش تارقان ئىسىملىك كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ مەزگىللەردىلا ئۆز ئەدەبىي تىل - يېزىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مىلادى 8 - 9 - ئەسىرلەرنى ئۆزىگە دەۋر قىلغان «مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكرلىقلىرى» دەۋرىدىن ئاۋۋالقى ئەسىرلەردىن بىزگە «خۇستۇئانفت» تىن باشقا بىرەر ئەدەبىي يادىكارلىق يىتىپ كېلەلمىگەن. شۇڭلاشقىمۇ، بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىي نامايەندىلىرى ئۈستىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا، ئالدى بىلەن مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرى ئاپتورلىردىن بىرى، دۆلەت ئەربابى ۋە ئەدىب تونيۇقۇقنى تىلغا ئالىمىز.
سىياسىي - ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتتا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مۇھىم رول ئوينىغان كۆك تۈرك خاقانلىقى دەۋرى (552 - 744 - يىللار) دا ئۆزىنىڭ پاراسەتلىكى ۋە دانىشمەنلىكى بىلەن تونۇلغان تونيۇقۇق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتۇشقا تېگىشلىك ئەدىبلەردىن بىرى، تونيۇقۇقنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلىپ تاشقا ئويۇلغان ئورخۇن يېزىقىدىكى «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دىن باشقا ماتېرىيال يوق. «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» مىلادىيە 712 - 716 - يىللار ئارىلىقىدا تىكلەنگەن بولۇپ، مەڭگۈ تاش تېكىستى ئىككى پارچە تاشقا، جەمئىي 62 قۇر قىلىپ ئويۇلغان ھەمدە ئۇ 1897 - يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايىن - چوقتو دېگەن يېرىدىن تېپىلغان.
تونيۇقۇق كۆك تۈرك خاقانلىرىدىن ئېلتەرش خاقان (682 - 691 - يىللار)، قاپاغان خاقان (716 - يىل) ۋە بىلگە خاقان (734 - يىل) قاتارلىقلارغا باش ۋەزىر، مەسلىھەتچى بولغان ھەمدە يۇقىرىقى خاقانلارنىڭ خانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ ھەقتە «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» نىڭ 51 - 52 -، 54 - 58 - قۇرلىرىدا: «... قاپاغان خاقان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا، مەن قاپاغان خاقانغا ياردەملىشىپ، ئۇنى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم، تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم. كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم. قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم، قارا تەرلىرىمنى ئاققۇزدۇم. مەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم..... ئېلتەرش خاقان تىرىشمىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشمغان بولسام دۆلەت ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى. ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن، دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى، خەلق يەنىلا خەلق بولدى. ئۆزۈم قېرىدىم، ئۇلۇغ بولدۇم. ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق، خەلقلەردە مەندەك ئادەم بولىدىكەن، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن؟ تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق (بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى) يازدۇردۇم....» «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 - يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى) نىڭ 60 -، 61 - بەتلىرىگە قارالسۇن.
مەڭگۈ تاش تېكىستىدىكى بايانلاردىن تونيۇقۇقنىڭ تۈرك خاقانلىقىدا ئوينىغان مۇھىم رولنىلا ئەمەس، شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئۆز زامانىسىدا يېتىشكەن ئەدىب ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىش مۇمكىن. مەڭگۈ تاش تېكىستى مۇقەددىمە، ئاساسىي تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى دەۋر رېئاللىقى كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر ئەكس ئەتكەن جانلىق، ئوبرازلىق بايانلار، بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى رەڭدارلىق ۋە ئۆزگىچىلىكلەر بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستىنى ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخىي رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى قىممەتلىك ھۆججەت، تىل - ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم يادىكارلىقى ئورنىغا قويۇپ كەلدى. 1950 - يىللاردىن كېيىنكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرىدە «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» ئوخشاش بىر قاتار مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزىگە خاس تىل خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن باغلىق بولغان قەدىمكى نەزىم ئەنئەنىلىرى بىلەن بىرىككەن ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئالاھىدە بىر شېئىرىي شەكىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» تونيۇقۇق ھايات مەزگىلىدە تىكلىگەن تۆھپە مەڭگۈ تېشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بايانلاردىن تونيۇقۇقنىڭ 7 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 8 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلدە ياشىغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن. خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردە تونيۇقۇق تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق دۆلەت قۇرغۇچى سەركەردىلەردىن لىجىڭ، شۇجى قاتارلىقلار بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇلغان. مەسىلەن، «كونا تاڭنامە» 194 - جىلد، «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە: «تونيۇقۇق تەمكىن، پاراسەتلىك، ياشانغان دانىشمەن بولۇپ، لىجىڭ، شۇجىلار بىلەن بىر قاتاردا تۇراتتى.» دەپ يېزىلغان.