ئابلەت ئابدۇللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابلەت ئابدۇللا 1946 - يىل 11 - ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ پۇشمان مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1953 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1962 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە غۇلجا ناھىيىسى <قىزىل يۇلتۇز> يېزىسىنىڭ سانائەت بىرلەشمە كارخانىسىدا، 1976 - يىلدىن 1983 - يىلغىچە يېزىلىق رادىئو - ئۇزىېلىدا ئىشلىگەن، 1983 - يىلدىن ھازىرغىچە غۇلجا خەلق رادىئو ئىستانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1957 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <كانىكولدا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <سابىق كاپىتان پوستتا تۇرغان يەر>، <يۇرت مۇھەببىتى>، <چىدىساڭ ياشا>، <تۇرمۇش> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى ئىجاد قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <ئارزۇ>، <تۇنجى مۇھەببەت> قاتارلىق ھېكايىلارنى يازغان. ئۇ يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، <مايىمخان> قاتارلىق ئەسەرلەرنى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.
ئابلەت ئابدۇللانىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئىلى مۇھەببىتى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىر - داستانلار توپلىمى، <كەنئان باتۇر> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرىي قىسىسى، <ئاق دالا> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <كۈمۈش ئۈزەڭگە> (1992 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئابلەت ئابدۇللا ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.