شاھ مەخسۇت ۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
توققۇزىنچى ئەۋلاد ۋاڭى شاھ مەخسۇت (1930 - 1882) قۇمۇلدا 48 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ. مېھرىبانۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سەرسان بولۇپ، قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە، بويىغا يېتىپ قالغان بىر قىزى بار ئىدى. بۇ قىزىنى ئۇرۇش ۋەھىمىسىدە تاغدا قويچى بولۇپ يۈرگەن تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شاھ مەخسۇتقا ياتلىق قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي مېھرىبانۇ ۋاڭ شاھ مەخسۇتنى ئوردا بەگلىكىگە تەيىنلەپ، ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قويىدۇ. 1882 - يىلى خانلىقتىن شاھ مەخسۇتنى جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىققا تەيىنلەش پەرمانى كېلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قۇمۇلنىڭ ۋاڭى سۈپىتىدە تەختكە چىقىدۇ. ئۇ تەختكە چىقىپلا ھاشا كۈنىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە كېيىنچە يەتتە كۈنگە كۆپەيتىدۇ، شۇداق قىلىپ ئۇ ئوردىنىڭ بايلىقىنى خېلى كۆپەيتىۋالىدۇ. باج -- سېلىق يىغىش، ئالۋانغا ھەيدەش، ھاشا قىلىش، تۆمۈر ھېساب بويىچە چارۋىچىلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇمۇل خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزىدۇ. نەتىجىدە 1907 - يىلى «تورپاقلار قوزغىلىڭى»، 1912 - يىلى «تۆمۈر خەلىپە» قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
شاھ مەخسۇت ۋاڭ 1930 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.